خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئافغانىستان: «پاكىستاننىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 13 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى»
ئىسلامئاباد، كابۇلنى پاكىستانغا ھۇجۇملارنى پىلانلاۋاتقان تېررورچىلارغا پاناھلىق بېرىش بىلەن ئەيىبلىدى.
ئافغانىستان: «پاكىستاننىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 13 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى»
ئافغانىستان: «پاكىستاننىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 13 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى» / Reuters

ئافغانىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا بۇ يىل يۈزلىگەن كىشىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەۋب بولغان توقۇنۇشلار قايتىدىن ئەۋج ئالدى، ئافغانىستان-تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى زەبىھۇللاھ مۇجاھىد، پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاننىڭ ئۈچ ئۆلكىسىگە قاراتقان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 11  كىچىك بالىنى قوشقاندا كەم دېگەندە 13 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

مۇجاھىد چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، قۇنار، خوست ۋە پاكتىكا ئۆلكىلىرىدىكى ھۇجۇملاردا، ھەممىسى ئاياللار ۋە كىچىك بالىلار بولۇپ كەم دېگەندە 14 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

پاكىستان ئارمىيەسى ياكى ھۆكۈمىتى تەرەپتىن تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىدى، ئامانلىق مەسئۇللىرى رېيتېرس  ئاگېنتلىقىغا: «قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ پاكىستانغا قارشى ئىشلىتىۋاتقان پاناھجايلىرى ۋە باشقا ئەسلىھەلىرىگە» قارىتا ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

پاكىستان ھۆكۈمىتى كابۇلنى «پاكىستانغا ھۇجۇملار پىلانلاۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن تېررورچىلارغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلىدى، تالىبان تەرەپ بۇ دەۋالارنى رەت قىلدى.

فېۋرال ئېيىدا يېقىنقى يىللاردىكى ئەڭ شىددەتلىك توقۇنۇشلارنى باشتىن كەچۈرگەن پاكىستان بىلەن ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تىنچلىق، قايتىدىن ئەۋج ئالغان بۇ قېتىمقى زوراۋانلىقنىڭ ئەكسى تەسىر كۆرسىتىش تەھدىتى ئاستىدا تۇرماقتا.

ئىككى دۆلەت مارت ئېيىدا سەزگۈر بىر ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلغان بولۇپ، خىتاي تەرەپ بۇ توقۇنۇشنى ھەل قىلىشتا ۋاسىتچىلىق قىلىشقا تىرىشقان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى توققۇزىنچى كېچىسىمۇ داۋاملاشتى
دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى ئىسپانىيە بولدى
رۇسىيە كېچە بويىچە كىيېۋنى بومباردىمان قىلدى
ئامېرىكا ئىراننىڭ قەشم ئارىلىنى بومباردىمان قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى