تېكنوفېست شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇ فېستىۋالىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى
ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
تېكنوفېست شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇ فېستىۋالىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدىشانلىئۇرفادا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاۋىياتسىيە، ئالەم بوشلۇقى ۋە تېخنولوگىيە فېستىۋالى تېكنوفېستنىڭ ئىككىنچى كۈنى ھاۋا كۆرۈنۈشلىرى ۋە تېخنولوگىيە كۆرگەزمىلىرى بىلەن داۋاملاشماقتا.
تېكنوفېست شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇ فېستىۋالىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى

شانلىئۇرفادا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاۋىياتسىيە، ئالەم بوشلۇقى ۋە تېخنولوگىيە فېستىۋالى  شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇ تېكنوفېست فېستىۋالى، ئىككىنچى كۈنىدە ھاۋا كۆرۈنۈشلىرى، تېخنولوگىيە كۆرگەزمىلىرى، مۇسابىقىلەر ۋە سېخ خىزمەتلىرى بىلەن زىيارەتچىلەرنى كۈتۈۋالىدۇ. فېستىۋال دائىرىسىدە «تۈرك چولپانلىرى» ئۇچقۇچىلار ئەترىتى كۆكتە ئىككىنچى قېتىم ماھارەت كۆرسىتىدۇ.

تېخنولوگىيە مەستانىلىرىنى، ياش ئىجادكارلارنى ۋە مىڭلىغان زىيارەتچىلەرنى بىر يەرگە جەم قىلغان تېكنوفېست، ئىككىنچى كۈنىمۇ يەنە قۇرۇقلۇق ۋە كۆكتە نۇرغۇنلىغان ماھارەت كۆرسىتىش پائالىيەتلىرىگە ساھىبخانلىق قىلىدۇ.

يۇقىرى تېخنولوگىيەلىك تەقلىدىي سىستېمىلاردىن ئىلمىي سېخ خىزمەتلىرى ۋە كۆرگەزمىلەرگىچە بولغان، ھەر قانداق ياشتىكى كىشىلەرگە يۈزلەنگەن پائالىيەتلەر ئورۇن ئالغان بۇ كاتتا تەشكىلات، ئاۋىياتسىيە ۋە مۇداپىئە سانائىتىنىڭ ھاۋا ماھارىتى كۆرسىتىش پائالىيەتلىرىگىمۇ سەھنە بولىدۇ.

فېستىۋالدا بۈگۈن «تۈرك چولپانلىرى» ئىككىنچى قېتىم كۆكتىكى ئورنىنى ئالىدۇ. پائالىيەت مەيدانىدا «ئاتاق» ناملىق تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرى، ھۆرقۇش، جەزەرى، ئەنقا، بايراقتار TB2، بايراقتار TB3 ۋە بايراقتار ئاقىنجى قاتارلىق ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن بىرلىكتە قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ۋاسىتىلىرىمۇ كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، فېستىۋالدا سەھنە كۆرسىتىشلىرى، كۆرگەزمىلەر، تەربىيەلەش سېخلىرى، تەقلىدىي سىناق رايونلىرى، پىلانېتارىيە، ئىلمىي نومۇرلار، تېكنوفېست ۋاقىت تونېلى، دۆلەتلىك دېڭىز، قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا ئاپپاراتلىرى كۆرگەزمىسى، يەرمەنكە پائالىيەتلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا خاس تۇنجى ئۇچۇش پائالىيەتلىرىگە ئوخشاش نۇرغۇنلىغان تەجرىبىلەر زىيارەتچىلەرگە سۇنۇلىدۇ.

فېستىۋالنىڭ ئىككىنچى كۈنىنىڭ ئاخىرقى پائالىيىتى سۈپىتىدە بىر مەيدان كونسېرت بېرىلىدۇ. تېكنوفېست شەرقىي جەنۇب فېستىۋالى 4-ئۆكتەبىرگىچە زىيارەتچىلەرگە ئوچۇق بولىدۇ.

ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ