خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
بۇلغارىيەدىكى قورال زاۋۇتىدا ئىككىنچى قېتىم پارتلاش يۈز بەردى
بۇلغارىيە تەپتىشلىرى قورال ئامبارلىرىدىكى ئالدىنقى پارتلاشلارنى، رۇسىيەلىك جاسۇسلارنىڭ قاتناشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇملار بىلەن چېتىشلىق دەپ قارىغان ئىدى.
بۇلغارىيەدىكى قورال زاۋۇتىدا ئىككىنچى قېتىم پارتلاش يۈز بەردى
بۇلغارىيەدىكى قورال زاۋۇتىدا ئىككىنچى قېتىم پارتلاش يۈز بەردى / Reuters

بۇلغارىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى بىر قورال ساقلاش زاۋۇتىدا كېچىدە مەيدانغا كەلگەن پارتلاش ئوت ئاپىتىگە سەۋەب بولدى. يەرلىك مەتبۇئاتلار ۋە دائىرىلەر، بۇنىڭ يېقىنقى بىرنەچچە ھەپتە ئىچىدە ئوق-دورا زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن ئىككىنچى قېتىملىق ئوت ئاپىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تسارېۋا لىۋادا يېزىسى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە يارىلانغانلارنىڭ يوقلۇقى خەۋەر قىلىندى. يەرلىك تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا تارقىتىلغان كۆرۈنۈشلەردە يالقۇنلارنىڭ كېچىدىكى ئاسماننى يورۇتقانلىقى كۆرۈلدى.

گابروۋو  ئۆلكە ۋالىيسى كرىستىنا سىدورۋا  شەنبە كۈنى سەھەردە مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا: «نۆۋەتتە زاۋۇتنىڭ ساقلاش بازىسى دائىرىسىدە ئوت كۆيۈۋاتىدۇ. ئوت بىر ئامباردىن يەنە بىر ئامبارغا تۇتىشىۋاتىدۇ» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Russia expels Bulgarian diplomat in tit-for-tat response

رۇسىيەنىڭ قولى بار دېگەن دەۋالار

يەرلىك مەتبۇئاتلار ئۆتكەن ئايمۇ «EMCO»  شىركىتىنىڭ باشقا بىر زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ ئوت ئاپىتىغا سەۋەب بولغانلىقىنى، بىر شىركەت مەسئۇلىنىڭ بەرگەن ئۇچۇرىغا ئاساسلىنىپ خەۋەر قىلدى.

«EMCO»  شىركىتى بۇلغارىيەلىك قورال سودىگىرى ئېمىلىيان گېبرېۋ تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ. بۇلغارىيە تەپتىشلىرى گېبرېۋنىڭ زاۋۇتلىرىنىڭ ئىلگىرىمۇ رۇسىيە جاسۇسلىرى تەرىپىدىن قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ نىشانى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

بۇلغارىيە 2024-يىلى، 2011-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە ئۇكرائىنا بىلەن گىرۇزىيەگە ئېكسپورت قىلىش ئۈچۈن ئوق-دورا ساقلانغان «EMCO» قورال ئامبارلىرىنىڭ ۋەيران قىلىنىشى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى سەۋەبلىك ئالتە نەپەر رۇسىيە پۇقراسى ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان ئىدى.

تەپتىشلەر شۇ مەزگىلدە، بۇلغارىيەدىكى پارتلاشلار بىلەن گېبرېۋكە قىلىنغان 2015-يىلىدىكى زەھەرلەش قەستى شۇنداقلا 2014-يىلى چېخ جۇمھۇرىيىتىدىكى ئوق-دورا ئامبارلىرىدا يۈز بەرگەن پارتلاشلار ئوتتۇرىسىدا ئالاقە بار دەپ قاراشنىڭ تولۇق ئاساسى بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

موسكۋا بولسا بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلماقتا.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى