تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان: تۈركىيەنىڭ غەززە مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىنىڭ توغرىلىقى تارىخ تەرىپىدىن ئىسپاتلىنىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئېكسپورت سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى.
ئەردوغان: تۈركىيەنىڭ غەززە مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىنىڭ توغرىلىقى تارىخ تەرىپىدىن ئىسپاتلىنىدۇ
شىرىيە: ئەردوغان تېررورچىلىق تەشكىلاتلىرىنىڭ قورالنى تاشلاشقا چاقىردى / سۈرەت: AA (AA) / AA

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، 2024-يىلنىڭ ئاخىرقى ھەپتىلىرىدە سۈرىيەدە پارلىغان ئەركىنلىك ۋە ئادالەت قۇياشىنىڭ 2025-يىلى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى زۇلمەتكە چۈمدۈرگەن غەززە ئاسمانلىرىدىمۇ پارلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «13 يىل مابەينىدە سۈرىيەنى يالغۇز تاشلاپ قويمىغىنىمىزدەك، 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىمىزنىمۇ يالغۇز تاشلاپ قويمىدۇق. ھەرخىل يوللار ئارقىلىق ئەۋەتكەن 100 مىڭ توننىلىق ئىنسانىي ياردەم بىلەن غەززەلىك مەزلۇملارنىڭ يۈكىنى ئازراق بولسىمۇ يېنىكلىتىشكە تىرىشتۇق» دېدى.

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنى تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ئۈچۈن دىپلوماتىك ساھەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بارلىق تىرىشچانلىقلارنى قوللىغانلىقىنى ھەم ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئىسرائىلىيە بىلەن سودا مۇناسىۋىتىنى تولۇق توختاتقان بىردىنبىر دۆلەت يەنىلا تۈركىيە بولدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

غەززەدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ تېزدىن توختىتىلىشى ۋە مەڭگۈلۈك تىنچلىققا بارىدىغان يولنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن كۈچلۈك تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان: «سۈرىيەدە دېگىنى توغرا چىققان تەرەپ بىز بولغان بولساق، غەززە كىرىزىسىدىمۇ تارىخ بىزنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىمىزنى ئىسپاتلايدۇ. (ئۇلار) تۈركىيەنىڭ ئادالەت، تىنچلىق ۋە مېھرى-شەپقەت تەرەپدارى پوزىتسىيەسىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
قازاقىستاندا بىر پارلامېنتلىق قۇرۇلتاي سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى
ئامېرىكا سوتى 75 دۆلەتكە قويۇلغان كۆچمەنلىك ۋىزىسى چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا يەنە بىر قېتىم بېسىپ كىردى
رۇسىيەنىڭ «Ozon» شىركىتىگە تەۋە ئۈچ ئامبار ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
بېسېنت: ئىران مەسىلىسىدە ئاخىرقى باسقۇچقا كىردۇق
ئىراق ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورتاق بىخەتەرلىك كېڭىشى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى
سۈرىيە ۋە ئىسرائىلىيە ھەيئەتلىرى ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا باج كىرىزىسى يۈز بەردى، ترامپ كانادا ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 73 مىڭ 419 غا ئۆرلىدى
ئامېرىكا ب د ت غا بولغان 5 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قەرزىنىڭ بىر قىسمىنى تۆلەشنى پىلانلىماقتا
نېتانياھۇ سىياسىي سايلامنى كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن جىددىيچىلىكنى ئاشۇرىشى مۇمكىن
پېزەشكىيان: ئىران "نە ئۇرۇش، نەتىنچلىق" ۋەزىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى خالايدۇ، يول قويۇشنى رەت قىلىدۇ
نېتانياھۇ: باش مىنىستىلىق مۇددىتىم بويىچە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت بەرمەيمەن
تورنىڭ سۇلتانلىرى ياۋروپا ئالىي دەرىجىلىك مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى مۇسابىقىسىگە چۈشىدۇ
پاكىستان ۋە مالايسىيا بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كېلىشتى