تۈركىيە شىركىتى كونتروللۇقىدىكى نېفىت تانكىرى ئىستانبۇل ئەتراپىدا ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرى ئابدۇلقادىر ئۇرالئوغلۇ قارا دېڭىزدا كاپىتانسىز دېڭىز ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان نېفىت تانكىرىدىكى 27 نەپەر تۈرك خادىمنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

By
تۈركىيە قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرى ئابدۇلقادىر ئۇرالوغلۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇم تانكېرنىڭ ماتور ئۆيىنى نىشان قىلغان. [ئارخىپ فوتوسى] / AA

ئابدۇلقادىر ئۇرالئوغلۇ پەيشەنبە كۈنى قارا دېڭىزنىڭ ئىستانبۇلغا يېقىن يېرىدە ئىلگىرىلەۋاتقان چەت ئەل بايرىقى قادالغان ئەمما تۈركىيە شىركىتى باشقۇرۇلۇۋاتقان بىر خام نېفىت تانكىرىنىڭ ئۇچقۇچىسىز دېڭىز ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى، تانكىردىكى خادىملار ئارىسىدا تالاپەت كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ  24TV نىڭ بىۋاسىتە تارقىتىش پىروگراممىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، خام نېفىت توشۇيدىغان پاراخوتنىڭ ماتور بۆلمىسىنىڭ پاراخوتنى ھەرىكەتتىن قالدۇرۇش مەقسىتىدە قەستەن قىلىنغان بىر ھۇجۇمغا دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مىنىستىر يەنە ۋەقە جەريانىدا پاراخوتتا 27 نەپەر تۈرك خادىمنىڭ بارلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇرالئوغلۇ تېخنىك خادىملارنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى ۋە ئەھۋالنىڭ يېقىندىن كۆزىتىلىۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

بۇ يېڭى يۈز بەرگەن ۋەقە بولۇپ، خەۋەر مەزمۇنى داۋاملىق يېڭىلىنىدۇ.