خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا ناتونىڭ ياۋروپادىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە قىسقارتىشنى پىلانلىماقتا
«نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ ياۋروپالىق ئىككى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن خەۋىرىدە، ئامېرىكانىڭ بۇ قارارىنىڭ ناتونىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىك ھۇجۇم ۋە كۆزىتىش ئىقتىدارىنى چەكلەپ قويىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئامېرىكا ناتونىڭ ياۋروپادىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە قىسقارتىشنى پىلانلىماقتا
ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە بىر ترانسپورت ئايروپىلانى، 2026-يىلى 8-ماي جۈمە كۈنى گېرمانىيەدىكى رامشتىين ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا يېقىنلاشماقتا. (AP ئارخىپى)

مەزكۇر پىلانغا ئاساسەن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ياۋروپادىكى F-16 ۋە F-15E تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سانىنى 150 تىن 100 گە چۈشۈرىدۇ. دېڭىز قىرغاقلىرىنى چارلاش ئايروپىلانلىرىنىڭ سانى 26 دىن 15 كە قىسقارتىلىدۇ، شۇنداقلا ئىلگىرى ياۋروپانىڭ ئىشلىتىشىگە سۇنۇلغان 8 دانە ماي قاچىلاش ئايروپىلانىنىڭ ھەممىسى قايتۇرۇۋېلىنىدۇ.

خەۋەردە يەنە، باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بىر سۇ ئاستى پاراخوتى بىلەن بىر ئاۋىياماتكىنى، شۇنداقلا بۇ پاراخوتلارنىڭ ۋەزىپىلىرىگە قاتنىشىۋاتقان نۇرغۇنلىغان ئۇرۇش پاراخوتلىرى ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ پىلانلىنىۋاتقانلىقى بايان قىلىندى. بۇنىڭدىن باشقا، ياۋروپانىڭ مۇداپىئەسىگە ئايرىلغان ئىككى بومباردىمانچى ئايروپىلان گۇرۇپپىسىنىڭ بىرىنىڭمۇ باشقا بىر رايونغا يۆتكىلىشى مۇمكىنلىكى قەيت قىلىندى.

ۋاشىنگتون «قايتا تەڭشەش» سىگنالى بەردى

ناتو ۋە ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون) بۇ مەسىلىگە ئىزاھات بېرىش تەلىپىگە تېخىچە جاۋاب قايتۇرمىدى. ئەمما ئامېرىكا ياۋروپا قوماندانلىق ئىشتابى ئۆتكەن ھەپتە بايانات ئېلان قىلىپ، گەرچە تەپسىلاتىنى ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، ناتونىڭ قوشۇن مودېلىغا قوشىدىغان تۆھپىلىرىنى «قايتا تەڭشەيدىغانلىقى»نى بىلدۈرگەنىدى.

مۇشۇ يىلنىڭ ماي ئېيىدا چىققان خەۋەرلەردىمۇ، ئامېرىكانىڭ يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان چوڭ بىر كىرىزىس پەيتىدە ئىتتىپاقداشلىرىنى تەمىنلەيدىغان ھەربىي ياردەملىرىنى ئازايتىشنى پىلانلىغانلىقى قەيت قىلىنغان ئىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ئۆز ئارمىيەلىرىگە يېتەرلىك مەبلەغ سالماسلىق ۋە ئامېرىكانىڭ ھەربىي قوغدىشىغا بەك تايىنىۋېلىش بىلەن ئەيىبلەپ كەلمەكتە. ۋاشىنگتون دائىرىلىرى ھەم ياۋروپالىق ھەم ئاسىيالىق ئىتتىپاقداشلىرىنى مۇداپىئە چىقىمىنى   ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) نىڭ %3.5 گە يەتكۈزۈشكە چاقىرماقتا.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدا پارتلاش يۈز بەردى. 8 كىشى يارىلاندى
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش مۆلچەرىنى تۆۋەنلەتتى
ئىسرائىلىيە ھىندونېزىيەلىك ئۇچقۇچى بارلىقىنى سەۋەب قىلىپ ئايروپىلاننى قايتۇرىۋەتتى
ئايروپىلاندا قاندالا (چۇسا) ۋەھىمە ياراتتى، نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
جەنۇبىي كورېيە: شىمالىي كورېيە شەرقىي دېڭىز تەرەپكە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئاتتى
نىگېرىيەدە سودىگەرلەر ئاپتوموبىل ئەترىتىگە قىلىنغان ھۇجۇمدا 27 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ ھەربىي سانائىتىنى نىشان قىلغان يېڭى ئېمبارگو قارارلىرىنى ماقۇللىدى
ئىران مۇئاۋىن مۇداپىئە مىنىستىرى ئامېرىكانى «ئوت بىلەن ئويناشماسلىق»قا چاقىردى
پاكىستاننىڭ خەيبەر پاختۇنخۋا ئۆلكىسىدە جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى
تۈركىيە، مىسىر، پاكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ھۇسىيلارنىڭ ھۇجۇملىرىنى ئورتاق بايانات بىلەن ئەيىبلىدى
رىيادتا پادىشاھ خالىد ئايرودورۇمىغا ھۇجۇم قىلىندى، 1 كىشى ئۆلۈپ، 11 كىشى يارىلاندى
سېئۇل: «شىمالىي كورېيە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى»
پولشا باش مىنىستىرغا سۇيىقەست پىلانى ھەققىدە ئۇچۇر كەلدى
ئىراق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى دائېش بازىسىنى يوق قىلدى
سوتچى جېننىفېر دۆلەت مەبلىغى بىلەن تارقىتىلغان ترامپنى قوللاش ئېلانلىرىنى توختىتىشقا ھۆكۈم قىلدى
يەمەن ئارمىيەسى: 900 دىن ئارتۇق ھۇسىي جەڭچىسى بىر تەرەپ قىلىندى
جىبۇتى ساھىللىرىدىكى پاراخوت ھادىسىسىدە 139 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
شىمالىي كورېيە ياپون دېڭىزى تەرەپكە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى
نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى پىللاي ئامېرىكانىڭ سوتچىلارغا قارىتىلغان ئېمبارگولىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
رىياد ئايرودورۇمىدا كىشىلەرنىڭ يارلىنىىشىغا سەۋەب بولغان ھۇجۇمدىن كېيىن ئۇچۇشلارتوختىدى