ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا-خىتاي سودا مۇزاكىرىلىرىدە «زور ئىلگىرىلەش» بولغانلىقىنى ئېيتتى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى مۇزاكىرىنىڭ ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، بۇنى «تولۇق قايتىدىن يېڭىلاش» دەپ باھالىغانلىقىنى ، سۆھبەتنىڭ دوستانە، ئەمما ئىجابىي ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېيتتى.
ترامپ جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا-خىتاي سودا مۇزاكىرىلىرىدە «زور ئىلگىرىلەش» بولغانلىقىنى ئېيتتى
FILE - President Donald Trump speaks during an event to announce new tariffs in the Rose Garden at the White House on April 2, 2025, in Washington. / AP
2025-يىلى5-ئاينىڭ11-كۈنى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ شەنبە كۈنى كەچتە شىۋېيېتسارىيەدە خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن سودا توغرىسىدا «ناھايىتى ياخشى يىغىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى» ئېلان قىلدى.

ترامپ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە «تولۇق قايتىدىن يېڭىلاش» نىڭ قولغا كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تىرامپ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى «تۇرۇت سوسيال» دا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا: «بىز بۈگۈن شىۋېيېتسارىيەدە خىتاي بىلەن ناھايىتى ياخشى يىغىن ئۆتكۈزدۇق. نۇرغۇن مەسىلىلەر مۇنازىرە قىلىندى، نۇرغۇن مەسىلىلەردە كېلىشىم ھاسىل قىلىندى. دوستانە، ئەمما ئىجابىي ئۇسۇلدا تولۇق يېڭىلاش مۇزاكىرە قىلىندى.  بىز خىتاينىڭ ئامېرىكا ۋە ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئامېرىكا تىجارىتىگە ئىشىكنى ئېچىشىنى كۆرۈشنى خالايمىز. بۇ چوڭ بىر ئىلگىرىلەش!!!» دېدى.

«Wall Street Journa» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سودا سۆھبىتىنىڭ تۇنجى كۈنى جەنۋەدە ئاخىرلاشقان بولۇپ، يەكشەنبە كۈنىمۇ داۋاملىشىدىكەن. شۇ يەرنىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 10:00 دا باشلىنىپ، چۈشلۈك دەم ئېلىشتىن كېيىن كەچ سائەت 8 ئەتراپىدا ئاخىرلاشقان يىغىن سەككىز سائەتتىن كۆپرەك داۋاملاشقان.

يىغىندىن كېيىن ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىغان ۋە مۇزاكىرىنىڭ مەزمۇنى ياكى كەيپىياتى ھەققىدە خەلق ئاممىسىغا  ئۇچۇر بېرىلمىگەن. ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىگە مالىيە مىنىستىرى سكوت بېسېنت ۋە سودا ۋەكىلى جەمىسون گرېر رەھبەرلىك قىلغان، خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىگە مۇئاۋىن باش مىنىستىر خې لىفېڭ رەھبەرلىك قىلغان.

بۇ سۆھبەت دۇنيادىكى ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ترامپنىڭ خىتاي ئىمپورتىغا قاراتقان %145 لىك تاموژنا بېجىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم يۈزتۇرانە مۇزاكىرىلىشىش بولدى. بېيجىڭ دائىرىلىرى ئامېرىكاغا جاۋاب سۈپىتىدە بىر قىسىم ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىغا %125 كە يېقىن تامۇژنا بېجىنى يولغا قويغان ئىدى.

يىغىن باشلىنىشتىن ئىلگىرى، تىرامپ تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتەلەيدىغانلىقىنى ئىما قىلىپ، ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا «خىتايغا %80 تاموژنا بېجى مۇۋاپىقدەك قىلىدۇ!» دەپ ئۇچۇر ھەمبەھىرلىگەن ئىدى. ئەمما ئاخبارات كاتىپى كارولىن لېۋىت ئامېرىكانىڭ باجنى بىر تەرەپلىمە تۆۋەنلەتمەيدىغانلىقىنى، خىتاينىڭمۇ تۆۋەنلىتىشى كېرەكلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

مۇھىم بىر قەدەم

تۇنجى كۈنى سۆھبەت شىۋېيېتسارىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ جەنۋەدىكى تۇرالغۇسىدا ئۆتكۈزۈلدى، جەنۋە كۆلىنىڭ سول قىرغىقىدىكى چوڭ باغچىنىڭ يېنىغا جايلاشقان كۆك رەڭلىك ئوتتۇراھال بىر داچىدا ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا كىرىشتە، ھەر ئىككى تەرەپ سودا مۇناسىۋىتىدە زور ئۆزگىرىش ئۈمىدىنى تۆۋەن تۇتتى. بېسسېنت: «جىددىيلىكنى پەسەيتىش» كە مەركەزلەشكەنلىكىنى ۋە «چوڭ سودا كېلىشىمى» نى كۈتمىگەنلىكىنى بىلدۈردى. خىتاي بولسا ئامېرىكانىڭ ئالدى بىلەن تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي دۆلەت خەۋەر ئاگېنتلىقى شىنخۇا تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئىنكاستا، سۆھبەت «مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم بىر قەدەم» دەپ تەسۋىرلەندى. ھەتتا سۆھبەتنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىنىڭ ئۆزىمۇ «سودا دۇنياسى ۋە پۇل-مۇئامىلە بازىرى ئۈچۈن ياخشى بىر خەۋەر» دېيىلدى.

ئەمما پېتېرسون خەلقئارا ئىقتىساد تەتقىقات ئىنستېتۇتىنىڭ پېشقەدەم تەتقىقاتچىسى گارى خۇفباۋېر ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئامېرىكا-خىتاي سودا مۇناسىۋىتىنىڭ نورمال ھالەتكە قايتىشىغا ئىنتايىن گۇمان بىلەن قارايمەن» دېدى. ھەتتا %70-80 لىك تاموژنا بېجىنىڭمۇ ئىككى تەرەپلىك سودىنى %50 تۆۋەنلىتەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سودا سۆھبىتى

خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى سودا ئۇرۇشىغا قارىماستىن جۈمە كۈنى خىتاينىڭ ئېكسپورتى ئاشقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر بىلەن سۆھبەتكە كەيپىياتى ئۈستۈن ھالدا قاتناشتى. مۇتەخەسسىسلەر بۇ كۈتۈلمىگەن تئىلگىرىلەشنى ئامېرىكانىڭ تاموژنا بېجىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ئۈچۈن سودىنى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا يۈزلەندۈرىشىگە باغلىدى.

تىرامپ ھۆكۈمىتىدىكى بىر قىسىم مۆتىدىل ئەمەلدارلار، مەسىلەن بېسسېنت ۋە سودا مىنىستىرى خوۋارد لۇتنىك «خىتاينىڭ بۇ سودا ئۇرۇشىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى قوراللانغانلىقىنى» ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خۇفباۋېر: «ئىجابىي ۋە ئۈنۈملۈك مۇزاكىرە ئۆتكۈزگەنلىكلىرىنى تىلغا  ئېلىپ، جەنۋەدىن ئايرىلىشى يۇقىرى ئېھتىمال، ئەمما تاموژنا بېجىنى ھەرگىز تۆۋەنلەتمەسلىكىمۇ مۇمكىن» دېدى.

جەنۋە يىغىنى تىرامپنىڭ يەر شارى تاموژنا بېجى دولقۇنىنى قوزغىغاندىن بۇيانقى باشقا دۆلەت بىلەن تۈزگەن تۇنجى كېلىشىم بولغان ئەنگىلىيە سودا كېلىشىمىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلدى. بەش بەتلىك، ئىجرا كۈچى بولمىغان بۇ كېلىشىم بىلەن مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئامېرىكانىڭ يېقىنقى تاموژنا بېجىدىن ئارا كەچۈرۈم قىلىشنى مۇزاكىرلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، ئەمما ئەنگىلىيەنىڭ كۆپ قىسىم تاۋارلىرىغا %10 لىك باج نىسبىتىنى ساقلاپ قالدى. ئامېرىكا-ئەنگىلىيە سودا ئۇقتۇرۇشىدىن كېيىن، ئانالىزچىلار ئامېرىكا-خىتاي سودا مۇناسىۋىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئۈمىدى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

سىتى گورۇھىنىڭ يەرشارى باش ئىقتىسادشۇناسى ناتان شىتس فرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا: «بۇ سۆھبەت نۆۋەتتىكى پەۋقۇلئاددە يۇقىرى تاموژنا بېجى بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ» دېدى،

ناتان شىتس يەنە مۇنداق دېدى:  «سۆھبەت گۈزەل ، ئەمما بۇ بىرىنچى باسقۇچلۇق سۆھبەتتىن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە بولغان ئۈمىد ئىنتايىن چەكلىك».

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
ئىسلامئاباد: ئامېرىكا بىلەن ئىران يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەت باشلاش ئۈچۈن دىيالوگنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئىسرائىلىيە جەنۇبىي لىۋاننى ئۇزۇن مۇددەت بېسىۋېلىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى
باش مىنىستىر مېرز نېتانياھۇنى غەربىي قىرغاقىنى «قىسمەن بېسىۋېلىش» مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇردى
ئىران يادرو قۇيۇلدۇرۇشنى 5 يىل توڭلىتىشنى تەكلىپ قىلدى، ئامېرىكا 20 يىلدا چىڭ تۇردى
ۋانىس: پاكىستاندىكى ئىران سۆھبەتلىرىدە «زور ئىلگىرىلەش» قولغا كەلتۈرۈلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ تۈركىيەنى يېڭى دۈشمەن دەپ ئېلان قىلىشنىڭ كۇيىدا ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز
جەنۇبىي كورېيە بىلەن پولشا مۇداپىئە ساھەسىدىكى ئالاقىلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرماقتا
رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا پاسخا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن باشلانغان ئۇرۇش توختىتىش ئاخىرلاشتتى
پېدرو سانچېز: «خىتاي-ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ»
ترامپ ئىرانغا يېڭى ھۇجۇم قوزغاش پىلانىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە
ئىران-ئامېرىكا ئۇرۇش جىددىيچىلىكى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ترامپ تىغ ئۇچىنى 14- لېيونغا قاراتتى
ئاراقچى: سۆھبەت نابۇت بولۇشتىن ئىلگىرى كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا ئىنتايىن يېقىنلاشقان ئىدۇق
ئامېرىكانىڭ ئىران پورتلىرىنى قورشاۋغا ئېلىش قارارىدىن كېيىن نېفىت باھاسى ئۆرلىدى
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا 175 تىن ئۇرۇش ئەسىرىنى ئالماشتۇردى
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا 32 سائەتلىك «پاسكا» ئۇرۇش توختىتىشى يولغا قويۇلدى