خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
تايلاند بىلەن بولغان چېگرا توقۇنۇشىدا بىر كامبودژا پۇقراسى قازا قىلدى
كامبودژانىڭ ئوددار مېئانچېي ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇش سەۋەبىدىن 1500 ئائىلە ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. تايلاند تەرەپ چېگرادىكى كەسكىنلىشىپ كەتكەن جىددىيچىلىكتە 15 پۇقراسىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
تايلاند بىلەن بولغان چېگرا توقۇنۇشىدا بىر كامبودژا پۇقراسى قازا قىلدى
/ Reuters

كامبودژالىق بىر ئەمەلدارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا قايتىدىن ئەۋج ئالغان زوراۋانلىقنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە، تايلاند بىلەن بولغان چېگرا توقۇنۇشىدا كەم دېگەندە بىر كامبودژا پۇقراسى ھاياتىدىن ئايرىلغان، يەنە بەش كىشى يارىلانغان.

ئوددار مېئانچېي ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت باياناتچىسى مېت مىس فېكدېي، توقۇنۇشنىڭ چېگرا ماجىراسى داۋاملىشىۋاتقان بانتېي ئامپىل رايونىدا يۈز بەرگەنلىكىنى قەيت قىلدى. فېكدېي ئۆزىنىڭ فېيسبۇكتىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، 1500 گە يېقىن كامبودژالىق ئائىلىنىڭ بىخەتەر رايونلارغا كۆچۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، تايلاند سەھىيە مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى ئەتىگەندە، كامبودژا بىلەن بولغان توقۇنۇشتا 15 تايلاند پۇقراسىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

جىددىيچىلىك كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇشقا ئايلاندى

تايلاند بىلەن كامبودژا ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك، ماي ئېيىدا ئىككى دۆلەت ئەسكەرلىرىنىڭ چېگرا ماجىراسى داۋاملىشىۋاتقان كىچىك بىر رايوندا توقۇنۇشۇشى نەتىجىسىدە قايتىدىن كەسكىنلەشكەن ئىدى. بۇ ۋەقەدە بىر كامبودژا ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلغان. تەرەپلەر بىر-بىرىنى ئەيىبلىگەن ۋە ھەر ئىككى دۆلەت ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىدىن پايدىلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

گەرچە ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى كېيىنچە جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، ھەربىي ھەرىكەتتىن باشقا جاۋاب قايتۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش تەھدىتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكىنى ساقلاپ كەلگەنىدى.

تايلاند ھۆكۈمىتى چېگرا لىنىيەسى بويىچە تېخىمۇ قاتتىق چەكلىمىلەرنى يولغا قويۇپ، ئوقۇغۇچىلار، بىمارلار ۋە زۆرۈر ئېھتىياجلىق كىشىلەردىن باشقىلارنىڭ چېگرادىن ئۆتۈشىنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك توختىتىۋەتكەن. تايلاند دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى چېگرانىڭ تولۇق تاقالغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.

بۇنىڭغا قارىتا كامبودژا ھۆكۈمىتىمۇ جاۋاب قايتۇرۇپ، تايلاندنىڭ كىنو ۋە تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى تارقىتىشنى چەكلىدى؛ تايلاندتىن يېقىلغۇ، مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتات ئىمپورت قىلىشنى توختاتتى؛ شۇنداقلا بىر قىسىم خەلقئارالىق ئىنتېرنېت لىنىيەلىرى بىلەن تايلاندتىن كېلىدىغان ئېنېرگىيە تەمىناتىنى ئۈزۈپ قويدى.

ئىزدىنىڭ
قازاقىستاندا بىر پارلامېنتلىق قۇرۇلتاي سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى
ئامېرىكا سوتى 75 دۆلەتكە قويۇلغان كۆچمەنلىك ۋىزىسى چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا يەنە بىر قېتىم بېسىپ كىردى
رۇسىيەنىڭ «Ozon» شىركىتىگە تەۋە ئۈچ ئامبار ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
بېسېنت: ئىران مەسىلىسىدە ئاخىرقى باسقۇچقا كىردۇق
ئىراق ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورتاق بىخەتەرلىك كېڭىشى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى
سۈرىيە ۋە ئىسرائىلىيە ھەيئەتلىرى ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا باج كىرىزىسى يۈز بەردى، ترامپ كانادا ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 73 مىڭ 419 غا ئۆرلىدى
ئامېرىكا ب د ت غا بولغان 5 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قەرزىنىڭ بىر قىسمىنى تۆلەشنى پىلانلىماقتا
نېتانياھۇ سىياسىي سايلامنى كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن جىددىيچىلىكنى ئاشۇرىشى مۇمكىن
پېزەشكىيان: ئىران "نە ئۇرۇش، نەتىنچلىق" ۋەزىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى خالايدۇ، يول قويۇشنى رەت قىلىدۇ
نېتانياھۇ: باش مىنىستىلىق مۇددىتىم بويىچە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت بەرمەيمەن
تورنىڭ سۇلتانلىرى ياۋروپا ئالىي دەرىجىلىك مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى مۇسابىقىسىگە چۈشىدۇ
پاكىستان ۋە مالايسىيا بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كېلىشتى