مېلونى: ئامېرىكا بىلەن تۈزۈلگەن ھەربىي بازا كېلىشىمىگە رىئايە قىلىمىز، ئەمما ئۇرۇشقا كىرمەيمىز

ئىتالىيە باش مىنىستىرى جورجىيا مېلونى ئىتالىيەنىڭ ئۆز زېمىنىدىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىنى ئىرانغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئۈچۈن ئىشلىتىش توغرىسىدا ھەرقانداق تەلەپ تاپشۇرۇۋالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

By
Meloni dedi, bu ehval aldin perez qighilmaydighan aqivetlerge échip bérishi mumkin bolghan keskinlishish xeterini tugdurdi. / AP

ئىتالىيە باش مىنىستىرى جورجىيا مېلونى ئىتالىيەنىڭ ئۆز زېمىنىدىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىنى ئىرانغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئۈچۈن ئىشلىتىش توغرىسىدا ھەرقانداق تەلەپ تاپشۇرۇۋالمىغانلىقىنى بايان قىلىپ، بۇنداق بىر ئەھۋالنىڭ رايون خاراكتېرلىك جىددىيچىلىككە ۋە دۆلەت ئىقتىسادىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

ئىتالىيە باش مىنىستىرى جورجىيا مېلونى ئىتالىيە زېمىنىدىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىدىن پايدىلىنىشنى تەرتىپكە سالىدىغان ھازىرقى ئىككى تەرەپلىك كېلىشىملەرگە داۋاملىق ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پەيشەنبە كۈنى «RTL» رادىيوسىدا تارقىتىلغان بىر پىروگراممىدا سۆز قىلغان مېلونى، ئىتالىيەنىڭ ئىرانغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئۈچۈن بازىلارنى ئىشلىتىش توغرىسىدا ھېچقانداق تەلەپ تاپشۇرۇۋالمىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

مېلونى سۆزىدە: «بىز ھازىرغىچە بۇنداق بىر تەلەپنى تاپشۇرۇۋالمىدۇق. شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىككى، بىز ئۇرۇش ھالىتىدە ئەمەس ۋە ئۇرۇشقا كىرىشنىمۇ خالىمايمىز»، دېگەنلەرنى قەيت قىلدى. مېلونى ئىتالىيەنىڭ 1954-يىلىدىن بۇيان كۈچكە ئىگە بولغان، بازىلارنى مەلۇم ئەشيا ئوبوروتى ۋە جەڭ خاراكتېرلىك بولمىغان مەشغۇلاتلار ئۈچۈن ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلىدىغان ئىككى تەرەپلىك كېلىشىم شەرتلىرىگە رىئايە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىتالىيە باش مىنىستىرى يەنە: «بۇلار تېخنىكىلىق رۇخسەتلەردۇر. بىز ئېنىقلا ئەشيا ئوبوروتى ۋە ئاتالمىش بىۋاسىتە جەڭگە چېتىلمايدىغان مەشغۇلاتلار ھەققىدە توختىلىۋاتىمىز؛ ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ بومباردىمان قىلىش جەريانىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغان مەشغۇلاتلاردۇر»، دېدى. مېلونى ئەگەر ئىتالىيە بازىلىرىنى جەڭ ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىش تەكلىپىگە ئوخشاش تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك بىر تەلەپ كەلسە، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئەھۋالنى پارلامېنت بىلەن بىرلىكتە باھالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

باش مىنىستىر يەنە رايوندىكى سۈركىلىشنىڭ كۈچىيىپ كېتىش خەۋپىگە دىققەت تارتىپ، ئۇرۇشتىن ۋە ئىراننىڭ قايتۇرما زەربىسىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ۋەزىيەتنىڭ «ئالدىن مۆلچەرلىگۈسىز نەتىجىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان جىددىيچىلىك خەۋپى» شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ئېيتقان مېلونى، بۇ جەرياننىڭ ئىتالىيەگە كۆرسىتىدىغان يوشۇرۇن تەسىرلىرىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى سۆزىگە قوشۇمچە قىلدى.

ئىتالىيە ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە ۋېنگىرىيە بىلەن بىرلىكتە پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىگە مۇداپىئە ياردىمى ئەۋەتىشنى پىلانلىماقتا. مېلونى بۇ قەدەم باسقۇچنىڭ رايوندىكى ئون مىڭلارچە ئىتالىيە پۇقرالىرىنى ۋە ئۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان 2000 ئەتراپىدا ئىتالىيە ئەسكىرىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە بۇنىڭ پارس قولتۇقىنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەلىرى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تىلغا ئالدى.

باش مىنىستىر يەنە كىرىزىسنىڭ ئېھتىماللىققا ئىگە ئىقتىسادىي نەتىجىلىرى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئېنېرگىيە ۋە يېمەكلىك باھاسىنى ئۆستۈرۈۋەتكەن پۇرسەتپەرەسلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مېلونى دائىرىلەرنىڭ تەبىئىي گاز باھاسىنى كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ۋە ۋەزىيەتتىن پايدىلانغان شىركەتلەرنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى باجغا دۇچ كېلىشى مۇمكىنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە شەنبە كۈنىدىن باشلاپ ئىرانغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئارىسىدا دىنىي رەھبەر ئەلى خامەنېي ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلارمۇ بولغان 926 كىشىنى ئۆلتۈردى. تېھران بولسا ئىسرائىلىيەنى ۋە ئامېرىكا مەنپەئەتلىرى جايلاشقان پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىنى نىشان قىلغان ئۇچقۇ ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرى بىلەن ئىنكاس قايتۇردى.