ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
پەلەستىن باش مىنىستىرى ھۆكۈمىتىنىڭ غەززەدە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى
ترامپنىڭ غەززەدىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش پىلانىنى ئېلان قىلىشىدىن كېيىن، پەلەستىن باش مىنىستىرى مۇھەممەد مۇستافا ھۆكۈمىتىنىڭ غەززەدە مەسئۇلىيەت ئۈستىگە ئېلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
پەلەستىن باش مىنىستىرى ھۆكۈمىتىنىڭ غەززەدە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى
پەلەستىن باش مىنىستىرى ھۆكۈمىتىنىڭ غەززەدە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى / Reuters

پەلەستىن باش مىنىستىرى مۇھەممەد مۇستافا ھۆكۈمىتىنىڭ قورشاۋ ئاستىدىكى غەززەدە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى بىلەن ھەرقايسى ئورگانلىرىنى بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

باش مىنىستىر مۇھەممەد مۇستافا بۇ باياناتلارنى راماللاھتىكى ھەپتىلىك مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنى ھارپىسىدا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ غەززەدىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش پىلانىنى جاكارلىشىدىن بىر كۈن كېيىن ئېلان قىلدى.

مۇستافا ھۆكۈمىتىنىڭ «غەززەدە جىددىي ياردەم، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قايتا قۇرۇش خىزمەتلىرى ياكى يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك مىللىي ئىسلاھاتلارنى داۋاملاشتۇرۇش قاتارلىق بارلىق مىللىي مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىگە ئېلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى» تەكىتلىدى.

دۈشەنبە كۈنى پەلەستىن ترامپنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئۇرۇشىنى توختىتىش پىلانىنى قارشى ئالغان بولۇپ، ئامېرىكا، رايونلۇق دۆلەتلەر ۋە ھەمكارلاشقۇچىلار بىلەن بىرلىكتە «غەززەدىكى ئۇرۇشنى كەڭ كۆلەملىك كېلىشىم ئارقىلىق ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن» بىرلىكتە خىزمەت ئىشلەشكە ۋەدە بەردى.

ترامپ ئىرقىي قىرغىنچى بېنيامىن نېتانياھۇ بىلەن ئۆتكۈزگەن ئورتاق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئۆزىنىڭ پىلانىنىڭ ئاساسلىق نۇقتىلىرىنى ئېلان قىلدى. بۇ پىلان ئىسرائىلىيە ئەسىرلىرىنىڭ 72 سائەت ئىچىدە قويۇپ بېرىلىشى، ئۇرۇش توختىتىش ۋە ھاماسنىڭ قورالسىزلاندۇرۇلۇشى قاتارلىق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ترامپ پىلاننىڭ ھاماسنى سىرتتا قالدۇرىدىغان ۋە پەلەستىن ھۆكۈمىتىنى داخىل قىلماستىن غەززەنى باشقۇرىدىغان بىر ھاكىمىيەتنىڭ قۇرۇلۇشىنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن، ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىدىغان خەلقئارالىق نازارەت قىلىش ئورگىنى قۇرۇشنى پىلانلىغانلىقىنى ئېيتتى.

تەۋسىيەگە ئاساسەن، غەززە خەلقئارا ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى خەلقئارا كېڭىشى كومىتېتلارنى تەشكىل قىلىدۇ ھەمدە غەززە ھۆكۈمىتىنى «كۈندىلىك باشقۇرۇش ۋە ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل ئىجرائىيە ئورگىنى» ئارقىلىق نازارەت قىلىدۇ. بۇ كېڭەشنىڭ قارمىقىدا، ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى پەلەستىن ھۆكۈمىتىدىن پەرقلىق بىر ئورگان بولغان پەلەستىن ئىجرائىيە ئورگىنى بارلىققا كېلىدۇ.

مۇستافا بارلىق تىرىشچانلىقلارنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشى، بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، غەززە ۋە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى مىللىي ئورگانلارنى ھەم قانۇن – تۈزۈملەرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش نىشان قىلىنىۋاتقان تىرىشچانلىقلارنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

باش مىنىستىر مۇستافا يەنە، سېنتەبىردە قوبۇل قىلىنغان نىيۇ يورك خىتابنامىسى، پەلەستىن دۆلىتىنىڭ بارغانسېرى كت دۆلەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى خەلقئارالىق تەشەببۇسلارنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى قەيت قىلدى. بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ «پەلەستىن مىللىي ھۆكۈمىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشقا تاقابىل تۇرۇش، مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇش يولىنى مۇستەھكەملەش ۋە پەلەستىن خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ھەم مۇستەقىللىق ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش» ئۈچۈن ئاساس قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە فىرانسىيەنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلان قىلىنغان بۇ خىتابنامىدە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش يولىغا بولغان ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەندى. شۇنىڭ بىلەن، بۇ باسقۇچقا داخىل بولغۇچىلار ئەسلا ۋاز كەچكىلى بولمايدىغان تىنچلىق يولى باسۇچىغا قەدەم قويغان بولدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - ترامپ غەززە تىنچلىق پىلانىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بىر پەيتتە، نېتانياھۇ ئاقساراينى زىيارەت قىلىدۇ

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى «تارىخىي» كېلىشىمىنى قوللايمىز
«يولبارس» كولومبىيەنىڭ پىرېزىدېنتى بولدى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئوتتۇرىسىدا «مەككە ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمى» ئىمزالاندى
تايلاندتا مەكتەپتە قانلىق ۋەقە يۈز بەردى
قىرغىزىستاندا ياۋرو-ئاسىيا ھۆكۈمەتلەر ئارا كېڭىشى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئۈچ تەرەپلىك مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالايدۇ
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى پاكىستاندىكى قانلىق تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
ئىران باش مۇزاكىرىچىسى ئامېرىكانى «تىياتىر دىپلوماتىيەسى» يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلىدى
خىتاي تەتقىقاتچىلىرى «يېلىم شارچىسى» نىڭ دەلىلىنى تاپتى
خىروشىما ئامېرىكانىڭ ئاتوم بومبىسى تاشلانغانلىقىنىڭ 81 يىللىقىنى خاتىرىلىدى
ترامپ ئامېرىكا قورال كەمچىللىكى مەسىلىسىدە خېگسېتقا بېسىم ئىشلەتكەن
ئىران ئەمەلدارى: ھورمۇز بوغۇزى ئىرانغا قارىتىلغان تەھدىتلەر ئاخىرلاشقۇچە يېپىق قالىدۇ
ياپونىيە باش ۋەزىرى يادرو قوراللىرىنى ئىشلەتمەسلىك ئەنئەنىسىنى قوغداشقا ۋەدە بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى
قانۇنسىز ئىسرائىلىيە كۆچمەنلىرى غەربىي قىرغاقتا پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇپ بەردى
ئىسرائىلىيە رىمدا ۋاسىتىلىك سۆھبەت داۋاملىشىۋاتقاندا لىۋانغا قايتىدىن ھۇجۇم قىلىشنى ئويلاشماقتا