سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېر: ئەنگلىيە ئافغانىستاندا ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلدى
ئەنگلىيەلىك سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېر ئەنگلىيەنىڭ ئافغانىستاندا ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئەنگلىيە ئارمىيەسى ئىلگىرى ئافغانىستاندىكى چىرىكلىك ئەيىبلەشلىرىگە ئالاقىدار بىرنەچچە قېتىم تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، بىراق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھېچبىرىدە گۇماندارلارنى سوتقا تارتىش ئۈچۈن يېتەرلىك دەلىل - ئىسپات تېپىلمىغان.
سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەنگلىيەلىك ئوفىتسېر، ئافغانىستاندىكى ئەنگلىيە ئالاھىدە قىسىملىرىنىڭ گۇماندارلارنى ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىش ئارقىلىق ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغان بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى، قوماندانلىق سىستېمىسىدا بۇ ئەھۋال كەڭ كۆلەمدە بىلىنگەن بولسىمۇ، ھېچقانداق تەدبىر قوللىنىلمىغانلىقىنى ئاشكارا تەكشۈرۈش جەريانىدا بىلدۈردى.
BBC تېلېۋىزىيەسىنىڭ بىر ھۆججەتلىك فىلىمىدە، ھاۋا ئارمىيەسى ئالاھىدە قىسىملىرى ئەسكەرلىرىنىڭ ئون يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى ئافغانىستان ئۇرۇشىدا گۇمانلىق ئەھۋال ئاستىدا 54 كىشىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدىن كېيىن، ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەكشۈرۈش باشلىدى.
تەكشۈرۈش خىزمىتى، تالىبان بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش ئارمىيەنىڭ بىر قىسمى بولغان مەزگىلدە، يەنى 2010 - يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 2013 - يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئەنگلىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بىرقاتار كېچىلىك تۇيۇقسىز ھۇجۇملارنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە.
ئەنگلىيە ھەربىي ساقچى تەرەپ ئىلگىرى ئافغانىستاندىكى قىسىملارنىڭ نامۇۋاپىق ھەرىكەتلىرىگە قارىتا، ھاۋا ئارمىيەسى ئالاھىدە قىسىملىرىغا قارىتىلغان ئەيىبلەشلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا بىرنەچچە قېتىم تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ تەكشۈرۈشلەرنىڭ ھېچبىرىدە گۇماندارلارنى سوتقا تارتىش ئۈچۈن يېتەرلىك ئىسپات تېپىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئەسكەرلەردىن كەلگەن ئەندىشىلەر
تەكشۈرۈشنىڭ مەقسىتىنىڭ سوتسىز ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىشقا ئائىت ئىشەنچلىك ئۇچۇرلارنىڭ بار - يوقلۇقى، ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتكەندىن كېيىن ھەربىي ساقچىلارنىڭ بۇ خىل ئەندىشىلەرگە قارىتا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرىنىڭ توغرا ئېلىپ بېرىلغان – توغرا ئېلىپ بېرىلمىغانلىقى ۋە قانۇنسىز ئۆلۈملەرنىڭ يوشۇرۇپ قېلىنغان - قېلىنمىغانلىقىنى بېكىتىش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.
تەكشۈرۈش ھەيئىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان يۇقىرى دەرىجىلىك سوتچى چارلېز خاددون كاۋ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئالاقىدار ئورگانلارغا مەلۇم قىلىنىشىنىڭ مۇھىملىقىنى، خاتا ئىش قىلمىغانلارنىڭ ئۈستىدىكى گۇمان بۇلۇتىنىڭ تارقىتىۋېتىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
تەكشۈرۈش خىزمىتى، ئىلگىرى ئافغانىستاندا تۇرغان ئەنگلىيەلىك ئەسكەرلەردىن كەلگەن، UKSF1 دەپ ئاتىلىدىغان بىر تارماق قىسىمغا ئالاقىدار گۇمانلارغا قاراپ چىقىدۇ. مەزكۇر قىسىمنىڭ بەزى ھەرىكەتلەردە تەھدىت شەكىللەندۈرگەن ياكى شەكىللەندۈرمىگەنلىكىگە قارىماستىن، جەڭ قىلىش يېشىدىكى ئەرلەرنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.
دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان، ئەمما مەخپىي ھالەتتە بېرىلگەن يېڭى بىر گۇۋاھلىق سۆزىدە، شۇ چاغدا بىرلەشمە پادىشاھلىق ئالاھىدە قىسىملار باش ئىشتابى ھەرىكەت ئىشلىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان ۋە N1466 دەپ ئاتالغان بىر ئوفىتسېر، 2011 - يىلى UKSF1 نىڭ پائالىيەتلىرى جەريانىدا ئۆلتۈرۈلگەن تۇتقۇن سانىدىكى كۆپىيىشتىن گۇمانلانغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
تۇيۇقسىز ھۇجۇملاردىن كېيىنكى رەسمىي دوكلاتلارنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە ئاساسەن، ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلگەن دۈشمەن سانىنىڭ (EKIA) قولغا چۈشۈرۈلگەن قورال سانىدىن كۆپ ئىكەنلىكىنى، تۇتۇلغان كىشىلەرنىڭ قايتىدىن قورال ئېلىشقا ئۇرۇنغانلىقى ياكى قول بومبىسى ئىشلىتىشكە تەشەببۇس قىلغانلىقى ھەققىدىكى دوكلاتلارنىڭ ئىشەنچىلىك ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.
N1466 كودلۇق گۇۋاھچى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باش ئادۋوكاتى ئولىۋېر گلاسگوۋغا: «ئۇرۇش جىنايەتلىرى توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتقانلىقىمىزنى ئوچۇق ئېيتىمەن... تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلارنى نىشانغا قايتۇرۇپ ئېلىپ بېرىپ، قىسىملارغا زوراۋانلىق ئىشلەتكەندەك قىلىپ كۆرسىتىش نىقابى ئاستىدا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىش ھەققىدە سۆزلىشىۋاتىمىز» دېدى.
بۇ مەسىلىنى 1802 دەپ ئاتالغان ئالاھىدە قىسىملار قوماندانىغا يەتكۈزگەنلىكىنى، ئەمما بۇنىڭ جىنايى ئىشلار تەرتىپى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىشنىڭ ئورنىغا، پەقەت ھەرىكەت تاكتىكىسىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈش بۇيرۇقى بېرىلگەنلىكىنى ئېيتتى.
سابىق ئوفىتسېر شۇ مەزگىلدە ھەربىي ساقچىغا ئۆزىنىڭ سوتقا ئەرز قىلمىغانلىقىدىن پۇشايمان قىلىدىغانلىقىنى، لېكىن كېيىنچە 2015 - يىلى ئەندىشىلىرىنى مەلۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىگۇناھ ئىنسانلارنىڭ قانۇنسىز شەكىلدە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدىن گۇمانلانغانلىقىم ئۈچۈن قاتتىق ئازابلاندىم» دېدى.
گۇۋاھچى سابىق ئوفىتسېر يەنە: «سوتسىز ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىش مەسىلىسىنىڭ UKSF1 نىڭ يەككە بىر تارماق قىسمىدىكى ئاز ساندىكى ئەسكەرگىلا خاس ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيتتىم؛ بۇ ئەھۋال بەلكى تېخىمۇ كەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ، قارىغاندا UKSF ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشى تەرىپىدىنمۇ بىلىنىكەن، دېگەن قاراشقا كەلدىم» دېدى.
تەكشۈرۈشكە سۇنۇلغان باشقا دەلىل - ئىسپاتلاردا، سابىق ئوفىتسېرلار ۋە بىر دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەمەلدارى، ئىستىخباراتقا ئاساسلانغان ھەرىكەتلەردە تۇتۇلغانلارنىڭ ئافغانىستان ئەدلىيە سىستېمىسىنىڭ بىر تەرەپ قىلالماسلىقى سەۋەبىدىن بىرنەچچە كۈندىن كېيىن قويۇپ بېرىلىشىدىن ئەسكەرلەر ئارىسىدا نارازىلىق بارلىقىنى ئېيتتى.
بۇنىڭدىن باشقا، N1466 تۇرۇۋاتقان ئىككى ئالاھىدە قىسىم، يەنى UKSF1 بىلەن UKSF3 ئوتتۇرىسىدا چوڭ رىقابەت بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
N1466 يەنە مۇنداق دېدى: «شۇنداقلا بەزى كىشىلەرنىڭ مېنى... خۇددى شەخسىي ئاداۋىتىم باردەك قىلىپ كۆرسىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلىمەن... ھازىر شۇنى ئېيتماقچىمەنكى، بۇ ھەقىقەتتىن يىراق بىر ئىش. بىز UKSF نىڭ سېپىگە بۇنداق قىلمىشلار ئۈچۈن قېتىلمىغان ئىدۇق؛ جۈملىدىن بۆشۈكتىكى بالىلارنىڭ ئېتىۋېتىلىشى ياكى خالىغانچە ئۆلتۈرۈش قاتارلىق ئىشلار ئۈچۈن قېتىلمىغان ئىدۇق. بۇ ئالاھىدە ياكى تاللاش خاراكتېرلىك بىر ئىش ئەمەس، بىز قوغدايدىغان قىممەت قاراشلىرىمىزمۇ ئەمەس ئىدى، كۆپىنچىمىز بۇنى تەستىقلايدۇ ياكى يوشۇرۇپ قېلىشنى خالايدۇ دەپ ئويلىمايمەن.»
تەكشۈرۈش داۋاملاشماقتا.