سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنى قايتا بېسىۋېلىش پىلانىنى يوشۇرۇن قوللىدى
ترامپ، رۇبىيو ۋە ۋانس نېتانياھۇنىڭ غەززەنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىنى بېسىۋېلىش پىلانىغا قارشى چىقماي، ئوخشاش پوزىتسىيەدە بولدى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ھازىر قورشاۋ ئاستىدىكى بۇ رايوننىڭ %75 نى ئىشغال قىلىپ بولدى.
ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنى قايتا بېسىۋېلىش پىلانىنى يوشۇرۇن قوللىدى
/ AP

ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنى قايتا بېسىۋېلىش ئارقىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كېڭەيتىش پىلانىنى يوشۇرۇن قوللىدى. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بۇ قارارنىڭ ئىسرائىلىيە رەھبەرلىرىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ترامپ سەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنىڭ ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ غەززەنىڭ ئىچكى قىسملىرىغا بېسىپ كىرىش پىلانىنى قوللايدىغان-قوللىمايدىقى توغرىسىدىكى سوئالىغا: «بۇ ئىسرائىلىيەگە باغلىق» دەپ جاۋاب بەردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو پەيشەنبە كۈنى كاتولىكلارنىڭ ئاخبارات ئورگىنى EWTN تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا بۇ پوزىتسىيەنى تەكرارلاپ: «ئاخىرىدا ئىسرائىلىيەنىڭ خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى يەنىلا ئىسرائىلىيە ئۆزى قارار قىلىدۇ» دېدى.

بۇ باياناتلار ئىلگىرى ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان مۇرەسسەچىلىك تىرىشچانلىقلىرىدىن چەتنەپ كېتىلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. سۆھبەتلەرنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ مۇرەسسەچىلىك قىلماسلىقى سەۋەبىدىن توختاپ قېلىشىدىن كېيىن، ترامپ ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى قوبۇل قىلغاندەك قىلىدۇ.

ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ۋانس جۈمە كۈنى ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى دەيۋىد لاممى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا بۇ سىگنالنى تەكرارلاپ مۇنداق دېدى:

«بىز ھاماسنىڭ بىگۇناھ ئىسرائىلىيە پۇقرالىرىغا قايتا ھۇجۇم قىلالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى خالايمىز، <بۇ ھاماسنى يوقىتىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ> دەپ ئويلايمىز.»

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Israeli opposition slams Netanyahu's move to occupy Gaza as 'disaster'

 ئۇرۇش كابىنېتىدىن تەستىق

 

ئىسرائىلىيە ئۇرۇش كابىنېتى پەيشەنبە كۈنى تۇتقۇنلار بار دەپ قارالغان غەززە شەھىرى ۋە بىرنەچچە مۇساپىرلار لاگېرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلارغا قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بۇ رايونلاردا ياشايدىغانلارغا قارىتا يېڭى مەجبۇرىي كۆچۈرۈش چاقىرىقلىرىنى ئېلان قىلىپ، جىددىيچىلىكنىڭ كۈچىيىشىگە دائىر ئەندىشىلەرنى كۈچەيتىۋەتتى. ياۋروپا ۋە ئەرەب رەھبەرلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيەتنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى قايتا ئويلىنىشىغا قارىتا ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا بېسىملارغا قارىماي، ئامېرىكا ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا ئىسرائىلىيەنىڭ پىلانىغا قارشى چىقمىدى.

ترامپنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى ستىۋ ۋىتكوف ئالدىنقى ھەپتە نېتانياھۇ بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى. سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتى ئاشكارىلانمىغان بولسىمۇ، بۇ زىيارەت ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش قارارى ھارپىسىدا ئېلىپ بېرىلدى.

ئامېرىكا غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە بېسىم ئىشلەتكەن بولسىمۇ، ئىسرائىلىيەلىك تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلمايدىغان ھەرقانداق كېلىشىمگە قەتئىي قارشى چىقماقتا.

ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى غەززەدە 49 تۇتقۇننىڭ بارلىقىنى، ئۇلاردىن 27 نەپىرىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

بۇ ئارىلىقتا، ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەدىكى باش ئەلچىسى مايك ھاكابى، چەت ئەللىك رەھبەرلەرنىڭ تەنقىدلىرىنى رەت قىلىپ، ئىسرائىلىيە ھاكىمىيىتىنى ئاقلىدى. ھاكابى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان  باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«يەنى، ھاماس تۇتقۇنلارنى ئاچ قويۇۋاتقان تۇرسا، ئىسرائىلىيە ئۇلارغا تەسلىم بولۇشى، بۇمۇ يەتمىگەندەك ئۇلارغا يېمەكلىك بېرىشى كېرەكمۇ؟»

ئۇ، مۆتىدىل بولۇش چاقىرىقلىرىنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى «ناتسېستلارنى بېقىش» قا ئوخشاتتى.

 بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنى

 

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە شەھىرىنى بېسىۋېلىش قارارىنى شەنبە كۈنىنىڭ ئورنىغا يەكشەنبە كۈنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. دىپلوماتىك مەنبەلەر ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا ئېلان قىلغان باياناتىدا، جىددىي يىغىن ۋاقتىنىڭ ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەسلىدە شەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان يىغىن 10-ئاۋغۇستقا كېچىكتۈرۈلگەن بولۇپ، شۇ جاي ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 10:00 دا ئېچىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە. يىغىن ۋاقتىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىگە قارىتا ھېچقانداق سەۋەب كۆرسىتىلمىدى.

مەنبەلەر جىددىي يىغىن تەلىپىنىڭ ئەنگىلىيە، دانىيە، فىرانسىيە، گىرېتسىيە ۋە سىلوۋېنىيەدىن كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. يىغىن تەلىپىنى پاناما (خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ھازىرقى نۆۋەتچى رەئىسى) ۋە ئامېرىكادىن باشقا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بارلىق ئەزالىرى قوللىدى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
رۇسىيەدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كۈلەڭگىسىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دۇنياغا خىتاب قىلىدۇ
فىتسو «ياۋروپا مىقياسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جەنۇبىي كورېيە ھۈرمۈز بوغۇزىدا جەڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلدى
ترامپ: پولشادا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
پېنتاگون ياۋروپادىكى 40 مىڭغىچە ئامېرىكا ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈشنى ئويلاشماقتا
يەمەن ئارمىيەسى تەئىزنىڭ غەربىدىكى توقۇنۇشلاردا 30 ھۇسىينىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدا توگو بايرىقى قادالغان بىر نېفىت پاراخوتىنى ئوققا تۇتقانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئوماندا ھۇسىيلار بىلەن  سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان: بىزنىڭ رۇسىيە ھەربىي بازىسىغا ئېھتىياجىمىز يوق
ئۈسكۈپتە «تۈرك تىلىغا بېغىشلانغان پورترېتلار» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن 20 مىڭ بالىنىڭ ئىسمى يېزىلغان سىمۋوللۇق كېپەن ب د ت دا كۆرگەزمە قىلىندى