تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپنىڭ يېڭى ئەلچىسى: تۈركىيە-ئامېرىكا ھەمكارلىقى تېگىشلىك سەۋىيەگە يەتكۈزۈلىدۇ
ئامېرىكانىڭ ئەنقەرەدە ۋەزىپە ئۆتەشكە تەيىنلەنگەن يېڭى باش ئەلچىسى توماس بارراك، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ تۈركىيە-ئامېرىكا ئىتتىپاقىنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ترامپنىڭ يېڭى ئەلچىسى: تۈركىيە-ئامېرىكا ھەمكارلىقى تېگىشلىك سەۋىيەگە يەتكۈزۈلىدۇ
دۈشەنبە كۈنى ھەر ئىككى رەھبەر تېلېفوندا سۆھبەتلەشتى؛ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ترامپنى تۈركىيەنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. / AA

ئامېرىكانىڭ ئەنقەرەدە ۋەزىپە ئۆتەشكە تەيىنلەنگەن يېڭى باش ئەلچىسى توماس بارراك، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ تۈركىيە-ئامېرىكا ئىتتىپاقىنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭمۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى «تېگىشلىك سەۋىيە» گە يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكانىڭ تۈركىيەگە تەيىنلىگەن يېڭى باش ئەلچىسى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ نىشانىنىڭ تۈركىيە-ئامېرىكا ئىتتىپاقىنى «تېگىشلىك سەۋىيە» گە يۈكسەلدۈرۈش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دۈشەنبە كۈنى ئەنقەرە ئەسەنبوغا ئايرودۇرۇمىدا مۇخبىرلارغا بايانات بەرگەن توماس بارراك ئەجدادلىرىنىڭ زېمىنىدا بولۇشتىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «مەن پىرېزىدېنت ترامپتىن ناھايىتى ئاددىي بىر ئۇچۇر بىلەن كەلدىم... بۇ ئۇچۇر تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقنى تېگىشلىك سەۋىيەگە يۈكسەلدۈرۈش ئارزۇسىدۇر» دېدى. ۋاشىنگتون بىلەن ئەنقەرەنىڭ ھەر ۋاقىت «ئاجايىپ ياخشى مۇناسىۋەت» كە ئىگە بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان ئەلچى، بۇ مۇناسىۋەتنىڭ «ئالاھىدە» بىر سەۋىيەگە يېتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە: «پىرېزىدېنتنىڭ نىشانى – خەلق ئارقىلىق، بۈيۈك مىللەتلەرنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى سايىسىدا تېزلىتىلگەن تىنچلىق ۋە گۈللىنىش مۇساپىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى تېخىمۇ كۈچلۈك، دۇنيانى بولسا تېخىمۇ ياخشى بىر جايغا ئايلاندۇرۇشتۇر» دېدى.

ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى بارراكنىڭ تۈركىيەدە ئەلچى بولۇپ تەيىنلىنىشىنى 36گە قارشى، 60 قوللاش ئاۋازى بىلەن تەستىقلىغانىدى.

تۈركىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى

تونۇلغان سودىگەر، شۇنداقلا ترامپنىڭ ئۇزۇن يىللىق دوستى بولغان بارراك، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان بىر مەزگىلدە ئەنقەرەدىكى ۋەزىپىسىنى باشلايدۇ.

بارراك ئۆتكەن ئايدا كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى يىغىنىدا سۆز قىلىپ، تۈركىيەنىڭ ئامېرىكانىڭ بىر ئىتتىپاقدىشى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەنىدى.

جەنۇبىي كالىفورنىيەدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بارراك، جەنۇبىي كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە سان دىيېگو قانۇن ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن.

ترامپ بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتى بىلەن تونۇلغان بارراك، 2017-يىلىدىكى قەسەم بېرىش مۇراسىمى كومىتېتىغا رىياسەتچىلىك قىلىشتىن سىرت، 2016-يىلقى سايلام پائالىيىتىدە مۇھىم مەسلىھەتچى بولۇپ ئىشلىگەنىدى. 78 ياشلىق بارراك 2022-يىلى يانۋاردىن 2024-يىلى سېنتەبىرگىچە ۋەزىپە ئۆتىگەن ئەلچى جېف فلەيكنىڭ ئورنىنى ئالدى. ئەلچىلىك ۋەزىپىسى فلەيك كەتكەندىن بېرى بوش قالغانىدى.

ئەردوغان بىلەن ترامپ «ئىنتايىن ئۈنۈملۈك» سۆھبەت ئۆتكۈزدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، ترامپ بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىنىڭ «ئىنتايىن ئۈنۈملۈك، ئەتراپلىق ۋە سەمىمىي» بولغانلىقىنى ئېيتتى.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئەردوغان X ئىجتىمائىي سۇپىسىدىكى يازمىسىدا: «بۈگۈن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى، قەدىرلىك دوستۇم دونالد ترامپ ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىمىز ھەقىقەتەن ئىنتايىن ئۈنۈملۈك، ئەتراپلىق ۋە سەمىمىي بولدى» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ بولۇپمۇ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ۋە سودا ساھەلىرىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى ئۆزئارا ئىرادىسىنى قايتا تەكىتلىگەنلىكىنى ئېيتىپ، ئىككى رەھبەرنىڭ تۈركىيە-ئامېرىكا ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلىرى، غەززە ئۇرۇشى، رايون خاراكتېرلىك ۋە خەلقئارالىق تەرەققىياتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

«دوستۇم ترامپ بىلەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆرۈشۈشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بۇ سۆھبەتنىڭ «دۆلەتلىرىمىز ئۈچۈن خەيرلىك بولۇشىنى تىلەيمەن» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان: ئىسرائىلىيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىگە قارىماي، رايوندا تىنچلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەتە كانادادا زىيارەتتە بولىدۇ
تۈركىيە ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى شاللاش مۇسابىقىسى رەت تەرتىپىدە بىرىنچى بولدى
ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان تۈركىيەگە تەۋە 11 پاراخوت ھورمۇز بوغۇزىدىن بىخەتەر ئۆتتى
تۈرك دۆلەتلىرى تۈركىيەنىڭ كېلىشىمنى تەستىقلىشى بىلەن رەقەملىك سودا رامكىسىنى كېڭەيتمەكتە
ئانتاليادا ساياھەتچىلىك جانلىنىپ كەتتى
فىرانسىيە كوماندىسى ئىراقنى يېڭىپ، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ شاللاش مۇسابىقىسىگە كىردى
ئامېرىكا لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىشنى نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى يولغا قويدى
ياۋروپادا جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش: تېمپېراتۇرا 40 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كېتىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىراق باش مىنىستىرى ئەلى زەيدى بىلەن كۆرۈشتى
ھالاند دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 32 كۈچلۈك كوماندىسى قاتارىغا كىردى
تۈرك دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە رەقەملىك مۇلازىمەتلەردە قولايلىق يارىتىلىدۇ
پولشا پىرېزىدېنتى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى سەردار بەردىمۇھەممەدوۋ ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولدى
ترامپ ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ستارمېرنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى