غەززە ئۇرۇشى
2 مىنۇت ئوقۇش
غەززەدە ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 367 گە يەتتى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززانى مەجبۇرىي ئاچارچىلىققا مەھكۇم قىلىشى سەۋەبلىك قازا قىلغانلارنىڭ سانى 367 گە يەتتى.
غەززەدە ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 367 گە يەتتى
غەززادە ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 367 گە يەتتى / AA

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىشغالىيەت پىلانى دائىرىسىدە غەززەنى قاتتىق توپقا تۇتۇشنى ۋە ئۆيلەرنى چېقىشنى داۋاملاشتۇرماقتا؛ يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە بىرسى كىچىك بالا بولۇپ، جەمئىي ئالتە كىشى ئاچلىقتىن قازا قىلدى.

غەززەدە ئاچلىقتىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 367 گە يەتتى، بۇنىڭ 131 ى كىچك بالىلار بولۇپ، پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ئىسرائىلىيەنىڭ مەجبۇرىي ئاچ قويۇش ۋە ئېغىر دەرىجىدىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك سىياسىتى سەۋەبلىك يەنە بىرى كىچىك بالىنى قوشقاندا ئالتە كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

مىنىستىرلىق، قازا قىلغانلاردىن 89 كىشىنىڭ (بۇنىڭ 16 سى كىچىك بالا) ب د ت قوللىغان ئاچارچىلىقنى كۆزىتىش سىستېمىسى (Integrated Food Security Phase Classification - IPC) نىڭ ئۆتكەن ئايدا غەززە شەھىرىنى ئاچارچىلىق رايونى دەپ ئېلان قىلغىنىدىن كېيىن يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سەھىيە خادىملىرى ۋە ئەمەلدارلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، غەززەدە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 13 كىشى قازا قىلغان.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - How Israel’s non-stop war is depriving Palestinians of sleep and leading to severe health issues

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا سۆز قىلغان داۋالاش مەنبەلىرى، ئىسرائىلىيە تىك ئۇچارىنىڭ غەززەنىڭ غەربىدىكى بىر تۇرالغۇنى نىشان قىلىشى نەتىجىسىدە، ئارىسىدا بىر ھامىلىدار ئايال ۋە ئۇنىڭ تۇغۇلمىغان بالىسىنىمۇ قوشقاندا جەمئىي بەش كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

غەززە شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى يەنە بىر ئۆينىڭمۇ ئىسرائىلىيە تىك ئۇچارى تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراپ، ئۈچ كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيە كۈچلىرى يەنە ناسر مەھەللىسىدىكى رانتىسى مەخسۇس دوختۇرخانىسىغا يېقىن جايدىكى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان پۇقرالار تۇرۇۋاتقان چېدىرلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلدى. نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى، بەزىلىرىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ناسر مەھەللىسىدىكى بىر تۇرالغۇ بىناسىغا ھۇجۇم قىلىپ، بىر قانچە كىشىنى يارىلاندۇردى.

بۇ ئارىلىقتا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىشغالىيەت پىلانى دائىرىسىدە غەززەنىڭ شەيخ رادۋان مەھەللىسىدە بومبا ئورنىتىلغان ماشىنا ئادەملەر بىلەن ئۆيلەرنى پارتلىتىشنى داۋاملاشتۇردى.

ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك كابىنېتى 8-ئاۋغۇست باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ غەززە شەھىرىدىن باشلاپ، غەززەنى قەدەممۇ-قەدەم قايتا ئىشغال قىلىش پىلانىنى تەستىقلىغان ئىدى.

ئىسرائىلىيەگە تەۋە تۆت تىك ئۇچار شەيخ رادۋاندىكى بازار رايونىدا ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان كىشىلەر پاناھلىنىۋاتقان چېدىرلار ۋە يوللارغا ئوت قويۇش بومبىسى تاشلىدى. ھۇجۇمدا چېدىرلار ۋە پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈكلىرى زىيانغا ئۇچرىدى.

ۋەقەنى كۆرگە شاھىتلار، ئىسرائىلىيەنىڭ ئوخشاش شەھەردىكى زەيتۇن ۋە سابرا مەھەللىلىرىنىمۇ توپقا تۇتقانلىقىنى ئېيتتى.

غەززەنىڭ مەركىزىدە، نۇسەيرات مۇساپىرلار لاگېرىغا قىلىنغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇملىرىدا بەش پەلەستىنلىك قازا قىلدى، بەش كىشى يارىلاندى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي ھۇجۇمى غەززەنى ۋەيران قىلىپ، 63 مىڭ 600 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ۋە بۇ رايوننى ئاچارچىلىق يامرىغان ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىغا ئىتتىردى.

ئۆتكەن يىلى نويابىردا، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ۋە سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گالانت ئۈستىدىن غەززەدىكى ئۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر سەۋەبلىك قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقارغان ئىدى.

ئىسرائىلىيە يەنە بۇ رايونغا قاراتقان ئۇرۇشى سەۋەبىدىن خەلقئارا سوت مەھكىمىسىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېلوسىغا دۇچ كەلمەكتە.

مەنبە:TRT Uyghur
ئىزدىنىڭ
قازاقىستاندا بىر پارلامېنتلىق قۇرۇلتاي سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى
ئامېرىكا سوتى 75 دۆلەتكە قويۇلغان كۆچمەنلىك ۋىزىسى چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا يەنە بىر قېتىم بېسىپ كىردى
رۇسىيەنىڭ «Ozon» شىركىتىگە تەۋە ئۈچ ئامبار ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
بېسېنت: ئىران مەسىلىسىدە ئاخىرقى باسقۇچقا كىردۇق
ئىراق ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورتاق بىخەتەرلىك كېڭىشى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى
سۈرىيە ۋە ئىسرائىلىيە ھەيئەتلىرى ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا باج كىرىزىسى يۈز بەردى، ترامپ كانادا ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 73 مىڭ 419 غا ئۆرلىدى
ئامېرىكا ب د ت غا بولغان 5 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قەرزىنىڭ بىر قىسمىنى تۆلەشنى پىلانلىماقتا
نېتانياھۇ سىياسىي سايلامنى كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن جىددىيچىلىكنى ئاشۇرىشى مۇمكىن
پېزەشكىيان: ئىران "نە ئۇرۇش، نەتىنچلىق" ۋەزىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى خالايدۇ، يول قويۇشنى رەت قىلىدۇ
نېتانياھۇ: باش مىنىستىلىق مۇددىتىم بويىچە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت بەرمەيمەن
تورنىڭ سۇلتانلىرى ياۋروپا ئالىي دەرىجىلىك مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى مۇسابىقىسىگە چۈشىدۇ
پاكىستان ۋە مالايسىيا بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كېلىشتى