مادۇرو: پەلەستىن دەۋاسى ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ھەقلىق دەۋاسىدۇر
ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو پەلەستىن دەۋاسىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ھەقلىق دەۋاسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مادۇرو: پەلەستىن دەۋاسى ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ھەقلىق دەۋاسىدۇر
مادۇرو: پەلەستىن دەۋاسى ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ھەقلىق دەۋاسىدۇر / others

نىكولاس مادۇرو ۋېنېزۇئېلانىڭ پايتەختى كاراكاستا ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا پەلەستىن بىلەن ھەمنەپەس بولۇش يىغىنى» دا قىلغان سۆزىدە، پەلەستىن دەۋاسىنى ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ئادىل بىر دۇنيا بەرپا قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۆتكەن ئەسىردىن مىراس قالغان كۈرەشلەرنىڭ سەۋەبلىرىگە قارايدىغان بولساق، پەلەستىن دەۋاسىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ھەقلىق دەۋاسى ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. دەرۋەقە بۇ، ئىنسانىيەتنى بىرلەشتۈرىدىغان ھەققانىي ۋە ئالەمشۇمۇل بىر دەۋادۇر.»

مادۇرو ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ياۋروپا ۋە لاتىن ئامېرىكانىڭ ئەسەبىي ئوڭچىللىرىنى ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىندە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ جىنايەت شېرىكى بولۇش بىلەن ئەيىبلىدى، ھەمدە فاشىزم ۋە زىيونىزمغا قارشى دۇنياۋى كۈرەشنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە پەلەستىن ۋە پەلەستىن خەلقىنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنى قوغدايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ، پەلەستىن خەلقىنىڭ مۇستەقىل دۆلەتكە ئىگە بولۇش ھوقۇقىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«بۇگۈنكى كۈندە بىز پەلەستىندە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىغا شاھىت بولۇۋاتىمىز. بالىلار، ئاياللار ۋە ئەرلەرگە قارشى ھەر كۈنى سادىر قىلىنىۋاتقان جىنايەتلەر ئالدىدا چوڭقۇر ئازابلىنىۋاتىمىز.»

 

مادۇرو پەلەستىننىڭ ياشاش، مۇستەقىللىق ۋە مەۋجۇت بولۇش ھوقۇقىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتتى، شۇنداقلا پەلەستىن دەۋاسىنىڭ ۋېنېزۇئېلا، لاتىن ئامېرىكا ۋە كارىب دېڭىزى رايونىنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ھوقۇقىغا ئوخشاشلا مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

پىرېزىدېنت مادۇرو ۋېنېزۇئېلانىڭ پەلەستىن ۋە ئوتتۇرا شەرق خەلقلىرى بىلەن ھەمنەپەس ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۇرۇشى ئىنساننىڭ ۋەتىنى ئۈچۈن، پەلەستىننىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن بولغان ئۇرۇشتۇر. ئادالەتكە ئېرىشىش پەلەستىن خەلقىنىڭ ئەڭ تەبىئىي ھوقۇقىدۇر، دەرۋەقە پەلەستىن خەلقى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ قوللىشى ئاستىدا ھامان بىر كۈنى چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ.»

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سۈرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ماگناتى MKE مىسىردا ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تارماق شىركەت قۇردى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى
دونالد ترامپ كانادا مەھسۇلاتلىرىنى خېرىدار چاقىرىش تۈرلىرىدىن چىقىرىۋېتىش بۇيرۇقى چۈشۈردى
مالايشىيادا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بەش كىشى قازا قىلدى
يېڭى زېلاندىيە ئىسرائىلىيەنى  قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇستىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنى 30 كۈن ئىچىدە تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈردى
كانادانىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان قايتۇرما تاموژنا بېجى رەسمىي يولغا قويۇلدى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
تۈركىيە مۇداپىئە ساھەسىدىكى تېخنولوگىيە تەجرىبىلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە يۆتكەشنى نىشان قىلماقتا
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى