سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ھىندىستان سۇ كېلىشىمىنى بىكار قىلغاندىن كېيىن، خىتاي پاكىستاننىڭ سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتى
بىر دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، سۇ ئامبىرىنىڭ بېتون قۇيۇش ئىشلىرى باشلانغان بولۇپ، بۇمۇ تېزلىتىلگەن تەرەققىيات مۇساپىسىنىڭ ھالقىلىق بىر باسقۇچىغا ئىشارەت قىلىدىكەن.
ھىندىستان سۇ كېلىشىمىنى بىكار قىلغاندىن كېيىن، خىتاي پاكىستاننىڭ سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتى
خىتاي پاكىستاننىڭ موھماند سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەتتى / AP

«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچىتىسى» گېزىتىنىڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي پاكىستاننىڭ خەيبەر پاختۇنخۋا ئۆلكىسىگە جايلاشقان موھماند سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىدىكەن.

بۇ سۇ ئامبىرى ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش، كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش، سۇغىرىش ۋە سۇ بىلەن تەمىنلەش مەقسەتلىرى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن بولۇپ، 800 مېگاۋات (MW) سۇ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئىشلەپچىقىرالايدىكەن ۋە خەيبەر پاختۇنخۋانىڭ پايتەختى پېشاۋەرنى كۈنىگە 1 مىليارد 140 مىليون لىتىر ئىچىملىك سۈيى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

خىتاي دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئېنېرگىيە قۇرۇلۇش شىركىتى 2019-يىلىدىن بۇيان موھماند سۇ ئېلېكتىر تۈرى ئۈستىدە ئىشلەۋاتقان بولۇپ، بۇ تۈرنىڭ كېلەر يىلى پۈتۈشى پىلانلانماقتا.

خىتاي دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى (CCTV) يېقىندا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتتا، سۇ ئامبىرىغا بېتون قۇيۇش ئىشلىرىنىڭ باشلانغانلىقى، ھەمدە بۇنىڭ «پاكىستاننىڭ ئەڭ چوڭ تۈرلىرىنىڭ بىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا نىسبەتەن ھالقىلىق بۇرۇلۇش نۇقتىسى ۋە تېزلىتىلگەن تەرەققىيات باسقۇچى» ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.

بۇ بايانات، ھىندىستاننىڭ، پاكىستاننىڭ پاھالگامدا [ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىردە] 22-ئاپرېل يۈز بېرىپ، 26 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قوراللىق ھۇجۇمدىن كېيىن، ئون نەچچە يىللىق ھىندى دەرياسى سۇ كېلىشىمىنى بىر تەرەپلىمە ھالدا توختىتىپ قويۇشىدىن كېيىن ئېلان قىلىندى. يېڭى دېھلى پاكىستاننى مەزكۇر ھۇجۇمغا ئارىلاشتى دەپ ئەيىبلىگەن بولسا، ئىسلامئاباد بۇ ئەيىبلەشلەرنى قەتئىي رەت قىلدى.

ئىككى كونا رەقىب ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي سۈركىلىش 6-ماي كېچىسى يېڭى دېھلىنىڭ پاكىستان ۋە پاكىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىرگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىشى بىلەن باشلاندى. بۇ ئەھۋال، 10-ماي ئىسلامئابادنىڭ، ھىندىستاننىڭ شەرقىدىكى ھەربىي ئورۇنلار ۋە ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىرگە قارىتا ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى قوزغىشى بىلەن نەتىجىلەندى.

لېكىن، ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكى بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىندى ۋە بۇ كېلىشىم ھازىرمۇ كۈچكە ئىگە. ئىككى رەقىب ئارمىيە «ھوشيارلىق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن ئىشەنچنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرى»نى» داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلدى.

يېڭى دېھلى كەشمىر مەسىلىسىنى ئىسلامئاباد بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك مەسىلە دەپ كۆرسەتسىمۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ (ب د ت) 1947-يىلىدىن بۇيان كەشمىر مەسىلىسىنى ئومۇمىي خەلق ئاۋازىغا قويۇشنى تەلەپ قىلىدىغان نۇرغۇن قارارلىرى مەۋجۇت. ھالبۇكى، بۇ قارارلارنىڭ ھېچقايسىسى تېخى ئىجرا قىلىنمىدى.

ئىزدىنىڭ
سۈرىيە «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلدى
باڭلادېش «مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى» گە قاتنىشىشقا قىزىقىۋاتىدۇ
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن فىرانسىيە پەلەستىن دۆلىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: زۆرۈر تېپىلسا، ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىمىز
سۈرىيەنىڭ تەدمۇر شەھىرىدە ئەسكى-تۈسكى يىغقۇچىنىڭ قاپچۇقىدىكى بومبا پارتلاپ، بىر كىشى ئۆلدى
خىتاي ۋە ئىيوردانىيە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ: «ئىران پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇۋاتىدۇ»
شارا: سۈرىيە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى
ھايتىدا شايكىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 43 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كراسنودار رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ئومان دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر نېفىت تانكېرى زەربىگە ئۇچرىدى
رۇسىيە: ئەنگلىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 422 گە يەتتى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى مۇقىمسىزلىققا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى دوست-دۈشمەنگە جاكارلىدۇق
ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەتە تېھرانغا بارىدۇ