غەززە ئۇرۇشى
3 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە غەززەگە يۈرۈش قىلغان ئەركىنلىك فىلوتى بىرلەشمىسىنىڭ پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كەم دېگەندە ئىككى پاراخوت قولغا چۈشۈرۈلگەن ھەمدە پاراخوتلاردىن كۆپ ساندىكى نەق مەيدان تارقىتىشلىرى ئۈزۈلۈپ قالغان.
ئىسرائىلىيە غەززەگە يۈرۈش قىلغان ئەركىنلىك فىلوتى بىرلەشمىسىنىڭ پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە غەززەگە يۈرۈش قىلغان ئەركىنلىك فىلوتى بىرلەشمىسىنىڭ پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى / Reuters

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى چارشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 04:34 ئەتراپىدا، غەززەگە قاراپ يولغا چىققان ئەركىنلىك فىلوتى بىرلەشمىسىگە تەۋە ئۈچ پاراخوتقا خەلقئارا سۇ تەۋەلىكىدە، غەززە دېڭىز قىرغىقىدىن تەخمىنەن 120 دېڭىز مىلى (222 كىلومېتىر) يىراقلىقتىكى بىر رايوندا ھۇجۇم قىلدى.

غەززە قامالىنى بۇزۇش خەلقئارا كومىتېتىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:

«<غەززە كۈن قۇشى>، <ئەلائە ئەننەججار> ۋە <ئەنەس ئەششەرىف> ئىسىملىك ئۈچ پاراخوتقا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن غەززە دېڭىز قىرغىقىدىن 220 كىلومېتىر يىراقلىقتا ھۇجۇم قىلىنىپ، قانۇنسىز ھالدا توختىتىلدى.

فوتو سۈرەت ھەم ۋىدېيو كۆرۈنۈشلىرىدە، <كۈن قۇشى> پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلىش پەيتلىرى ۋە بۇ جىنايەتنى يوشۇرۇش ئۈچۈن كامېراغا قورال بىلەن توسقۇنلۇق قىلىنغانلىقى كۆرسىتىلىدۇ.»

 پاراخوتلار ھۇجۇمغا ئۇچرىدى، نەق مەيدان تارقىتىشلىرى ئۈزۈلۈپ قالدى

 بىرلەشمىنىڭ يۇتۇب قانىلىدىكى نەق مەيدان پىروگراممىسىدا، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ «غەززە كۈن قۇشى» پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى كۆرسىتىلدى. ئىسرائىلىيەنىڭ 13-قانال تېلېۋىزىيەسى بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ فىلوتقا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

 بىرلەشمىنىڭ كېيىنچە ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Instagram سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان  باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:

 «ئىسرائىلىيە غەززەدىن تەخمىنەن 120 دېڭىز مىلى يىراقلىقتا فىلوتىمىزغا ھۇجۇم قىلدى. كۆپ قىسىم نەق مەيداندىن تارقىتىشلار ئۈزۈلۈپ قالدى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇلارنىڭ يولىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇندى. بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۇپ ئۇچۇرلار كېلىدۇ.»

بىرلەشمىنىڭ رەسمىي ئىز قوغلاش سىستېمىسىمۇ چەكلىمىگە ئۇچرىدى.

بىرلەشمىنىڭ Instagram سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان  باياناتىدا يەنە مۇنداق دېيىلدى:

«ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ خەلقئارا سۇ تەۋەلىكىدە بۇنداق قىلىشقا قانۇنىي جەھەتتىن ھېچقانداق ھوقۇقى يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە، فىلوتىمىزنىڭ ھېچقانداق تەھدىت شەكىللەندۈرگىنىمۇ يوق.»

 پاراخوتلار 110 مىڭ دوللارلىق تېببىي ياردەم ئېلىپ كېتىۋاتاتتى

 پاراخوتلار غەززەدىكى ماتېرىيال قىسلىقىغا دۇچ كەلگەن دوختۇرخانىلارغا ئەۋەتىلىدىغان 110 مىڭ دوللاردىن ئارتۇق دورا، نەپەسلەندۈرۈش ئاپپاراتى ۋە ئوزۇقلۇق ماتېرىياللىرىنى ئېلىپ كېتىۋاتاتتى.

غەززەدىكى ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنسىز قامالىغا قارشى چىقىش ئۈچۈن غەززەگە ياردەم بېرىش فىلوتىنىڭ «بىن مادلېن» ناملىق پىروگراممىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان توققۇز پاراخوتلۇق ئەترەتتە تەخمىنەن 100 ئادەم بار ئىدى.

2010-يىلى قۇرۇلغان خەلقئارا غەززەگە ياردەم بېرىش فىلوتى ئىسرائىلىيەنىڭ قامالى ئاستىدىكى غەززەگە ياردەم يەتكۈزۈشنى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ رايوندىكى ئىنسانىي كىرىزىسكە دىققىتىنى تارتىشنى مەقسەت قىلغان ئون نەچچە پائالىيەت ئۇيۇشتۇردى.

 ئىسرائىلىيەنىڭ فىلوتلارغا قىلغان ھۇجۇملىرى يېڭىمۇ ئەمەس

 ئالدىنقى ھەپتە ئىسرائىلىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ غەززەگە يۈرۈش قىلغان خەلقئارا سۇمۇد فىلوتىغا تەۋە 40 نەچچە پاراخوتقا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى قولغا چۈشۈرۈپ، پاراخوتلاردىكى 450 دىن ئارتۇق پائالىيەتچىنى نەزەربەند قىلغاندىن كېيىن، ئاخىرقى ئەترەت يولغا چىقتى.

ئىشغالچى كۈچ بولغان ئىسرائىلىيە بۇنىڭدىن ئىلگىرى غەززەگە بارىدىغان پاراخوتلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ يۈكلىرىنى قولغا چۈشۈرگەن ۋە پاراخوتلاردىكى پائالىيەتچىلەرنى چېگرادىن قوغلاپ چىقارغان ئىدى.

ئىسرائىلىيە تەخمىنەن 2 مىليون 400 مىڭ ئادەم ياشايدىغان غەززەنى ئۇدا 18 يىلدىن بۇيان قامال قىلىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ يىل مارت ئېيىدا چېگرا ئېغىزلىرىنى تاقاپ، يېمەكلىك ۋە دورا ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلەشنى توسۇپ، قامالنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. بۇ ئەھۋال رايوننى ئاچارچىلىققا دۇچار قىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيانقى بومباردىمانلىرى كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەشكىل تاپقان 67 مىڭ 100 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنىڭ غەززەدە ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولدى ھەمدە رايوننى ياشاش مۇمكىن بولمايدىغان شەكىلدە ۋەيران قىلدى.

ئەسكەرتىش: بۇ مەزمۇنى ئۆزگىرىشچان خەۋەر بولۇپ، داۋاملىق يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ.

ئىزدىنىڭ
غەززەدە ئىلگىرى نىشان قىلىنغان بىنادىن ئىككى ئائىلىگە تەۋە 99 جەسەت چىقىرىلدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا 1 بالا ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر پەلەستىنلىكلەرنى ۋە چەت ئەللىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى يارىلاندۇردى
غەززەدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 73 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەربىي قىرغاقتا ئىككى پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
2023-يىلىدىن بۇيان ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى ئالدىنقى 17 يىلدىكى ئومۇمىي ساندىن ئېشىپ كەتتى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى غەززەدە ئىنسانىي تىراگېدىيەنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرد
ئىسرائىلىيە يەنە سەككىز پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى ئۈچۈن قاھىرەدە سۆھبەتلەر داۋاملاشماقتا
قاتىل نېتانياھۇ: «نۆۋەتتە لىۋان بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى يوق» دېدى
ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 72 مىڭ 945 كە يەتتى
گىرېتسىيەدە ئىسرائىلىيەلىك ساياھەتچىلەر ئولتۇرغان پاراخوتقا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى
ئىسرائىلىيە غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرماقتا
مالايسىيا غەززە كېمە ئەترىتى ئاكتىپىستلىرى ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە قارشى خەلقئارا سوتقا ئەر سۇنىدۇ
ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 72 مىڭ 783 كە يەتتى
ئىسرائىلىيە غەززەگە يەنەھۇجۇم قىلىپ، بەش پەلەستىنلىك ساقچىنى ئۆلتۈردى
پەلەستىن ئىسرائىلىيەنىڭ قۇددۇستىكى مۈلۈكلەرنى مۇسادىرە قىلىش پىلانى ھەققىدە ئاگاھلاندۇش ئېلان قىلدى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىشقا يەنە بىر قېتىم خىلاپلىق قىلىپ، غەززە شەھىرىدە 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
ب د ت دوكلاتچىسى ئىسرائىلىيەنى «پەلەستىنلىكلەرنى سىستېمىلىق قىيىن – قىستاققا ئېلىش» بىلەن ئەيىبلىدى
سانچېز يامالنىڭ بارسېلونادا پەلەستىن بايرىقىنى لەپىلدەتكەنلىكىدىن «پەخىرلىنىدىغانلىقىنى» ئېيتتى