تۈرك دۇنياسى
2 مىنۇت ئوقۇش
قىرغىزىستاندا ياۋرو-ئاسىيا ھۆكۈمەتلەر ئارا كېڭىشى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئېلېكترونلۇق سودا، پاي چېكى بازارلىرىغا ئۆزئارا كىرىش ۋە ئاكادېمىك ئۇنۋانلارنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشنى مەزمۇن قىلغان ئۈچ تۈرلۈك ھەمكارلىق كېلىشىمىگە ئىمزا قويدى.
قىرغىزىستاندا ياۋرو-ئاسىيا ھۆكۈمەتلەر ئارا كېڭىشى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىغا ئەزا ۋە كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر رەھبەرلىرى يىغىنىدىن بىر كۆرۈنۈش.

قىرغىزىستاننىڭ چولپان-ئاتا شەھىرىدە ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىغا (AEB) ئەزا دۆلەتلەر ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن، ياۋرو-ئاسىيا ھۆكۈمەتلەر ئارا كېڭىشىنىڭ يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

قىرغىزىستان مىنىستىرلار كابىنېتىنىڭ مەسئۇلى ئادىلبېك قاسىمئالىيېۋنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىنغا؛ رۇسىيە باش مىنىستىرى مىخايىل مىشۇستىن، قازاقىستان باش مىنىستىرى ئولژاس بېكتېنوۋ، بېلارۇسىيە باش مىنىستىرى ئالېكساندىر تۇرچىن، ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان، ئۆزبېكىستان باش مىنىستىرى ئابدۇللا ئارىپوۋ، ئىران سانائەت، كانچىلىق ۋە سودا مىنىستىرى سەييىد مۇھەممەد ئاتاباك ۋە كۇبانىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گونزالېز ئېنرىكې ئورتا قاتارلىقلار قاتناشتى.

قاسىمئالىيېۋ يىغىندىكى نۇتقىدا، دۇنيا مىقياسىدا ئۆرلەۋاتقان يېمەكلىك باھاسىنىڭ جەمئىيەتتە جىددىيلىك پەيدا قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى. ئۇ، ئىتتىپاقنىڭ ئورتاق پۇل-مۇئامىلە بازىرىنى ئۈنۈملۈك تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، بۇ بازارلارنىڭ تاۋار، مۇلازىمەت، كاپىتال ۋە ئەمگەك كۈچىنىڭ ئەركىن ئايلىنىشىغا ئاساس سېلىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئورتاق پۇل-مۇئامىلە بازىرى ئەزا دۆلەتلەرگە رىقابەت ئەۋزەللىكى يارىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئىقتىسادىي ئېشىشقا يېڭى پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. بىر ئەزا دۆلەتتىكى ۋاسىتىچى ئاپپاراتلار ۋە سودىگەرلەرنىڭ ئىتتىپاققا ئەزا باشقا دۆلەتلەرنىڭ پاي چېكى بازارلىرىغا كىرىشىگە يول ئاچىدىغان كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشى بۇ ساھەدىكى مۇھىم قەدەمدۇر.»

ئىتتىپاقنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى، قازاقىستان باش مىنىستىرى ئولژاس بېكتېنوۋ دۇنيا ئىقتىسادىدىكى ئېنىقسىزلىقلارغا ئىشارەت قىلىپ، بۇ يىل ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى ئىچىدىكى ئومۇمىي سودا مىقدارىنىڭ %7.3 ئېشىپ، 102 مىليارد دوللارغا يېتىشىنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنىڭ ئەرمېنىيەنىڭ تاشقى سىياسەت ۋە ئىقتىسادىدىكى ئالدىنقى نىشانى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئىتتىپاق ئىچىدىكى سىستېمىلىق توسالغۇلارنى چوقۇم تۈگىتىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

رۇسىيە باش مىنىستىرى مىخايىل مىشۇستىن بولسا، ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى دائىرىسىدە يېزا ئىگىلىك ساھەسىدە چەت ئەلگە تايىنىپ قېلىشنى ئازايتىش ۋە يەرلىك ئىشلەپچىقىرىشنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

يىغىن ئاخىرىدا، كېڭەشنىڭ كېلەر نۆۋەتلىك يىغىنىنى 1- ۋە 2-ئۆكتەبىر كۈنلىرى بېلارۇسنىڭ پايتەختى مىنسك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈش قارار قىلىندى.

ئىزدىنىڭ
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
نېپال-خىتاي چېگراسىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر 1 مىڭ 400 گە يەتتى
ۋېنگىرىيە 10 رۇسىيەلىك دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى
پولشادا ماشىنا ئادەملەر سۈنئىي ئەقىلگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى
ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا بىر پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مىلادىچ ئۈچۈن دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى
سموترىچ ۋە بېن-گۋىر ئەنگلىيەگە جازا يۈرگۈزۈش ۋە باش ئەلچىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى
كانادا ئامېرىكا ماللىرىغا 20 مىليارد دوللارلىق تاموژنا بېجى قويدى
تۈركىيە ملادىچ ئۈچۈن ھەربىي دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى
قاتار ئامېرىكا-ئىران كىرىزىسىنى «باسقۇچلۇق ھالدا ئاخىرلاشتۇرۇش» نى نىشان قىلماقتا
زېلېنسكىي ئامېرىكانىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى پەسەيتىش ئۈچۈن قەدەم تاشلىغانلىقىنى ئېيتتى
ھاماس ئىسرائىلىيەنى غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەلىللىرىنى يوشۇرۇش بىلەن ئەيىبلىدى