خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ھامانېي: «ھۇجۇملارغا جۇغراپىيەلىك چەك – چېگرا تونۇمايدىغان شىددەتلىك جاۋاب قايتۇرۇلسۇن»
ھامانېي ئېھتىماللىقى بولغان ھۇجۇملارغا قارشى «تۇيۇقسىز ۋە جۇغراپىيەلىك چەك - چېگراسى بولمىغان جاۋاب قايتۇرۇش» يوليورۇقى چۈشۈردى.
ھامانېي: «ھۇجۇملارغا جۇغراپىيەلىك چەك – چېگرا تونۇمايدىغان شىددەتلىك جاۋاب قايتۇرۇلسۇن»
ھامانېي: «ھۇجۇملارغا جۇغراپىيەلىك چەك – چېگرا تونىمايدىغان شىددەتلىك جاۋاب قايتۇرۇلسۇن»

ئىران رەھبىرى مۇجتەبا ھامانېينىڭ، ئامېرىكا بىلەن يېڭى بىر توقۇنۇش يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكىگە ئالاقىدار دەۋالارنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىشىدىن كېيىن يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئېھتىماللىقى بولغان ھۇجۇملارغا قارشى «تۇيۇقسىز ۋە جۇغراپىيەلىك چەك -چېگرا تونۇمايدىغان بىر جاۋاب قايتۇرۇش» يوليورۇقى بەرگەنلىكى بىلدۈردى.

ئىران رەھبىرىنىڭ ئىشخانىسىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتقا قارىغاندا، ھامانېي ئىران ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى ئەلى ئابدۇللاھى، ئىران ئارمىيەسى باش قوماندانى گېنېرال ئەمىر ھاتەمى، ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى قىسمى قوماندانى گېنېرال ئەھمەد ۋاھىدى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشكەن.

ھامانېينىڭ سۆھبەت جەريانىدا ھەربىي ئەمەلدارلارغا ئېھتىماللىقى بولغان ھۇجۇملارغا قارشى تەييار بولۇشى توغرىسىدا يوليورۇق بەرگەنلىكى ۋە بۇ خىل ھۇجۇملارغا «تۇيۇقسىز، ئۈنۈملۈك ۋە جۇغراپىيەلىك چەك - چېگرا تونۇمايدىغان جاۋاب قايتۇرۇڭلار» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئىران رەھبىرى ھامانېينىڭ يەنە «ئەگەر دۈشمەنلەر قايتىدىن ھەربىي ياكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا مۇراجىئەت قىلسا، بۇ ھۇجۇملارنىڭ قاچان ۋە قانداق شارائىتلاردا ئاخىرلىشىدىغانلىقىغا ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قوراللىق قىسىملىرى ۋە ئىران مىللىتى قارار قىلىدۇ» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتكەنلىكى بىلدۈردى.

يەرلىك مۇداپىئە ئىقتىدارىنىڭ تاكتىكا ۋە تەلىمات نۇقتىسىدىن كۈچەيتىلىشىنى ۋە يېڭى تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ خەۋپسىزلىك بىناكارلىقىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلغان ھامانېي، قوراللىق قىسىملارغا بېرىلىدىغان مالىيە ياردىمىنىڭ ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈنمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ھامانېي بىلەن ھەربىي ئەمەلدارلار ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتتە، ئىران قوراللىق قىسىملىرىنىڭ نىشان تىزىملىكىنىڭ يېڭىلانغانلىقى، ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەگە تەۋە «ماددىي ۋە مەنىۋى» بارلىق ئامىللارنىڭ ئىراننىڭ ھۇجۇم مەنزىلى دائىرىسىدە نىشان تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشىنىڭ قارار قىلىنغانلىقى يەتكۈزۈلدى.

سۆھبەتتە ئىرانلىق قوماندانلارنىڭ، ھورمۇز بوغۇزى، ئومان دېڭىزى ۋە دۆلەتنىڭ چېگرا رايونلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەربىي قىسىملارنىڭ ئەھۋالى بىلەن نۆۋەتتىكى ئوق-دورا سىغىمىغا ئالاقىدار ھامانېيغا دوكلات سۇنغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىزدىنىڭ
ترامپ «ۋال كوچىسى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىنى رەت قىلدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 29-ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمى تەبرىك سۆزى
سومالىدا ئەششەباب تەشكىلاتىغا قارشى ھەرىكەتتە كەم دېگەندە 75 مىلىتان ئۇجۇقتۇرۇلدى
«ئارناب» سىكلونلۇق بورىنى بېنگال قولتۇقى رايونىدىكى دۆلەتلەردە تۇرمۇشقا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى
فرانسىيە كورسىكا ئارىلىغا «ئاپتونومىيە سالاھىيىتى» بېرىشنى رەت قىلدى
ئىسرائىلىيە  ئەل خەلىل شەھىرىدىكى قورشاۋىدا تەخمىنەن 5 مىڭ پەلەستىنلىك ئۆي ماكانىدىن ئايرىدى
لا لىگا ۋە مباپپې ماۋزېدۇڭ ھەققىدىكى سۆزى ئۈچۈن ئەپۇ سورىدى
ئىسرائىلىيە ئۆكتىچىلىرى خەلقنى نېتانياھۇغا قارشى بېلەت تاشلاشقا چاقىردى
كەركۈكتە 4-نۆۋەتلىك ئەنئەنىۋى ئانار بايرىمى باشلاندى
ترامپ سايلام ساختىپەزلىكىنى پاش قىلغانلارغا 1 مىليون دوللار مۇكاپات ئېلان قىلدى
سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئېتىلغان 3 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 4 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى يوقىتىلدى
ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئىسرائىلىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە چاقىردى
رۇسىيە ئۇكرائىنادا خېرسون يۆنىلىشىدە ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختاتتى
سۈرىيە: ئىيوردانىيە ھاۋا ھۇجۇملىرىدىن ئىلگىرى بىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقە قىلمىدى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى ئوتنى ئۆچۈرۈش ۋە قان تۆكۈلۈشنى توختىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىمىز