سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ ئامېرىكانىڭ ئىككى-ئۈچ ھەپتە ئىچىدە ئىراندا تۇرۇشلۇق كۈچلىرىنى چېكىندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ  ئىراننىڭ يادرو قوراللىرىغا ئېرىشىشىنى توسۇش نىشانىغا ھەربىي ھەرىكەت ئارقىلىق ئاللىبۇرۇن يەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ترامپ ئامېرىكانىڭ ئىككى-ئۈچ ھەپتە ئىچىدە ئىراندا تۇرۇشلۇق كۈچلىرىنى چېكىندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ترامپ ئامېرىكانىڭ ئىككى-ئۈچ ھەپتە ئىچىدە ئىراندا تۇرۇشلۇق كۈچلىرىنى چېكىندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى / AP

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئامېرىكا كۈچلىرىنىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق قىسىملىرىنىڭ «ئىككى-ئۈچ ھەپتە ئىچىدە» چېكىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇ دۆلەتكە قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقى توغرىسىدا سىگنال بەردى.

ترامپ ئاقسارايدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا: «مەن قىلىشقا تېگىشلىك بىردىنبىر ئىش ئىراندا تۇرۇشلۇق قىسىملىرىمىزنى چېكىندۈرۈش بولۇپ، بىز بۇنى ناھايىتى تېزلا ئىشقا ئاشۇرىمىز» دېدى.

چېكىنىشنىڭ «بەلكىم ئىككى، بەلكىم ئۈچ ھەپتە» ئىچىدە ئىشقا ئاشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ترامپ: «ئىراندىن ناھايىتى يېقىندا ئايرىلىمىز» دېدى.

ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراننىڭ يادرو قوراللىرىغا ئېرىشىشىنى توسۇش نىشانىنى ئاللىبۇرۇن ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى ئېيتقان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى: «ئۇلارنىڭ يادرو قورالى بولمايدۇ، بۇ نىشان ئىشقا ئاشتى» دېدى.

ترامپ يەنە ئامېرىكانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىنىڭ ئىراننىڭ ھەربىي ئىقتىدارىنى ناھايىتى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرغانلىقىنى ۋە تېھراننىڭ ئۇنى قايتىدىن قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن «15 يىلدىن 20 يىلغىچە» ۋاقىت كېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلىپ: «بىز ناھايىتى يېقىندا ئايرىلىمىز، ئەگەر فىرانسىيە ياكى باشقا بىر دۆلەت نېفىت ياكى تەبىئىي گاز سېتىۋېلىشنى خالىسا، ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىيەلەيدىغان بولىدۇ. ئەسلىدە بۇنىڭ ناھايىتى بىخەتەر بولىدىغانلىقىنى ئويلايمەن، ئەمما بۇنىڭ بىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق» دېدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئىسرائىلىيە 28-فېۋرالدىن بۇيان ئىرانغا ھاۋا ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ؛ بۇ ھۇجۇملاردا 1340 تىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ئىران بولسا ئىسرائىلىيەگە، شۇنداقلا ئامېرىكا ھەربىي كۈچلىرى تۇرۇشلۇق ئىيوردانىيە، ئىراق ۋە پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىگە قارىتا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرى بىلەن جاۋاب قايتۇردى.

رەسمىي رەقەملەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان كەم دېگەندە 13 ئامېرىكا ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

توقۇنۇشلار ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى،  شۇنداقلا، دۇنياۋى نېفىت توشۇشنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ئۆتىدىغان ئىستراتېگىيەلىك لىنىيە بولغان ھورمۇز بوغۇزىدىكى دېڭىز قاتنىشىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىغا سەۋەب بولدى.

ئىزدىنىڭ
زېلېنسكىي: پۇتىن ترامپقا «ھۆرمەتسىزلىك» قىلدى
پاكىستان ئامېرىكا بىلەن ئىراننى «ئىسلامئاباد كېلىشىمى» دىكى ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىردى
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ئىران: «ئومان بىلەن ھورمۇز بوغۇزى ھەققىدە زۆرۈر كېلىشىم ھاسىل قىلدۇق»
موسكۋانىڭ ترامپنىڭ باياناتىغا سۈكۈت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
ترامپ خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىرانغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى
رۇسىيە: بىز ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەس، بەلكى ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقنى خالايمىز
ئىران سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ھۇسىيلار ئوتتۇرىسىدىكى كىرىزىسنى دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىشقا چاقىردى
ئۇكرائىنا: زېلېنىسكىي ئەردوغاننىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈشى مۇمكىن
ئامېرىكا يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى
پاناما «چوڭ ئاپەت» ھالىتى ئېلان قىلدى
ترامپ نوبېل كومىتېتىغا نارازىلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىرانغا ھۇجۇم قىلىش پىلانلىرىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا بىر-بىرىگە شىددەتلىك ھۇجۇم قىلدى
ۋانس: ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىران ئۇران قويۇلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئازايتىشى كېرەك
ئىران: ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق
موسكۋاغا 650 ئۇچقۇچىسىز ئاپپارات بىلەن ھۇجۇم قىلىندى
ترامپ: ئىران مەسىلىسى ھەل قىلىنسا نېفىت باھاسى تۆۋەنلەيدۇ
رۇسىيە كىيېۋدىكى يەنە بىر كۆۋرۈكنى بومباردىمان قىلدى، قاتناش پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى