خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
سۈرىيە ئارمىيەسى ئامېرىكا كۈچلىرى چېكىنگەن ئەتتەنف بازىسىنى كونترول قىلدى
سۈرىيە ھۆكۈمىتى تەخمىنەن ئون يىلدىن بىرى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ كەلگەن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئەتتەنف ھەربىي بازىسىنى قايتۇرۇۋالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
سۈرىيە ئارمىيەسى ئامېرىكا كۈچلىرى چېكىنگەن ئەتتەنف بازىسىنى كونترول قىلدى
2026-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دائېشقا قارشى بىرلەشمە كۈچلەرگە تەۋە بىر ئامېرىكا ھەربىي ماشىنىسى سۈرىيەنىڭ دەير ھافىر شەھىرىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ. / AP

ئىراق ۋە ئىيوردانىيە چېگرالىرى كېسىشكەن نۇقتىغا جايلاشقان بۇ بازا، ئامېرىكا كۈچلىرىنىڭ ئىران قوللىغان گۇرۇپپىلار ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ھەرىكەتلىرىنى كۈزىتىشتىكى ئەڭ مۇھىم تايانچ نۇقتىسى ئىدى. ئانادولۇ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سۈرىيە ئارمىيەسى بازىغا تولۇق ئورۇنلىشىپ، كونتروللۇقنى ئۆتكۈزۈۋالغان.

ئامېرىكا كۈچلىرىنىڭ ئەتتەنفتىن چېكىنىپ، ئىيوردانىيە چېگراسىدىكى ھەربىيىسىزلەشتۈرۈلگەن رايونغا يېقىن يەرگە جايلاشقان «Tower 22» ناملىق بازىسىغا يۆتكەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. ئەتتەنف بازىسى 2017-يىلىدىن باشلاپ ئامېرىكا تەرىپىدىن كېڭەيتىلگەن ۋە ئىلغار كۈزىتىش سىستېمىلىرى بىلەن جابدۇقلىنىپ، فىرات دەرياسىغىچە بولغان كەڭ دائىرىنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەنىدى.

بۇ چېكىنىش رايوندىكى ھەربىي تەڭپۇڭلۇقنىڭ ئۆزگىرىشى جەھەتتىن مۇھىم بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى دەپ قارالماقتا. گەرچە چېكىنگەن ئەسكەرلەرنىڭ ئېنىق سانى ئاشكارىلانمىغان بولسىمۇ، بۇ قەدەم ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ رايوندىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى قايتا تەرتىپكە سېلىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارالماقتا. سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ بازىنى قولغا كەلتۈرۈشى، ئىرانغا تۇتىشىدىغان قۇرۇقلۇق لىنىيەسىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق ھالغا كېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز