بالقان دۆلەتلىرىنىڭ دىپلوماتلىرى بىلەن ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە رايون مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى نۆۋەتلىك بالقان تىنچلىق مۇنبىرى يىغىنىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئىپادىلەپ، ۋەكىللەرگە يىغىنغا قاتناشقانلىقلىرى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى.

By
ئەردوغان بالقان دۆلەتلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتلىرى بىلەن ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە رايون مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئانادولۇ ئاگېنتلىقى. / AA

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە بالقان دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى جۈمە (2026-يىلى 23-يانۋار) كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، يىغىنغا، قارا تاغ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېرۋىن ئىبراھىموىچ، كوسوۋۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دونىكا گېرۋېللا-شۋارز، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېلمېدىن كوناكوۋىچ، شىمالىي ماكېدونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تىمچو مۇچىنسكى، ئالبانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېلىسا سپىروپالى ۋە سېربىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نېۋېنا يوۋانوۋىچلارنىڭ قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان چېگرا بىخەتەرلىكى، ئېنېرگىيە، تېخنىكا ۋە قاتناش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ، شۇنداقلا رايونغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ئېڭى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان كېڭىشىشلەرنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ دۇنيا ۋە رايوننىڭ تۈرلۈك خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، بالقان تىنچلىق مۇنبىرىگە ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ۋە ئۆزئارا چۈشىنىشنى كۈچەيتىشنىڭ ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن بەك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بالقان رايونىدا «ئۆتمۈشتىكى ئازابلاردىن ساۋاق ئالىدىغان ۋە كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ئاڭ بىلەن» ھەرىكەت قىلىشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، تۈركىيەنىڭ رايوندىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ تەسىرىنى ئازايتىش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ ئۇكرائىنا، غەززە ۋە سۈرىيە قاتارلىق نۇرغۇن جايلاردا تىنچلىقنى نىشان قىلغان تىرىشچانلىقلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان، ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بۇرھانەتتىن دۇران، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى ئاكىف چاغاتاي قىلىچ ۋە باشقا ئەمەلدارلار رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ھەمراھ بولدى.