ئامېرىكادا 3-نويابىردا 435 ئورۇندۇقلۇق ئاۋام پالاتاسىنىڭ تولۇق قىسمى ۋە 100 ئورۇندۇقلۇق كېڭەش پالاتاسىنىڭ 33 ئورنى ئۈچۈن سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ.
ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تېكساس، جەنۇبىي كارولىنا، ئاركانزاس، ئالياسكا ۋە كوننېكتىكۇت ئىشتاتلىرىدا مۇددەتتىن بۇرۇن بېلەت تاشلاش باشلانغان.
تېكساستا سايلىغۇچىلار 30-ئۆكتەبىرگىچە مۇددەتتىن بۇرۇن بېلەت تاشلىيالايدۇ.
جەنۇبىي كارولىنا ئىشتاتىدا بولسا مۇددەتتىن بۇرۇن بېلەت تاشلاش باسقۇچى 31-ئۆكتەبىردە ئاخىرلىشىدۇ. بۇ ئىشتاتتا، ئامېرىكادا ھاياتىدىن ئايرىلغان جۇمھۇرىيەتچى پالاتا ئەزاسى لىندسېي گراھامنىڭ ئورنىغا تەيىنلەنگەن سىڭلىسى دارلىن گراھام نوردونې بىلەن دېموكرات رەقىبى ئاننىي ئاندرېۋسنىڭ رىقابىتى كۆزگە چېلىقماقتا.
ئاركانزاس ئىشتاتىدا بولسا مۇددەتتىن بۇرۇن بېلەت تاشلاش خىزمەتلىرى 2-نويابىرغىچە داۋاملىشىدۇ. بۇ يەردە، جۇمھۇرىيەتچى پالاتا ئەزاسى توم كوتتون دېموكرات رەقىبى خاللىي شوفنېر بىلەن كېڭەش پالاتاسىدىكى ئورۇن ئۈچۈن رىقابەتلىشىدۇ.
ئالياسكادا بولسا ئۆزى بېرىپ ياكى سىرتتىن بېلەت تاشلاش خىزمەتلىرى 3-نويابىرغىچە داۋاملىشىدۇ. كوننېكتىكۇت ئىشتاتىدا سايلىغۇچىلار 1-نويابىرغىچە بېلەت تاشلىيالايدۇ.




















