ئەردوغان ئەزەربەيجان بىلەن رۇسىيەنى سالماق بولۇشقا چاقىردى

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەنقەرەنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسىنىڭ كۆڭۈلسىز ۋەقەلەرنىڭ موسكۋا بىلەن باكۇ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە «ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان زىيان» سېلىشقا سەۋەب بولماسلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئايروپىلاندا ژۇرنالىستلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. سۈرەت: ئانادولۇ ئاگېنتلىقى. / AA

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەر كۈچىيىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ھەر ئىككى دۆلەتنى سالماق بولۇشقا چاقىردى ۋە ئەنقەرەنىڭ موسكۋا ھەمدە باكۇ بىلەن «چوڭقۇر ۋە ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلىرى» بارلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەردوغان ئەزەربەيجاندىن قايتىش سەپىرىدە، ئايروپىلاندا ژۇرنالىستلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

«ئەنقەرەنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى، كۆڭۈلسىز ۋەقەلەرنىڭ موسكۋا بىلەن باكۇ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە زىيان يەتكۈزمەسلىكى» دېدى.

ئۇ ئەرمېنىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق كېلىشىمى ئۈستىدە توختىلىپ: «تىنچلىق كېلىشىمى بىلەن يېڭى ۋە تارىخىي پۇرسەت پەنجىرىلىرىنىڭ ئېچىلىشىغا گۈۋاھ بولىمىز» دېدى.

ئۇ ئەزەربەيجاننىڭ غەربىنى ناخچىۋانغا تۇتاشتۇرۇش پىلان قىلىنغان، خىتايدىن تۈركىيە ۋە رۇسىيەگىچە سوزۇلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك يول بولۇشى كۈتۈلۈۋاتقان زەڭگەزۇر كارىدورى ئۈستىدە توختىلىپ، بۇ كارىدورنىڭ پەقەت ئەزەربەيجان ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل رايون ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ ئەنقەرەنىڭ بۇ يولنى «جۇغراپىيەلىك ئىقتىسادىي ئىنقىلاب» نىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەرمېنىيە دەسلەپتە زەڭگەزۇر يولىغا قارشى تۇرغان بولسىمۇ، ھازىر ئىقتىسادىي بىر گەۋدىلىشىشكە قېتىلىشتا يۇمشاق پوزىتسىيە كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ۋاشىنگتون بىلەن ئەنقەرە ئوتتۇرىسىدىكى F-35 بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ توختالدى. ئۇ پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە F-35 ئايروپىلانلارنىڭ تۈركىيەگە پەندىن-پەي يەتكۈزۈلۈشىنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ «كېلىشىمگە ھۆرمەت قىلىشى» نى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ F-35  مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە ئۈچۈن پەقەت ھەربىي تېخنىكا مەسىلىسىلا بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە «ناتوغا ئوخشاش دۇنيا مۇنبەرلىرىدە كۈچلۈك شېرىكلىككە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە» ئىكەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە قوشۇمچە قىلدى.

ئۇ رايوندىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىشى بىلەن ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى، ئەنقەرەنىڭ بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ئىران بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ غەززە ئۈچۈنمۇ ئۇرۇش توختىتىش دەرۋازىسىنى ئاچقانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى، ھاماسنىڭ بۇ مەسىلىدە ياخشى نىيىتىنى نامايان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۈرىيە توغرىسىدىمۇ توختالدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدىكى قىزىل سىزىقلىرىنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكىنى، تېررورلۇق گۇرۇھلىرى ياكى ئۇلارنىڭ گۇماشتىلىرىنى قانۇنلاشتۇرىدىغان ھەر قانداق پىلاننى قوبۇل قىلمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئەردوغان مۇنداق دېدى: «بىز سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئەركىن سودا رايونلىرى، قاتناش تىرانسىپورت مەركەزلىرى ۋە چېگرا بازارلىرى قاتارلىق مودېللارنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز. قېرىندىشىم (ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى) ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن بولغان كۆرۈشۈشۈمدە، ئۇ سۈرىيەگە تەبىئىي گازنى ئۆز ئىچىگە ھەر خىل ياردەملەرنى بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.»