خەلقئارا
3 مىنۇت ئوقۇش
خىتاي 156 مىليون دوللار پارا ئالغان سابىق بانكا ئەمەلدارىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىندى
خىتاي ھۆكۈمىتى 156 مىليون دوللار پارا ئالغان يۇقىرى دەرىجىلىك سابىق بانكا ئەمەلدارىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلدى.
خىتاي 156 مىليون دوللار پارا ئالغان سابىق بانكا ئەمەلدارىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىندى
خۇارۇڭ مۈلۈك باشقۇرۇش شىركىتىنىڭ تارماق شىركىتى CHIH نىڭ سابىق باش دىرېكتورى بەي تيەنخۇي، 2024-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى سوتتا جازا ھۆكۈمى ئېلان قىلىنىۋاتقاندا. [ئارخىپ سۈرىتى] / AFP

خىتاي دائىرىلىرى، «خىتاي خۇاروڭ خەلقئارا پاي كونترول شىركىتى»  (CHIH) نىڭ سابىق باش مۇدىرى بەي تيەنخۇينى 2014-يىلدىن 2018-يىلغىچە بولغان مەزگىلدە، تۈر سېتىۋېلىش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش جەريانىدا شىركەتلەرگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش بەدىلىگە 156 مىليون دوللاردىن ئارتۇق پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى ۋە ھۆكۈمنى ئىجرا قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۆلەت ئىلكىدىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بىر مۈلۈك باشقۇرۇش شىركىتىنىڭ بۇ سابىق رەھبىرى خىيانەتچىلىك ۋە پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

خىتاي دۆلەت تېلېۋىزىيەسى— CCTV نىڭ سەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بەي تيەنخۇينىڭ ۋەزىپىسىدىن پايدىلىنىپ شىركەتلەرگە مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن 156 مىليون دوللاردىن ئارتۇق پارا قوبۇل قىلغانلىق جىنايىتى بېكىتىلگەن. CHIH بولسا، خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ مۈلۈك باشقۇرۇش فوندلىرىدىن بىرى بولغان، ۋەيران بولغان قەرزلەرنى باشقۇرۇشقا مەركەزلەشكەن «خىتاي خۇاروڭ مۈلۈك باشقۇرۇش شىركىتى» شىركىتىنىڭ بىر تارمىقى ھېسابلىنىدۇ.

«خۇاروڭ» شىركىتى، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ يىللاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان چىرىكلىككە قارشى تەكشۈرۈش ھەرىكەتلىرىنىڭ مۇھىم نىشانلىرىدىن بىرى بولۇپ كەلگەن ئىدى. بۇ شىركەتنىڭ سابىق باشلىقى لەي شياۋمىنمۇ 253 مىليون دوللار پارا ئالغانلىقى ئۈچۈن 2021-يىلى يانۋاردا ئۆلۈم جازاسىغا تارتىلغان، شىركەتنىڭ باشقا نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرىمۇ تەكشۈرۈش ئوبيېكتىغا ئايلانغانىدى.

خىتايدا چىرىكلىك جىنايىتى ئۈچۈن بېرىلگەن ئۆلۈم جازالىرى ئادەتتە ئىككى يىل كېچىكتۈرۈلۈپ (مۇددەتسىز قاماققا ئۆزگەرتىلىپ) ئىجرا قىلىناتتى. بىراق، بەي تيەنخۇينىڭ 2024-يىلى مايدا تيەنجىن سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى كېچىكتۈرۈلمىدى. ئۇنىڭ بۇ ھۆكۈمگە قارىتا سۇنغان نارازىلىق ئەرزى رەت قىلىنىپ، ئەسلى قارار فېۋرال ئېيىدا تەستىقلاندى.

«ئىنتايىن ئېغىر» جىنايەتلەر: بەي تيەنخۇيغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى

CCTV نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى قارارنى تەستىقلاش جەريانىدا، بەينىڭ جىنايەتلىرىنىڭ «ئىنتايىن ئېغىر» ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. سوت مەھكىمىسى: «(بەي) پەۋقۇلئاددە زور مىقداردا پارا ئالغان، جىنايەتلىرىنىڭ تەپسىلاتى ئالاھىدە ئېغىر، ئىجتىمائىي تەسىرى ئىنتايىن يامان بولۇپ، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن» دەپ كۆرسەتكەن.

خەۋەردە، بەي تيەنخۇينىڭ سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە تيەنجىندە يېقىن تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجرا قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئىجرا قىلىش ئۇسۇلى ھەققىدە تەپسىلات بېرىلمىگەن.

خىتاي ئۆلۈم جازاسى ستاتىستىكىلىرىنى «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» دەپ قارىسىمۇ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەر يىلى مىڭلىغان كىشىنىڭ مەخپىي ھالدا ئۆلۈم جازاسىغا تارتىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بەي، خىتاينىڭ پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدىكى چىرىكلىككە قارشى تازىلاش ھەرىكىتىدە جازالانغان ئەڭ يېڭى يۇقىرى دەرىجىلىك شەخس بولۇپ قالدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، سېنتەبىر ئېيىدا خىتاي كۆچمە مۈلۈك بازىرىنى نازارەت قىلىش ئورگىنىنىڭ سابىق باشلىقى يى خۇيمەن تەكشۈرۈشكە ئېلىنغان؛ مارت ئېيىدا ئېۋېربرايت گۇرۇھى (ياكى «گۇاڭدا گۇرۇھى») نىڭ سابىق باشلىقى لى شياۋپېڭ 60 مىليون يۈەن (تەخمىنەن 8.4 مىليون دوللار) پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن 15 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان؛ نويابىردا بولسا «خىتاي بانكىسى» (Bank of China) نىڭ سابىق باشلىقى ليۇ ليانگە 121 مىليون يۈەن (تەخمىنەن 16.9 مىليون دوللار) پارا ئالغانلىقى ئۈچۈن، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان شەكىلدە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە لوڭقىسىغا ئېرىشكەن ترابزونسپور كوماندىسىنى تەبرىكلىدى
خىتايدا بىر كۆمۈر كانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 82 خىتاي ئۆلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئامېرىكا-ئىران ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش مۇزاكىرىلىرىنى داۋاملاشتۇردى
رۇبىيو ئىران بىلەن بولغان سۆھبەتلەردە «كىچىك بىر ئىلگىرىلەش» بارلىقىنى ئېيتتى
ئەردوغان: «تۈركىيەنى ياۋروپانىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك ئېنېرگىيە مەركەزلىرىدىن بىرىگە ئايلاندۇردۇق» دېدى
ئىرلاندىيە: ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرى بىلەن سودا قىلماسلىقى لازىم
8-نۆۋەتلىك ئېتنو-تەنھەرىكەت مەدەنىيەت بايرىمى باشلاندى
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 108 مىليون 100 مىڭ دوللارلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى سېتىپ بېرىدۇ
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى دىرئە ئەتراپىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنى بومباردىمان قىلدى
دۇران: تۈرك تائاملىرى بىزنىڭ كۈچلۈك مەدەنىيەت مىراسلىرىمىز
ئەردوغان تۈركىيە ئىرقىي قىرغىنچىلىق شايكىلىرىغا قارشى ئىنسانىيەتنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىدۇ
فىدان: بۈگۈن خەلقئارا سۇمۇد فىلوتى پائالىيەتچىلىرىنى تۈركىيەگە كەلتۈرۈشنى پىلانلاۋاتىمىز
ئەردوغان: ئىرقىي قىرغىنچىلىق شايكىلىرىغا قارشى ئىنسانىيەتنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىمىز
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
تۈركىيە: يەر شارى خاراكتېرلىك كىرىزىسلاردا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنى بىر تۇتاش ئىجرا قىلىنىشى كېرەك