رۇسىيە ئۇكرائىناغا بېرىلگەن قەرزنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا بېرىلگەن «چوڭ زەربە» دەپ ئاتىدى

زېلېنسكىي مۇداپىئە ياردىمىنى ماختىدى. رۇسىيە بولسا ئۇكرائىناغا بېرىلگەن قەرزنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا بېرىلگەن «چوڭ زەربە» دەپ ئاتىدى.

By
رۇسىيە ئۇكرائىناغا بېرىلگەن قەرزنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا بېرىلگەن «چوڭ زەربە» دەپ ئاتىدى / AP

ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا بەرگەن 105 مىليارد 500 مىليون دوللارلىق قەرزى، موسكۋانىڭ «چوڭ زەربە» دەپ سۈپەتلىشى بىلەن كۈچلۈك قارشى ئىنكاسلارنى قوزغىدى. ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بولسا بۇنى كىيېۋنىڭ مۇداپىئەسى ۋە پۇل - مۇئامىلە ساھەسىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ياردەم دەپ ئاتىدى.

رۇسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇكرائىناغا 90 مىليارد ياۋرو (105 مىليارد 460 مىليون دوللار) قەرز بېرىش قارارىنى ئىتتىپاق ئۈچۈن «چوڭ زەربە» دەپ سۈپەتلىدى. ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بولسا بۇنىڭ ئۇكرائىنانىڭ مۇداپىئەسىنى «ھەقىقىي كۈچەيتكەنلىكى» نى بىلدۈردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى جۈمە كۈنى، رۇسىيەنىڭ توڭلىتىپ قويۇلغان مال – مۈلۈكلىرىنى ئىشلىتىشنىڭ ئورنىغا، ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەگە قارشى مۇداپىئەسىنى كەلگۈسى ئىككى يىل بويىچە مالىيە بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن نەق پۇل قەرز بېرىشنى قارار قىلدى. ئۇلار كىيېۋنى رۇسىيەنىڭ پۇلى بىلەن مالىيە بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدىكى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان پىلاندىكى پىكىر ئىختىلاپلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويدى.

موسكۋا بۇ قارارنى قانۇنىي ۋە سىياسىي غەلىبە دەپ ئاتىدى. كىيېۋ بولسا بۇ مەبلەغنى ئۆز مۇداپىئەسى ۋە خامچوت مۇقىملىقى ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە كاپالەت سۈپىتىدە قارشى ئالدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ مەبلەغ سېلىش ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئىشلىرى ئالاھىدە ئەلچىسى كىرىل دمىترىيېۋ «قانۇن ۋە ئەقىل-پاراسەت» نىڭ غەلىبە قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

 دمىترىيېۋ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان  باياناتىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى رەئىسى ئۇرسۇلا فون دېر لېيېننى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى:

 «مەغلۇپ بولغان ئۇرسۇلانىڭ رەھبەرلىكىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇرۇش ئىغۋاگەرلىرىگە چوڭ زەربە — ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئەقىل-پاراسەت ئاۋازلىرى ئۇكرائىنانى مالىيە بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن رۇسىيە زاپاس مەبلىغىنىڭ قانۇنسىز ئىشلىتىلىشىنى توسۇپ قالدى.»

يەنە بىر تەرەپتىن، ۋولودىمىر زېلېنسكىي دۆلەتنىڭ كۈتۈلۈۋاتقان خامچوت قىزىل رەقىمىنى تولۇقلاش ئۈچۈن بېرىلگەن قەرز سەۋەبىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا رەھمەت ئېيتتى ۋە بۇنىڭ كىيېۋنىڭ مۇداپىئەسىنى «ھەقىقىي كۈچەيتكەنلىكى» نى ئەسكەرتتى.

 ئۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «بۇ، قارشىلىق كۆرسىتىشىمىزنى ھەقىقىي كۈچەيتىدىغان مۇھىم ياردەم» دېدى.

ۋولودىمىر زېلېنسكىي يەنە «رۇسىيەنىڭ مال –مۈلۈكلىرىنىڭ قوغدىلىشى ۋە ئۇكرائىنانىڭ كەلگۈسى يىللار ئۈچۈن مالىيە بىخەتەرلىك كاپالىتىگە ئېرىشىشىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكى» نى بىلدۈردى.

كىيېۋ ئۈچۈن مەبلەغ تېپىشنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور ئىدى، چۈنكى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مالىيە ياردىمى بولمىسا، ئۇكرائىنانىڭ كېلەر يىلىنىڭ ئىككىنچى پەسلىدە مالىيە مەنبەسى تۈگەپ كېتەتتى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى چىقارغان بۇ قارار، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئۇدا تۆت يىلغا يېقىن داۋاملاشقان ئۇرۇشقا تېز سۈرئەتتە دىپلوماتىك يول ئارقىلىق خاتىمە بېرىشكە چاقىرىق قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ھالقىلىق مالىيە قۇتقۇزۇش يولى سۈپىتىدە ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.