خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئارگېنتىنا فالكلاند ئاراللىرى مەسىلىسىدە ئەنگلىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىمەكتە
ئارگېنتىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پابلو كۇئىرنو دۆلىتىنىڭ فالكلاند ئاراللىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئىگىلىك ھوقۇق تالاش-تارتىشىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەنگلىيە بىلەن قايتىدىن سۆھبەتلىشىش ئىرادىسىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.
ئارگېنتىنا فالكلاند ئاراللىرى مەسىلىسىدە ئەنگلىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىمەكتە
1982-يىلى ئارگېنتىنا بۇ ئاراللارنى ئىگىلىۋېلىشقا ئۇرۇنۇپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە بىلەن ئارگېنتىنا ئاراللار ئۈچۈن قىسقا بىر ئۇرۇش قىلغان. [ھۆججەت] / AFP

ئارگېنتىنا ھۆكۈمىتى فالكلاند ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە ئەنگلىيە بىلەن ئىككى تەرەپلىك سۆھبەتلەرنى قايتىدىن باشلاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇئېنوس ئايرېس ئارگېنتىنا تەرەپ «مالۋىناس» دەپ ئاتايدىغان بۇ ئاراللارنىڭ  ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە.

مىنىستىر پابلو كۇئىرنونىڭ بۇ باياناتى ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كېئىر ستارمېر باياناتچىسىنىڭ سۆزلىرىگە جاۋاب سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى. ئىلگىرى پېنتاگوننىڭ ئىچكى خەت-چەكلىرىدە ئامېرىكانىڭ فالكلاند ئاراللىرى مەسىلىسىدىكى مەيدانىغا قايتىدىن قاراپ چىقىش تەكلىپى بېرىلگەندىن كېيىن، ئەنگلىيە تەرەپ ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ئەنگلىيەگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

كۇئىرنو ئىجتىمائىي تاراتقۇدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «ئارگېنتىنا جۇمھۇرىيىتى ئىگىلىك ھوقۇق تالاش-تارتىشىغا تىنچ يول بىلەن ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلىش چارىسى تېپىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ھەمدە ئاراللار دۇچ كېلىۋاتقان ئالاھىدە ۋە ئۆزىگە خاس مۇستەملىكىچىلىك ھالىتىگە خاتىمە بېرىدىغان ئىككى تەرەپلىك سۆھبەتلەرنى ئەنگلىيە بىلەن قايتىدىن باشلاش ئىرادىسىنى يەنە بىر قېتىم ئىپادىلەيدۇ.» دېدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 28-فېۋرالدا ئىرانغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىشنى باشلىغاندىن كېيىن، يەر شارى دېڭىز تىرانسپورتىغا تاقىلىپ قالغان ھورمۇز بوغۇزىنى قايتىدىن ئېچىشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن دېڭىز ئارمىيەلىرىنى ئەۋەتمىگەن ناتو ئىتتىپاقداشلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلغانىدى. پېنتاگوننىڭ باياناتىدا، ئىسپانىيەنىڭ ناتو ئەزالىقىنى توڭلىتىپ قويۇش قارىشى كۈنتەرتىپكە كەلگەن بولسا، ئارگېنتىنا ئەتراپىدىكى فالكلاند ئاراللىرىغا ئوخشاش ئۇزۇن مەزگىلدىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ياۋروپا «مۇستەبىت مۈلۈكلىرى»نى ئامېرىكانىڭ دىپلوماتىك قوللىشىنىڭ قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈلىدىغانلىقىمۇ چىقىشمۇ تاللاشلار ئارىسىدىن ئورۇن ئالغانىدى.

1982-يىلىدىكى ئۇرۇش ۋە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدە، ئاراللارنىڭ ئەنگلىيە تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغانلىقى، ئەمما ئارگېنتىنانىڭ يەنىلا ھوقۇق داۋاسى قىلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان. ئارگېنتىنا پىرېزىدېنتى خاۋىئېر مىلېي بولسا، بۇ مەسىلىدە ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. مىلېي جۈمە كۈنى ئۆزىنىڭ X ھېسابىدا ئورتاقلاشقان بىر رادىيو زىيارىتىدە: «بىز ئارگېنتىنا مالۋىنالىرىنىڭ، يەنى ئاراللارنىڭ ۋە پۈتۈن رايوننىڭ ئارگېنتىنانىڭ باشقۇرۇشىغا قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن ئىنسانىي جەھەتتىن مۇمكىن بولغان بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتىمىز. بىز ئىلگىرى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغان دەرىجىدە ئىلگىرىلەۋاتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەنگلىيە بىلەن ئارگېنتىنا، ئارگېنتىنانىڭ ئاراللارنى ئىگىلىۋېلىشقا قاراتقان مەغلۇبىيەتلىك ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن، 1982-يىلى ئاراللارنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قىسقا مۇددەتلىك بىر ئۇرۇش قىلغانىدى. ئارگېنتىنا تەسلىم بولۇشتىن ئىلگىرى تەخمىنەن 650 ئارگېنتىنا ئەسكىرى ۋە 255 ئەنگلىيە ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كېئىر ستارمېرنىڭ باياناتچىسى ئاراللارنىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئەنگلىيەگە تەۋە ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلاپ، جۈمە كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «ئىگىلىك ھوقۇق ئەنگلىيەگە تەۋە، ئاراللارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى ئاساستۇر. بۇ بىزنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مەيدانىمىز بولۇپ، شۇنداق بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.

 

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سۈرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ماگناتى MKE مىسىردا ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تارماق شىركەت قۇردى
مالايشىيادا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بەش كىشى قازا قىلدى
يېڭى زېلاندىيە ئىسرائىلىيەنى  قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇستىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنى 30 كۈن ئىچىدە تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈردى
كانادانىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان قايتۇرما تاموژنا بېجى رەسمىي يولغا قويۇلدى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
تۈركىيە مۇداپىئە ساھەسىدىكى تېخنولوگىيە تەجرىبىلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە يۆتكەشنى نىشان قىلماقتا
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
نېپال-خىتاي چېگراسىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر 1 مىڭ 400 گە يەتتى
ۋېنگىرىيە 10 رۇسىيەلىك دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى