خىتاي ئامېرىكا سوتىنىڭ قارارىدىن كېيىن، «بىر تەرەپلىمە تاموژنا بېجى»نى كۆتۈرۈۋېتىشنى تەلەپ قىلدى
بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سودا شېرىكلىرىگە قاراتقان تاموژنا بېجى سىياسىتىنى «سودا تەكشۈرۈشى» قاتارلىق ئوخشىمىغان يوللار بىلەن داۋاملاشتۇرۇش پىلانىنى بايقىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
خىتاي سودا مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، بېيجىڭنىڭ ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ تاموژنا بېجىغا ئالاقىدار قارارىنى «تولۇق مۇھاكىمە قىلىنغانلىقى»نى ئەسكەرتتى ۋە ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنى سودا شېرىكلىرىگە يۈرگۈزۈۋاتقان «يەككە تەرەپلىك تاموژنا بېجى تەدبىرلىرى»نى دەرھال بىكار قىلىشقا چاقىردى.
دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ باياناتلار، ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ پىرېزىدېنت دونالد ترامپ دۇنياۋى سودا ئۇرۇشىدا قوللانغان ۋە رەقىبى خىتاينىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار تاموژنا بېجى قارارلىرىنى بىكار قىلىپ، ترامپنى ئېغىر سىياسىي مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقاندىن بىرنەچچە كۈن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى.
مەزكۇر قارار ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ترامپ سەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ بارلىق دۆلەتلەردىن ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىنىدىغان ماللارغا يېڭىدىن %10 لىك تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. شەنبە كۈنىگە كەلگەندە، ترامپ بۇ باج نىسبىتىنى %15 كە كۆتۈردى.
خىتاي سودا مىنىستىرلىقى باياناتىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ئامېرىكانىڭ يەككە تەرەپلىك تاموژنا بېجى سىياسىتى خەلقئارا سودا قائىدىلىرىگە ۋە ئامېرىكانىڭ ئىچكى قانۇنىغا خىلاپ بولۇپ، ھېچقانداق تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بېيجىڭ تەرەپ ئامېرىكانىڭ سودا تەكشۈرۈشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا يوللار ئارقىلىق، سودا شېرىكلىرىگە يۈرگۈزۈۋاتقان تاموژنا بېجىنى داۋاملاشتۇرۇش پىلانىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. مىنىستىرلىق باياناتىدا يەنە: «خىتاي بۇ ۋەزىيەتكە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە ئۆز مەنپەئەتىنى قەتئىيلىك بىلەن قوغدايدۇ» دېدى.
ئىگىلىنىشىچە، پىرېزىدېنت ترامپ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىككى ئىقتىسادىي گەۋدە رەھبەرلىرى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلۈشى ئۇزۇندىن بۇيان كۈتۈلۈۋاتقان ئۇچرىشىش ئۈچۈن، 31-مارتتىن 2-ئاپرېلغىچە خىتايدا زىيارەتتە بولىدۇ.
ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسى جۈمە كۈنى 3 كە قارشى 6 ئاۋاز بىلەن قارار چىقىرىپ، ترامپنىڭ 1977-يىلدىكى بىر قانۇنغا ئاساسلىنىپ دۆلەتلەرگە تۇيۇقسىز باج قويۇش ھوقۇقىنىڭ يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلغانىدى. دۇنياۋى سودا ساھەسىدە زور غۇلغۇلا پەيدا قىلغان بۇ قاراردىن كېيىن، ترامپ ئۆز ھۆكۈمىتىنىڭ بىرنەچچە ئاي ئىچىدە «قانۇنلۇق» تاموژنا بېجى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن يېڭى چارىلەرنى ئىزدەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ ئەھۋال، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى رەھبىرى دونالد ترامپنىڭ كەڭ دائىرىلىك ۋە كۆپىنچە ھاللاردا خالىغانچە يۈرگۈزىدىغان باج تۈزۈملىرىگە قارىتا ئالىي سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن بېرىلگەن ئەڭ قاتتىق زەربە دەپ قارالماقتا. نۇرغۇن دۆلەتلەر ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارى ۋە ترامپنىڭ بۇنىڭغا قايتۇرغان ئىنكاسلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا سودا ۋەكىلى جامىسون گىرىر چارشەنبە كۈنى تاراتقۇلارغا بەرگەن باياناتىدا، سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىغا قارىماي، ئامېرىكانىڭ خىتاي، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە باشقا شېرىكلىرى بىلەن تۈزگەن سودا كېلىشىملىرىنىڭ داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.