ئامېرىكا بىلەن ئۇكرائىنا تىنچلىق پىلان لايىھەسى تۈزدى
ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا بىلەن ئۇكرائىنا تىنچلىق پىلان لايىھەسى تۈزدىئامېرىكا بىلەن ئۇكرائىنا «يېڭىلانغان ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن» تىنچلىق پىلان لايىھەسى تۈزدى.
ئامېرىكا بىلەن ئۇكرائىنا تىنچلىق پىلان لايىھەسى تۈزدى / Reuters

ئامېرىكا بىلەن ئۇكرائىنا تەرىپىدىن «يېڭىلانغان ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن» تىنچلىق پىلان لايىھەسى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان  قوشما باياناتتا: «سۆھبەتلەردە، پوزىتسىيەلەرنى ماسلاشتۇرۇش ۋە كېيىنكى ئېنىق قەدەملەرنى بەلگىلەش يۆنىلىشىدە ئەھمىيەتلىك ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى» دېيىلدى.

ئاقساراي ئېلان قىلغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا بىلەن ئۇكرائىنا جەنۋەدىكى سۆھبەتلەردىن كېيىن، «يېڭىلانغان ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن» تىنچلىق پىلان لايىھەسى تۈزگەن.

ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ۋاشىنگتوننىڭ يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولغان يىغىنىدىن كېيىن، يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان باياناتتا دېيىلدى:

 «مۇزاكىرىلەردە، پوزىتسىيەلەرنى ماسلاشتۇرۇش ۋە كېيىنكى ئېنىق قەدەملەرنى بەلگىلەش يۆنىلىشىدە ئەھمىيەتلىك ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. كەلگۈسىدە ھاسىل قىلىنىدىغان بىر كېلىشىمنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تولۇق قوغدىشى ۋە سىجىل، ئادىل تىنچلىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەكلىكى قايتا تەكىتلەندى

سۆھبەتلەر <ئىجابىي، مۇۋەپپەقىيەتلىك ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا> ئۆتكۈزۈلدى. ھەر ئىككى تەرەپ ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىش مەسىلىسىدە ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى ئىپادىلىدى. ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى سۆھبەتلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلىدى. بۇ پىلان لايىھەسى يېقىنقى ھەپتىلەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەشلەرنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.»

يىغىنغا پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئەلچىسى ستىۋ ۋىتكوف، ئامېرىكا ھەربىي ئىشلار كاتىپى دانىيېل درىسكول قاتارلىق ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو يېتەكچىلىكىدىكى ئامېرىكا ھەيئىتى قاتناشتى. ئۇكرائىنا ھەيئىتىگە پىرېزىدېنت باش مەسلىھەتچىسى ئاندىرى يېرماك يېتەكچىلىك قىلدى.

« تەۋرەنمەس ساداقەت»

جەنۋەدە يەنە، E3 دۆلەتلىرى (ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيە) نىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىلىرىمۇ ئۇكرائىنا ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى.

باياناتتا ئۇكرائىنا ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە تېخىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىرىشچانلىقلىرى ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە شەخسەن پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ تەۋرەنمەس ساداقىتىگە مىننەتدارلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىپادىلىدى.

ھەر ئىككى ھۆكۈمەت «ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە» ئورتاق تەكلىپلەر ئۈستىدە جىددىي خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ۋە مۇزاكىرىلەر ئىلگىرىلىگەنسېرى ياۋروپالىق شېرىكلىرى بىلەن يېقىندىن ماسلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. باياناتتا، پىلان لايىھەسىگە قارىتا ئاخىرقى قارارلارنىڭ ئامېرىكا ۋە ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىرى تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

 28 ماددىلىق تەكلىپنىڭ ماددىلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەگە قوشۇمچە زېمىن بېرىشى، ئارمىيەسىنىڭ كۆلىمىنى چەكلىشى ۋە ناتوغا كىرىش تەشەببۇسىدىن رەسمىي ۋاز كېچىشى كېرەك ئىدى. ترامپ ئۇكرائىنالىق مەنسەپدىشى ۋولودىمىر زېلېنسكىيغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن پەيشەنبە كۈنىگىچە مۆھلەت بەرگەن ئىدى.

زېلېنسكىي دۇچ كەلگەن قىيىن تاللاشنى «شەرىپىمىزنى يوقىتىش ياكى مۇھىم بىر شېرىكنى يوقىتىش خەۋپى» دەپ تەرىپلىگەن ئىدى.

«رۇسىيەنىڭ يېڭى ھۇجۇمى»

خاركىۋ شەھەر باشلىقى ئىگور تېرېخوۋ رۇسىيەنىڭ خاركىۋ شەھىرىگە قىلغان ئۇچقۇ ھۇجۇمىدا تۆت كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 17 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگور تېرېخوۋ كەچلىك ھۇجۇمنى خەۋەر قىلغان تېلېگرام سەھىپىسىدىكى ئۇچۇرىدا: «ھازىرچە 17 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى مەلۇم. تۆت كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى» دېدى.

 خاركىۋ رايونلۇق ھەربىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئولېگ سىنېگۇبوۋ بولسا ھۇجۇمنى «كەڭ كۆلەملىك» دەپ ئاتىدى.

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز