جەنۇبىي كورېيە: شىمالىي كورېيە رۇسىيەنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىۋاتىدۇ
جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيەنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتى توغرىسىدا رۇسىيەنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
جەنۇبىي كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئان گيۇ باك پارلامېنتنىڭ مۇداپىئە كومىتېتى يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، شىمالىي كورېيەنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتى ياساش ئۈچۈن بەلكىم «ھەر خىل تېخنىكىلار» غا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتتى.
جەنۇبىي كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئان گيۇ باك پارلامېنت يىغىنىدا سۆز قىلىپ، شىمالىي كورېيەنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتى ياساش خىزمەتلىرى ئۈچۈن رۇسىيەدىن تېخنىكىلىق ياردەم ئالغانلىقىغا دائىر بەلگىلەرنىڭ بارلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ئان دۈشەنبە كۈنى پارلامېنتنىڭ مۇداپىئە كومىتېتىدا سۆز قىلغاندا، شىمالىي كورېيەنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتى ياساش خىزمەتلىرى ئۈچۈن «ھەر خىل تېخنىكىلار» غا ئېرىشكەنلىكىگە دائىر بايقاشلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.
مىنىستىر ئان، بۇنىڭغا قارىماي، پيوڭياڭ ھاكىمىيىتىنىڭ قىتئەلەر ئارا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرەلەيدىغان سۇ ئاستى پاراخوتى ياساش ئىقتىدارىغا ئېرىشتى دەپ خۇلاسە چىقىرىشقا تېخى بالدۇرلۇق قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
شىمالىي كورېيە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرەلەيدىغان سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نىشانىنى ئېلان قىلغان ھەمدە سۇ ئاستى پاراخوتىدىن قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى سۇ ئاستى سۇپىلىرىدىن سىناق قىلغان ئىدى. بىراق، پيوڭياڭنىڭ بۇ بومبىلارنى سۇ ئاستى پاراخوتلىرىدىن قويۇپ بېرىشتە تولۇق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ قازانمىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس.
پيوڭياڭ ھاكىمىيىتى يەنە، يادرو ئېنېرگىيەسى بىلەن ئىشلەيدىغان سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنى ياساش خىزمەتلىرىنىمۇ داۋاملاشتۇرماقتا.
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە ئالدىنقى ئىككى يىلدا ھەربىي ھەمكارلىقنى زور دەرىجىدە كۈچەيتتى. جەنۇبىي كورېيە ئىستىخبارات تەشكىلاتلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، پيوڭياڭ رۇسىيە ئۈچۈن ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا جەڭ قىلىش ئۈچۈن 10 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر ئەۋەتكەن ھەمدە بۇنىڭ بەدىلىگە ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي تېخنىكىلىق ياردەمگە ئېرىشكەن.