خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى ئۇكرائىنانىڭ ۋولىن رايونىدا 370 مىڭ كىشىنى توكسىز قالدۇردى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا مىقياسىدا ئېلىپ بارغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇملىرىدا 7 كىشى يارىلاندى، ۋولىن رايونىدا 370 مىڭ كىشى توكسىز قالدى. پولشا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى قوزغاتتى.
رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى ئۇكرائىنانىڭ ۋولىن رايونىدا 370 مىڭ كىشىنى توكسىز قالدۇردى
رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى ئۇكرائىنانىڭ ۋولىن رايونىدا 370 مىڭ كىشىنى توكسىز قالدۇردى / Reuters

ئۇكرائىنا مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ھۇجۇملىرىدا 7 كىشى يارىلاندى. پولشا بولسا، ھاۋا تەۋەلىكىنى قوغداش مەقسىتىدە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى قوزغاتتى. ھېچقانداق ھاۋا تەۋەلىكىگە خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالى بايقالمىدى.

ۋولىن ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى رومان رومانيۇك پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇكرائىنانىڭ پولشا چېگراسىغا جايلاشقان ۋولىن رايونىغا رۇسىيە تەرىپىدىن قىلىنغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 370 مىڭ كىشىنىڭ توكسىز قالغانلىقىنى، چەت ئەل مەبلىغىدىكى بىر كارخانىنىڭ نىشان قىلىنغانلىقىنى ۋە 2 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇكرائىنانىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئۇمان شەھىرىدە بىر ئولتۇراق بىناسىغا قىلىنغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا يەنە 5 كىشى يارىلانغان.

خۇسۇسىي ئېنېرگىيە شىركىتى «DTEK» ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى مەزگىلىدە كىيېۋدە جىددىي ئەھۋال تۈپەيلىدىن توك توختىتىشقا توغرا كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

پولشا قىسىملىرى، ھۇجۇملار جەريانىدا ھاۋا تەۋەلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى. كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلىش ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرمىگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قارىتىلغان يېڭى ھۇجۇملار

كىيېۋ دائىرىلىرى 12-ئۆكتەبىردە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ موسكۋا بىلەن كىيېۋنىڭ ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارنى توختىتىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلىشىغا قارىماي، رۇسىيەنىڭ خاركىۋدىكى بىر ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئۇكرائىنانىڭ تەكلىپ قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش پىلانىنى قوللايدىغانلىقىنى، ئەمما رۇسىيەنىڭ بۇ كېلىشىمگە ئەمەل قىلغانلىقىغا دائىر تېخىچە ھېچقانداق پاكىت كۆرمىگەنلىكىنى ئېيتتى. زېلېنسكىي ۋاشىنگتوننى موسكۋاغا بېسىم ئىشلىتىپ، تەكلىپ قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش پىلانىغا ئەمەل قىلىشقا چاقىردى.

كىرېمىل سارىيى بولسا، ھېچقانداق كېلىشىمنى دەلىللىمەستىن، تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى سۆزلىگەندە نۇرغۇن دۆلەت ۋەكىللىرى زالدىن چىقىپ كەتتى
ترامپ: ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇش پات يېقىندا ئاخىرلىشىدۇ
CNN: ئامېرىكا ئىرانغا قارشى GBU-43/B بومبىسىنى ئىشلىتىشنى ئويلاشماقتا
ئۇ ھ ئا ھۇجۇمىدىن كېيىن رۇسىيەنىڭ رىيازان رايونىدىكى نېفىت ئايرىش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ب د ت: ئۇرۇش توختىتىشقا قارىماي، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلىرى داۋاملاشماقتا
خاقان فىدان ئاسىيا بىخەتەرلىك باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن باكۇغا يېتىپ باردى
ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىغا زەربە بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
شىمالىي كورېيە ئىككى خىل ئىستراتېگىيەلىك قاناتلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
غەربىي قىرغاقتا ئاشقۇن ئىسرائىلىيەلىكلەر TRT نىڭ نەق مەيدان پىروگراممىسىغا توسالغۇ بولدى
تەيۋەن: خىتايدىكى ئۆپكە ۋاباسى كېسەللىكىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى كۆزىتىمىز
زېلېنسكىي: پۇتىن ترامپقا «ھۆرمەتسىزلىك» قىلدى
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
ناتو باش كاتىپى: ناتو زۆرۈر تېپىلغاندا رۇسىيەنىڭ ئارىلاشما ھۇجۇملىرىغا جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى: ئامېرىكانىڭ ھۇجۇم باشلاش ئېھتىماللىقى بار
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ