ئەردوغان ئوتتۇرا شەرقتىكى جىددىيچىلىكلەر كۆلەڭگىسىدە روزا ھېيتتا بىرلىككە كېلىش چاقىرىقى قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئوتتۇرا شەرقتە «قايناۋاتقان» ئۆزگىرىشلەرگە دىققەت قوزغاپ، روزا ھېيتنىڭ تۈركىيەدە بىرلىك ۋە قېرىنداشلىقنى كۈچەيتىشكە ۋەسىلە بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

By
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئوتتۇرا شەرقتىكى جىددىيچىلىكلەر كۆلەڭگىسىدە روزا ھېيتتا بىرلىككە كېلىش چاقىرىقى قىلدى / AA

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جۈمە كۈنى روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان تەبرىك ئۇچۇرىدا، بىرلىك ۋە ھەمدەملىكنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى، شۇنداقلا ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە قارىتا ئەندىشىلىرىنى بايان قىلدى.

رىزە ۋىلايىتىنىڭ گۈنەيسۇ ناھىيەسىدىكى مەركىزىي جامەدە ھېيت نامىزىدىن كېيىن سۆز قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، رامازان ئېيىنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە ھېيتنىڭ كېلىشى بىلەن بىرگە، بۇنىڭ ئىسلام دۇنياسى ئۈچۈن بىر يېڭىلىنىش پۇرسىتى بولۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«ئون بىر ئاينىڭ سۇلتانى مۇبارەك رامازان ئېيىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، بۈگۈن روزا ھېيتنى كۈتۈۋالدۇق.

رەببىم روزا ھېيتنى پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسى ئۈچۈن نىجاتلىق ۋە قايتا تىرىلىشكە ۋەسىلە قىلسۇن!»

ھېيتنىڭ تۈركىيەدە بىرلىك ۋە قېرىنداشلىقنى كۈچەيتىشكە ۋەسىلە بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرگەن ئەردوغان، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىلىقمۇ توختىلىپ، رايوننىڭ «خۇددى قازانغا ئوخشاش قايناۋاتقانلىقى» نى ئېيتتى.

ئىسرائىلىيە ھەققىدە توختالغان ئەردوغان: «بۇ زىيونىست ئىسرائىلىيە يۈزلەرچە، مىڭلارچە ئىنساننى قەتل قىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدىغانلىقىغا چىن دىلىمدىن ئىشىنىمەن» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆزىنى ياخشى تىلەكلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇپ: «رەببىم يار ۋە ياردەمچىمىز بولسۇن، روزا ھېيتنى دۆلىتىمىز ۋە مىللىتىمىز ئۈچۈن خەيرلىك قىلسۇن» دېدى.