«سەزگۈر تىنچلىق پىلانى مەسىلىلىرىنى ترامپ بىلەن مۇزاكىرە قىلىمەن»
ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
«سەزگۈر تىنچلىق پىلانى مەسىلىلىرىنى ترامپ بىلەن مۇزاكىرە قىلىمەن»ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي «سەزگۈر» تىنچلىق پىلانى مەسىلىلىرىنى ترامپ بىلەن مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«سەزگۈر تىنچلىق پىلانى مەسىلىلىرىنى ترامپ بىلەن مۇزاكىرە قىلىمەن» / AP

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي ئاقساراي بىلەن كىيېۋ ئوتتۇرىسىدا پەقەت «بىرنەچچە ئىختىلاپلىق نۇقتا» نىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، جەنۋە سۆھبەتلىرىنىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش يولىدا تاشلىنىۋاتقان قەدەملەرنى ئازايتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش مەقسىتىدە تۈزۈلگۈسى تىنچلىق پىلانىنىڭ ئەڭ سەزگۈر تەرەپلىرىنىڭ بىۋاسىتە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

زېلېنسكىي ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا: «بۈگۈن ۋەكىللەر ئۆمىكىمىز ئامېرىكا تەرەپ ۋە ياۋروپالىق شېرىكلەر بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەردىن كېيىن جەنۋەدىن قايتتى. ئەمدى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان مۇھىم قەدەملەرنىڭ تىزىملىكى تەييارلىنىشى مۇمكىن. ھازىر جەنۋەدىن كېيىن ماددىلار سانى تېخىمۇ ئاز ۋە بۇ دائىرىدە نۇرغۇنلىغان توغرا ئامىللار نەزەرگە ئېلىندى» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

ھەرقانداق بىر پىلاننى مۇكەممەل تۈزۈش ئۈچۈن تېگىشلىك  خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان زېلېنسكىي: «ئەترىتىمىز يېڭى پىلان لايىھەلىرى ھەققىدە دوكلات بەردى ۋە بۇ ھەقىقەتەن توغرا بىر ئۇسۇلدۇر. سەزگۈر مەسىلىلەرنى پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن مۇزاكىرە قىلىمەن» دېدى.

زېلېنسكىي يەنە بىر ئۇچۇرىدا، شېرىكلەر بىلەن ئېلىپ بېرىلغان «ئىجابىي خىزمەت» نىڭ يەنىلا مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى ۋە رۇسىيەنىڭ بېسىمنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى:

«رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلىۋاتقان بېسىمىنى يېنىكلەتمەيدىغانلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك. بۇ كۈنلەردە ۋە ھەپتىلەردە ھاۋا ھۇجۇمى ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا، شۇنداقلا بارلىق ھۇجۇم تەھدىتلىرىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىش ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. كىم بىلەن ئېلىشىۋاتقانلىقىمىزنى ئېنىق چۈشىنىمىز. باشقۇرۇلىدىغان بومبا بولماسلىقى، ئۇكرائىناغا ۋە خەلقىمىزگە قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇملار بولماسلىقى كېرەك. بۇنى دۇنيادىكى ھەقىقەتەن كۈچلۈك بولغانلار كاپالەتكە ئىگە قىلالايدۇ. نۇرغۇن ئىش ئامېرىكاغا باغلىق. ئۇرۇشنى باشلىغان رۇسىيە بولدى، ئۇنى ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەك بولغىنىمۇ رۇسىيەدۇر. شېرىكلىرىمىز بىلەن دىيالوگ ئارقىلىق بۇنىڭ ئۈچۈن زۆرۈر شارائىتلارنى ھازىرلاۋاتىمىز.»

ئاقساراي ۋاشىنگتون بىلەن كىيېۋ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتلەرنىڭ داۋاملىق ئۈنۈملۈك بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا بەزى مەسىلىلەردە تېخىچە پىكىر ئىختىلاپىنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىشلىرى باياناتچىسى كارولىن لېۋىت «‹Fox News› تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ  The Story» (ھېكايە) « پىروگراممىسىدا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكا بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنىش ئېھتىماللىقى بولغان كېلىشىم مەسىلىسىدە پەقەت «بىرنەچچە ئىختىلاپلىق نۇقتا» نىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

لېۋىت ترامپنىڭ بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىش مەسىلىسىدە ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك ساھەلەردىن كەلگەن ترامپنىڭ رۇسىيەگە يان بېسىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى تەنقىدلەرنى رەت قىلدى.

لېۋىت مۇخبىرلارغا: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەر ئىككى تەرەپكە باراۋەر مۇئامىلە قىلمايۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى قاراش پۈتۈنلەي خاتا» دېدى.

لېۋىت پىرېزىدېنتنىڭ ئىجرا قىلغىلى بولىدىغان بىر پىلاننىڭ ئاخىرى تۈزۈلىدىغانلىقىغا چىن دىلىدىن ئىشىنىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە ناتو باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ھەرخىل كۆرگەزمىلەرنى ئاچتى
رۇتتې ئەردوغاننىڭ ناتو يىغىنى ئۈچۈن «ئاجايىپ قالتىس» مەيدان ھازىرلاپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى
ئەنقەرە ناتو باشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن چوڭ بىر خەلقئارالىق تاراتقۇ مەركىزى تەييارلىماقتا
مىنىستىر فىدان: تۈركىيە — ياۋروپا بىخەتەرلىكىنىڭ مەركىزىي ئاكتىيورلىرىدىن بىرى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ناتو باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغان دۇنيا رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋالىدۇ
فىدان: ئەردوغان بىلەن ترامپنىڭ ياخشى مۇناسىۋىتى ناتو ئىچىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىشى مۇمكىن
كروزېتتو: ناتو باشلىقلار يىغىنى ياخشى نەتىجە بېرىدىغان شەكىلدە لايىھەلەندى
ۋېنېسۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 3 مىڭ 342 گە يەتتى
TCG  ئۇرۇچ رەئىس نىيۇ يوركتاكى ئامېرىكا مۇستەقىللىق كۈنى پائالىيىدە تۈركىيەگە ۋەكىللىك قىلدى
نورۋېگىيە كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالغان بىرازىلىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى بىلەن خوشلاشتى
موسكۋا كىيېۋغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ ئەنقەرە پىروگراممىسى ئېنىق بولدى
ئىراندا ھامانېنىڭ دەپنە مۇراسىمىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە دۇئالار قىلىندى
زېلېنسكىي ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشلەردە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 2 مىڭ 954 كە يەتتى