خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
پاكىستان باشقۇرۇشىدىكى كەشمىردە توقۇنۇش يۈز بېرىپ، يەتتە كىشى قازا قىلدى
كەشمىرنىڭ پاكىستان باشقۇرۇشىدىكى قىسمىدا ساقچىلار بىلەن يېقىندا چەكلەنگەن «ئاممىۋى ئورتاق ھەرىكەت كومىتېتى» (JAAC) نىڭ پائالىيەتچىلىرى ئوتتۇرىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇش يۈز بېرىپ، تۆت ساقچى ۋە ئۈچ پۇقرا قازا قىلدى، ئونلارچە كىشى يارىلاندى.
پاكىستان باشقۇرۇشىدىكى كەشمىردە توقۇنۇش يۈز بېرىپ، يەتتە كىشى قازا قىلدى
ئارخىپ سۈرەت: پاكىستان باشقۇرۇشىدىكى كاشمىرنىڭ مۇزەپپەرئاباد شەھىرىدە بازار تاقاپ ئىش تاشلاش پائالىيىتىدىن كېيىن، كىشىلەر كاشمىر خەلقىنى قوللاپ شوئار توۋلىماقتا. / Reuters

ئىقتىساد ۋە مەمۇرىي قاتلامدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغان مەزكۇر گۇرۇپپا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» بويىچە چەكلەنگەن بولسىمۇ، نامايىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، توقۇنۇش يۈز بەرگەن راۋالاكوت شەھىرىدە پۇقرالاردىن 40 كىشى، ساقچىلاردىن 23 كىشى يارىلانغان.

دائىرىلەر «ئاممىۋى ئورتاق ھەرىكەت كومىتېتى»نىڭ مەركىزىي ئىشخانىسىنى پېچەتلەپ، 70 تىن ئارتۇق ئەزاسىنى قولغا ئالدى ھەمدە رايوننىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى مۇزەپپەرئابادتا يىغىلىشلارنى چەكلىدى. گۇرۇپپا ئەزالىرى بولسا، ئۆزلىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەمەسلىكىنى، پەقەت قانۇنىي ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ھوقۇقلىرى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

ئىزدىنىڭ
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»
ئۇكرائىنا: «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى»
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى
مىسىردا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 13 كىشى قازا قىلدى