ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە سۇداندىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بازىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى
تۈركىيە سۇداندىكى تىنچلىقنى ساقلاش قىسمىنىڭ ئالتە ئەسكىرىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بازىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى.
تۈركىيە سۇداندىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بازىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى
تۈركىيە سۇداندىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بازىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى / AFP
2025-يىلى12-ئاينىڭ15-كۈنى

ئەنقەرە سۇداندا داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلارغا تىنچ يوللار بىلەن چارە تېپىش تىرىشچانلىقلىرىنى كۈچلۈك قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

تۈركىيە دۈشەنبە كۈنى سۇداندىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىر بازىسىغا قىلىنغان ۋە تىنچلىقنى ساقلاش قىسمىنىڭ باڭلادېشلىق ئالتە نەپەر ئەسكەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا، سەككىز كىشىنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغان قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا: «بۇ قەبىھ ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغان باڭلادېشلىق تىنچلىقنى ساقلاش قىسمى ئەسكەرلىرىگە ئاللاھتىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز» دېيىلدى.

مىنىستىرلىق سۇداننىڭ بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، «دۆلەتتە داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلارغا تىنچ يوللار بىلەن چارە تېپىش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقلارنى كۈچلۈك قوللايدىغانلىقىنى» يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى.

ھۇجۇم سۇدان ئارمىيەسى بىلەن قوراللىق خەلق ئەسكەرلىرى بولغان تېز ياردەم بېرىش كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش توختىماستىن داۋاملىشىۋاتقان بىر مەزگىلدە يۈز بەردى. 2023 - يىلى ئاپرېلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلار مىڭلىغان كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە، مىليونلىغان كىشىنىڭ ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشىغا ۋە دۇنيانىڭ ئەڭ ئېغىر ئىنسانىي كىرىزىسلىرىدىن بىرىگە سەۋەب بولدى.

 سۇدان ئارمىيەسى ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارىنىڭ  تېز ياردەم بېرىش كۈچلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئىسىيانچى گۇرۇھتىن بولسا دەرھال بىرەر ئىنكاس كەلمىدى.

ھاياتىدىن ئايرىلغان تىنچلىقنى ساقلاش قىسمى ئەسكەرلىرى سۇدان ۋە قوشنا دۆلەت جەنۇبىي سۇدان تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان تالاش - تارتىشلىق، نېفىتكە باي چېگرا رايونىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئابيېي ۋاقىتلىق بىخەتەرلىك قىسمىنىڭ قارمىقىدا ئىدى.

ئالدىنقى ھەپتە جەنۇبىي سۇدان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى چېگراغا يېقىن غەربىي كوردوفانغا جايلاشقان ھېگلىگ نېفىت بازىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى جەنۇبىي سۇدان خەلق مۇداپىئە كۈچلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش توغرىسىدا سۇدان ئارمىيەسى ۋە تېز ياردەم بېرىش كۈچلىرى بىلەن ئۈچ تەرەپلىك كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

 كېلىشىمگە ئاساسەن ھېگلىگدىكى نېفىت ئەسلىھەلىرىنى قوغداش ۋەزىپىسى جەنۇبىي سۇدان خەلق مۇداپىئە كۈچلىرىگە بېرىلىشى شەرت.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئابيېي ۋاقىتلىق بىخەتەرلىكنى قوغداش قىسمىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئالدىنقى ئايدا ئۇزارتىلغانىدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە گىرېتسىيەدىكى تۈرك ئاز سانلىقلار مەكتىپىگە قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى
تۈركىيە ۋە سۈرىيە رەھبەرلىرى سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى
ئۇكرائىنا ھۇجۇمىدىن كېيىن يېرىم مىليوندىن ئارتۇق بېلگورودلۇق ئىسسىنىش ۋە توكتىن مەھرۇم قالدى
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە 22 مۇسۇلمان دۆلەت ئىسرائىلىيەنىڭ سومالىلاند زىيارىتىنى ئەيىبلىدى
ئىران دۆلەت تاراتقۇلىرى: تۈنۈگۈن كېچە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ئارقىسىدا ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە بار
سۈرىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھەلەبتە ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلدى
رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا كىيېۋدا تۆت كىشى ئۆلدى، 10 كىشى يارىلاندى
باش ئەلچى سەدات ئۆنال ئامېرىكالىق سېناتور ئېلىسا سلوتكىن بىلەن كۆرۈشتى
سەئۇدى ئەرەبىستان: جەنۇبىي ئۆتۈش كېڭىشى رەھبىرى جىددىيچىلىك سەۋەبىدىن يەمەندىن قاچتى
ئىراندا نارازىلىق نامايىشلىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 38 گە يەتتى
ترامپ ئامېرىكا كۆچمەنلەر ۋە تاموژنا ئىدارىسىنىڭ بىر ئايالنى ئۆلتۈرۈشىنى «قانۇنىي قوغدىنىش» دېدى
ئىران ئارمىيە قوماندانى ترامپ ۋە نېتانياھۇغا تەھدىت سالدى
لوندوندىكى پەلەستىن ۋاكالەتخانىسىنىڭ دەرىجىسى تولۇق ئەلچىخانا سالاھىيىتىگە ئۆستۈرۈلدى
تۈركىيە «ئەرەبىستانلىق لاۋرېنس» غا ئائىت ئوسمانلى دەۋرى ئىستىخبارات ئارخىپلىرىنى ئاشكارىلىدى
ئىران موسساد جاسۇسى دېگەن جىنايەت بىلەن بىر كىشىنى دارغا ئاستى