سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ۋانس ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا ئالاقىدار شىۋىيېتسارىيە زىيارىتىنى كېچىكتۈردى
ئاقساراي ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جېي دى ۋانس (J.D. Vance) يېتەكچىلىكىدىكى ھەيئەتنىڭ شىۋىيېتسارىيەگە قىلىدىغان زىيارىتىنى كېچىكتۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ۋانس ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا ئالاقىدار شىۋىيېتسارىيە زىيارىتىنى كېچىكتۈردى
دەسلەپتە ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قاراتقان ئۇرۇشىغا گۇمان بىلەن قارىغان ۋانس، ھۆكۈمەتنىڭ توقۇنۇشتىكى ئاممىۋى سىماسىغا ۋە تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ ئاكتىپ قوغدىغۇچىسىغا ئايلاندى. / AP

ئاقساراي ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جېي دى ۋانس (J.D. Vance) يېتەكچىلىكىدىكى ھەيئەتنىڭ يولغا چىقىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى، بىراق ئىران بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان تېخنىكىلىق سۆھبەتلەرگە ئالاقىدار لوگىستىكىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش تەپسىلاتلىرى تېخى ھەل قىلىنمىغانلىقى ۋە بەزى قىيىنچىلىقلارنىڭ كۆرۈلگەنلىكى سەۋەبىدىن، ۋانسنىڭ شىۋىيېتسارىيەگە قىلىدىغان زىيارىتىنى كېچىكتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئاقساراينىڭ بىر باياناتچىسى بايانات بېرىپ: «ھازىرچە ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى بۇ كېچە يولغا چىقمايدۇ» دېدى.

ئەسلىدە ۋانسنىڭ ئىرانغا مۇناسىۋەتلىك سۆھبەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش تىرىشچانلىقلىرى دائىرىسىدە، شىۋىيېتسارىيەگە بېرىشى كۈتۈلۈۋاتقان ئىدى.

باياناتچى مۇنداق دېدى: «مۇئاۋىن پىرېزىدېنت مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا تىلغا ئالغىنىدەك، ئالدىمىزدىكى تېخنىكىلىق سۆھبەتلەرگە ئالاقىدار پىلانلار تېخى ئېنىقلاشمىدى. ئامېرىكا ھەيئىتى بولسا تۇنجى پۇرسەتتىلا يولغا چىقىشقا تەييار تۇرماقتا. بىراق، بۇ مۇزاكىرىلەرنىڭ لوگىستىكىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش جەريانى ھېچقاچان ئاددىي ياكى ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان خىزمەت بولۇپ باققان ئەمەس.»

باياناتچى يەنە، ئامېرىكانىڭ تېخنىكىلىق سۆھبەتلەرنى «مۇمكىن بولغان ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە» باشلاشنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پەيشەنبە كۈنى ۋانس مۇخبىرلارغا شىۋىيېتسارىيەگە بېرىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ۋە ئىران بىلەن بولغان تېخنىكىلىق سۆھبەتلەرنىڭ «مۇشۇ ھەپتە ئاخىرى» باشلىنىشى مۇمكىنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «شىۋېيتسارىيەگە بېرىشنى پىلانلاۋاتىمەن. ئېنىق قاچانلىقىغا كەلسەك... مېنىڭچە بۇ تېخنىكىلىق سۆھبەتلەر ھەپتە ئاخىرىدا باشلىنىدۇ؛ پىلانىمىز يەنىلا مۇشۇنداق. بىراق ئەھۋال ئۆزگىرىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن، چۈنكى ئىران بىلەن ئالاقىلىشىش ئاسان ئەمەس. شۇڭا، بىز بۇنىڭ ئېنىق قاچان ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتىمىز. مېنىڭچە ھەپتە ئاخىرىدا بولىدۇ، بىراق ئېنىق بىر نېمە دېيەلمەيمەن.»

ئىراننىڭ يېرىم رەسمىي ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئىگە «تەسنىم» خەۋەر ئاگېنتلىقىمۇ ئىران ھەيئىتىنىڭ شىۋىيېتسارىيە زىيارىتى توغرىسىدا تېخى «ھېچقانداق ئىشنىڭ جەزملەشتۈرۈلمىگەنلىكى»نى خەۋەر قىلدى.

«كۆزقاراش پەرقى»

دادىسى ئەلى خامەنېي 28-فېۋرالدا — ئۇرۇشنىڭ تۇنجى كۈنى ئېلىپ بېرىلغان ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ھاۋا ھۇجۇمىدا سۈيقەستكە ئۇچراپ قازا قىلغاندىن كېيىن، دىنىي رەھبەر بولۇپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان مۇجتەبا خامەنېي يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تەپسىلاتلارغا كىرمەستىن ئۆزىنىڭ «ئوخشىمايدىغان بىر كۆزقاراشقا» ئىگە بولۇشىغا قارىماي، بۇ كېلىشىمنى تەستىقلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خامەنېي سۆزىدە مۇنداق دېدى: «بىراق، پىرېزىدېنت مەسئۇد پەزەشكىياننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەسئۇللارنىڭ ‹ئىران مىللىتىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش› توغرىسىدىكى ۋەدىلىرىگە ئاساسەن بۇ كېلىشىمگە رۇخسەت بەردىم. كەلگۈسىدە ئامېرىكا بىلەن يۈزمۇيۈز سۆھبەتلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ، بىراق بۇ ھەرگىزمۇ دۈشمەننىڭ كۆزقارىشىنى قوبۇل قىلىش دېگەنلىك ئەمەس.»

جۈمە كۈنى ئىراننىڭ باش مۇزاكىرىچىسى مۇھەممەد باقىر قالىباف «X» سۇپىسىدا كېلىشىمگە ھەرقانداق شەكىلدە خىلاپلىق قىلىنماسلىقى كېرەكلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئەگەر قارشى تەرەپ يامان نىيەتتە ھەرىكەت قىلسا، كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلسا ياكى ھەددىدىن ئاشىدىغان قىلمىشلاردا بولسا، دۈشمەنگە قەتئىي جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقىدىن قىلچە شۈبھىلەنمەڭلار» دېدى.

ۋانس زىيارىتىنى كېچىكتۈرۈشتىن بۇرۇن، پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىفمۇ شىۋىيېتسارىيە زىيارىتىنى كېچىكتۈرگەن بولۇپ، ئەسلىدە ئىسلامئاباد دائىرىلىرى شىۋىيېتسارىيەدە كېلىشىمگە ئالاقىدار رەسمىي ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا ساھىبخانلىق قىلىشنى پىلانلىغان ئىدى.

مەسىلىنىڭ سەزگۈرلۈكى سەۋەبىدىن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئىككى نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار، بۇ زىيارەتلەرنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشىگە مەزكۇر كېلىشىمنىڭ ئىران ۋە ئامېرىكا تەرىپىدىن ئاللىقاچان ئىمزالىنىپ بولغانلىقىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىزدىنىڭ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ترامپ خىتايدا پۇتىن ۋە شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
پۇتىن ترامپ ۋە شى جىنپىڭ بىلەن ئۈچ تەرەپلىك باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى تەكلىپ قىلدى
پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ھۇسىيلارنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ بېكىتىشكە چاقىردى
ياۋروپا ئۇكرائىناغا سۈنئىي ھەمراھ جەھەتتە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئىران رىيادنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى
ترامپتىن زېلېنسكىيغا تەنقىد: پۇتىن بىلەن كېلىشىش تېخىمۇ ئاسان
خىتاي ئوربېتاغا 10 سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بەردى
ئىلون ماسك ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتىنى ئىستېپاغا چاقىردى
تەيۋەن: خىتايدىكى ئۆپكە ۋاباسى كېسەللىكىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى كۆزىتىمىز
زېلېنسكىي: پۇتىن ترامپقا «ھۆرمەتسىزلىك» قىلدى
پاكىستان ئامېرىكا بىلەن ئىراننى «ئىسلامئاباد كېلىشىمى» دىكى ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىردى
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ئىران: «ئومان بىلەن ھورمۇز بوغۇزى ھەققىدە زۆرۈر كېلىشىم ھاسىل قىلدۇق»
موسكۋانىڭ ترامپنىڭ باياناتىغا سۈكۈت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
ترامپ خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىرانغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى
رۇسىيە: بىز ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەس، بەلكى ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقنى خالايمىز
ئىران سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ھۇسىيلار ئوتتۇرىسىدىكى كىرىزىسنى دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىشقا چاقىردى