ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن «ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى» مودېلىغا قايتىش يوللىنى تاللىدى؟
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچىلاردىن قورال-ياراغ ئىشلەپچىقىرىشنى تەلەپ قىلىشى، ۋاشىنگتوننىڭ يۇقىرى سىجىللىقتىكى توقۇنۇشلارغا قارشى ئەنئەنىۋى مۇداپىئە تەمىنات زەنجىرىنىڭ يېتەرسىزلىكىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
«ۋال سترېت ژۇرنىلى» (WSJ) نىڭ مەسىلىگە يېقىن مەنبەلەرنى تىلغا ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، پېنتاگوننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى «General Motors» ۋە «Ford Motor» غا ئوخشاش گىگانت ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، قورال-ياراغ ۋە ھەربىي ئەسلىھە ئىشلەپچىقىرىش مەسىلىسىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان.
مەزكۇر خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىلگىرى سۈرۈلگەن بۇ كەڭ دائىرىلىك سۆھبەتلەردە، ئامېرىكا ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىنىڭ قورال ئىشلەپچىقىرىشتا تېخىمۇ چوڭ رول ئوينىشى تەلەپ قىلىنغان. پېنتاگون ئەمەلدارلىرى ئەنئەنىۋى مۇداپىئە ھۆددىگەرلىرىنى قوللاش ئۈچۈن باشقا سانائەت ساھەلىرىگە ئېھتىياج چۈشۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، شىركەتلەرنىڭ مۇداپىئە سانائىتىگە تېز سۈرئەتتە ماسلىشىپ كېتەلىشىنى سورىغان. بۇ سۆھبەتلەرگە يەنە «GE Aerospace» ۋە «Oshkosh» قاتارلىق موتور ۋە مەخسۇس تىپتىكى ماشىنا ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىمۇ قاتناشقان.
پېنتاگوننىڭ بىر ئەمەلدارى باياناتىدا: «ئەسكەرلىرىمىزنىڭ جەڭ مەيدانىدا ھەل قىلغۇچ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشى ئۈچۈن، بارلىق سودا خاراكتېرلىك ھەل قىلىش چارىلىرى ۋە تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ، مۇداپىئە سانائەت بازىسىنى تېز سۈرئەتتە كېڭەيتىشكە بەل باغلىدۇق» دېگەن.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئەندىزىسى ۋە قورال ئىسكىلاتىدىكى بېسىم
بۇ تەشەببۇس دېترويىتتىكى ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنىڭ پۇقراۋى ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ، تانكا، ئايروپىلان موتورى ۋە بىرونىۋېكلىق ماشىنا ئىشلەپچىقىرىشقا يۈزلەنگەن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى دەۋرىدىكى «دېموكراتىيە ئارسېنالى»نى قايتىدىن ئەسلەتمەكتە.
مۇنداق جىددىي بۇرۇلۇشنىڭ ئاساسلىق تۈرتكىلىك كۈچى — ئامېرىكا قورال ئىسكىلاتىغا چۈشكەن غايەت زور بېسىمدۇر. 2022-يىلىدىن بۇيان ئۇكرائىناغا قىلىنغان ئۇدا ياردەملەر، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھەرىكەتلىرىنى قوللاش ۋە رايوندىكى جىددىي ۋەزىيەت سەۋەبىدىن، قورال زاپاسلىرى ئەنئەنىۋى زاۋۇتلار تولۇقلاپ ئۈلگۈرەلمەيدىغان دەرىجىدە تېز تۈگەشكە باشلىغان.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئامېرىكا 2022-يىلىدىن بۇيان كىيېۋغا 67 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قورال ياردىمى بەرگەن. شۇنداقلا غەززە ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان، ئىسرائىلىيەگە تەمىنلەنگەن قورال-ياراغنىڭ قىممىتى 21.7 مىليارد دوللارغا يەتكەن. ترامپ ھۆكۈمىتى يەنە ئىسرائىلىيەگە تاپشۇرۇلىدىغان بىر قىسىم ئېغىر تىپتىكى بومبىلارغا قويۇلغان چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىپ، قورال يەتكۈزۈشنى تېزلەتكەن. پېنتاگوننىڭ 2025-يىلى يانۋاردا ئىسرائىلىيەگە يەنە 8 مىليارد دوللارلىق قوشۇمچە قورال سېتىپ بېرىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەھلىلى
برۇكىڭس ئىنستىتۇتىنىڭ تەھلىلىگە قارىغاندا، ئامېرىكا مۇداپىئە چىقىمىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى خۇسۇسىي ھۆددىگەرلەرگە تايىنىدۇ. ئەمما ئۆتمۈشتىكى مەبلەغ سېلىش يېتەرسىزلىكى سەۋەبىدىن سانائەت بازىسىنىڭ بىر قىسىم ساھەلىرى ئاجىزلاپ كەتكەن. سودا شىركەتلىرىنىڭ مۇداپىئە ساھەسىگە كىرىشى رىقابەت ۋە سۈرئەت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن سىجىل تەلەپ ۋە سېتىۋېلىش تۈزۈمىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش زۆرۈر.
ئىستراتېگىيەلىك ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزىنىڭ (CSIS) مۇتەخەسسىسى توم كاراكو، پېنتاگون كۆپ يىللىق مەبلەغ ۋە مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان تەلەپ كاپالىتى بىلەن تەمىنلىمىگۈچە، ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئاسانلىقچە ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
تەھلىلچىلەر يەنە پېنتاگوننىڭ بۇ ئىزدىنىشىنىڭ، زاپچاس قىسلىقى ۋە ماتېرىيال كەمچىللىكى قاتارلىق قورال ئىشلەپچىقىرىشنى ئاستىلىتىۋاتقان تۈپ توسالغۇلارنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. پېنتاگون يەنە خىتاي بىلەن يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان يوشۇرۇن توقۇنۇشلارنى كۆزدە تۇتۇپ، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلەپچىقىرىشنى تۆت ھەسسە ئاشۇرۇش ئۈچۈن زور كۈچ چىقارماقتا.