خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا ۋېنېزۇئېلادا زەھەرلىك چېكىملىك قاچىلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن پورتنى ۋەيران قىلدى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ بۇ ھۇجۇمنى ئامېرىكانىڭ كاراكاسقا قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك بېسىم ئىشلىتىش ھەرىكىتى دەپ ئاتىدى.
ئامېرىكا ۋېنېزۇئېلادا زەھەرلىك چېكىملىك قاچىلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن پورتنى ۋەيران قىلدى
ئامېرىكا ۋېنېزۇئېلادا زەھەرلىك چېكىملىك قاچىلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن پورتنى ۋەيران قىلدى / Reuters

 ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋېنېزۇئېلادا پاراخوتلارغا زەھەرلىك چېكىملىك قاچىلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر پورت رايونىنىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ يېڭى بىر ھاۋا ھۇجۇمىدا ۋەيران قىلىنغانلىقىنى، بۇنىڭ «چوڭ بىر پارتلاش» نى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، رايوننى ئىشلىتىشكە بولمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

ترامپ مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، نىشاننىڭ دېڭىز تىرانسپورتى ئۈچۈن زەھەرلىك چېكىملىك تەييارلاشقا ئىشلىتىلىدىغان بىر قىرغاق مۇئەسسەسەسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«بارلىق پاراخوتلارغا ھۇجۇم قىلدۇق، ھازىر رايونغىمۇ ھۇجۇم قىلىپ، ۋەيران قىلدۇق» دەپ، زەربە بېرىلگەن رايوننى بىر «جەڭ مەيدانى» دەپ ئاتىدى، بۇ  يەرنىڭ «ئەمدى يەر يۈزىدە مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى» ئىپادىلىدى.

ھۇجۇمنى ئامېرىكانىڭ قايسى ئورگىنى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېنىق ئېيتمىغان ترامپ، پەقەت ھۇجۇمنى ئېلىپ بارغان ئورگاننى بىلىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ھۇجۇمنىڭ «قىرغاق لىنىيەسى بويىچە» ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو بىلەن يېقىندا سۆزلەشكەن-سۆزلەشمىگەنلىكى ھەققىدىكى سوئالغا ترامپ، ئۇنىڭ بىلەن «ناھايىتى يېقىندا» سۆزلەشكەنلىكىنى، ئەمما سۆھبەتتە «ھېچقانداق نەتىجە ھاسىل قىلىنالمىغانلىقىنى» ئېيتتى. ترامپ جۈمە كۈنى بىر رادىيونىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، مەزكۇر ھەرىكەت ھەققىدە توختىلىپ، ئورنىنى تىلغا ئالماستىن ۋە تېخىمۇ كۆپ تەپسىلات بەرمەستىن، ئامېرىكانىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن ئالاقىسى بار «چوڭ بىر ئەسلىھە ياكى چوڭ بىر ئورۇن» غا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

بۇ باياناتلار ئامېرىكانىڭ سېنتەبىردىن بۇيان كارىب دېڭىزى ۋە تىنچ ئوكياننىڭ شەرقىي قىسمىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە قارشى  كۈرەش تىرىشچانلىقىنى باھانە قىلىپ، ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتكەن بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى.

شەرقىي تىنچ ئوكياندىكى ھۇجۇم

رەسمىي سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 29 قېتىملىق ھۇجۇمدا كەم دېگەندە 105 كىشى ئۆلگەن. بۇ ھەرىكەت نېفىت ئاپتوموبىللىرىنى قورشاۋغا ئېلىش، پاراخوتلارنى قولغا چۈشۈرۈش ۋە ۋېنېزۇئېلا دېڭىز تەۋەلىكىگە يېقىن رايونلاردىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى كېڭەيتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئامېرىكانىڭ ۋېنېزۇئېلاغا قاراتقان تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك بېسىمى بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلماقتا. ۋېنېزۇئېلا دائىرىلىرى بۇ ھەرىكەتلەرنى «خەلقئارالىق قاراقچىلىق» دەپ ئەيىبلىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا جەنۇبىي قۇماندانلىق ئىشتابى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ تىنچ ئوكياننىڭ شەرقىي قىسمىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن ئالاقىسى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر پاراخوتقا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. قۇماندانلىق ئىشتابىنىڭ باياناتىدا، ھەرىكەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېت خېگسېتنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن خەلقئارا سۇ تەۋەلىكىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى:

«ھۇجۇم داۋامىدا ئىككى نەپەر زەھەرلىك چېكىملىك تېررورچىسى ئۆلتۈرۈلدى. ئامېرىكا ئارمىيەسىدىن ھېچقانداق كىشى زىيانغا ئۇچرىمىدى.»

ئىزدىنىڭ
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى
ئامېرىكا قايتىدىن ئىرانغا قارشى «B-1» بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنى ئىشلىتىشكە باشلىدى
تېھراندا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى
فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدا تېز تارقالغان ئورمان ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن يۈزلىگەن كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
گىرېتسىيەدە ئادەتتىن تاشقىرى ئىسسىق سەۋەبىدىن ئوچۇق ھاۋا مەيدانلىرىدا خىزمەت قىلىش چەكلەندى
رۇسىيە: «ئودېسسا پورتىغا ۋە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە يۈك توشۇيدىغان پاراخوتلارغا ئەجەللىك زەربە بەردۇق»
جەنۇبىي كورېيە ئېمبارگوغا خىلاپلىق قىلغان بىر يۈك پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلدى
فىرانسىيە 15 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئاممىۋى تاراتقۇلارغا كىرىشىنى چەكلىدى
ب د ت ئامېرىكا-ئىران جىددىيچىلىكىنى دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىردى
ئۆزبېكىستان ئىقتىسادى يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا %8.5 ئاشتى