تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئېنېرگىيە، سودا ۋە مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى
تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدا 12-نۆۋەتلىك بىرلەشمە ئىقتىساد كومىتېتى كېلىشىمنامىسى ۋە بۇ دائىرىدە 110 تۈرلۈك ھەرىكەت پىلانى ئىمزالاندى.
تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئېنېرگىيە، سودا، مەبلەغ سېلىش ۋە ساياھەت قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 110 ماددىلىق ھەرىكەت پىلانىنى مەزمۇن قىلغان 12-نۆۋەتلىك بىرلەشمە ئىقتىساد كومىتېتى كېلىشىمنامىسىنى ئىمزالىدى.
كېلىشىم دۈشەنبە كۈنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىسى جەۋدەت يىلماز بىلەن ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوۋ تەرىپىدىن ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا ئىمزالاندى.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ تەرىپىدىن 2021-يىلى 15-ئىيۇن كۈنى ئىمزالانغان شۇشا خىتابنامىسىنىڭ مۇناسىۋەتلەرنى ئىتتىپاقداشلىق سەۋىيەسىگە يەتكۈزگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن يىلماز، مەۋجۇت ھەمكارلىقنىڭ ئالدى بىلەن تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى قارمىقىدىكى پائالىيەتلەرنى رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق كۆلەمدە كۈچەيتىش ئارقىلىق پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىنىڭ پاراۋانلىقىغا تۆھپە قوشۇشنى نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
يىلماز مۇشۇنداق بىر چۈشەنچە بىلەن، بىرلەشمە ئىقتىساد كومىتېتى يىغىنلىرىنىڭ كونكرېت تۈرلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش ۋە ئورتاق ئىقتىسادىي نىشانلارغا قاراپ ئىشەنچ بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ئۈچۈن بىر يول خەرىتىسى سىزىپ چىققانلىقىنى، ھەمكارلىقنىڭ ئەمەلىي نەتىجىلەرگە ئايلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.
يىلماز مۇنداق دېدى:
«بۇ يېڭى ھەرىكەت پىلانىدا، ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالاش ئىمكانىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىش، ئۈچىنچى ئەللەردە مەبلەغ سېلىش/مۇلازىمەت سودىسى ساھەلىرىدە ھەمكارلىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، ئەزەربەيجاننى يېڭى كومپيۇتېرلاشقان ترانسىت سىستېمىسى بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئۈچۈن بىر قوشما خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇش، ئورتاق سانائەت تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى قۇرۇش، يېزا-ئىگىلىك ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز تۈرلىرىدە ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، سەھىيەدىن ساياھەتكىچە، بانكا ئىشلىرىدىن ئاممىۋى سودىغىچە بولغان كەڭ دائىرىدە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش پىروگراممىلىرىنى تەشكىللەش قاتارلىق كونكرېت ھەرىكەتلەر بار.»
مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس يىلماز ئەزەربەيجان بىلەن بولغان سودا مىقدارىنىڭ ئالدىنقى يىلى 8 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
يىلماز يەنە: «بۇ دائىرىدە، 15 مىليارد دوللارلىق سودا نىشانىمىز پەقەت بىزنىڭ يوشۇرۇن كۈچىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئوتتۇرا مەزگىللىك بىر نىشاندۇر. ئەسلى نىشانىمىز ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش، ئورتاق مەبلەغ سېلىش ۋە ئۈچىنچى ئەللەردە ئورتاق تۈر تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىغا يېتىشتۇر. بۇ نىشانغا قاراپ مېڭىۋاتقاندا، سودا دۇنيامىزنىڭ ئالدىدىكى بىيۇروكراتلىق توسالغۇلىرىنى پاچاقلاپ تاشلاش، تاموژنا ۋە ئەشيا ئوبوروتى جەريانلىرىنى تېزلىتىش بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىمىز بولىدۇ» دېدى.
مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس يىلماز تۈركىيەنىڭ ئۈچىنچى ئەللەر ئارقىلىق سالغان مەبلىغىنىمۇ ھېسابلىغاندا، تۈركىيەنىڭ ئەزەربەيجاندىكى مەبلىغىنىڭ 18 مىليارد دوللارغا، ئەزەربەيجاننىڭ تۈركىيەدىكى مەبلىغىنىڭ بولسا 21 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«بىز پەقەت ھازار دېڭىزىنىڭ بايلىقلىرىنى غەربكە يەتكۈزىدىغان ترانسىت دۆلەت بولۇپلا قالماسلىقىمىز كېرەك، بىز ئېنېرگىيە باشقۇرۇلىدىغان، تەمىنلەش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىدىغان ئىستراتېگىيەلىك مەركەزلەر بولۇشىمىز كېرەك. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىمىزنى قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە كۆپ خىللاشتۇرۇشىمىز، ناخچىۋان ئارقىلىق پىلانلىغان ئېنېرگىيە كارىدورىنى تېزدىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ئىتتىپاقداشلىقىمىزنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.
بۈگۈن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ كونكرېت كۆرسەتكۈچلىرىگە قارايدىغان بولساق، TPAO بىلەن SOCAR ھەمكارلىقىنىڭ كۈچەيتىلىپ ئاشۇرۇلۇشى، ئىغدىر-ناخچىۋان تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنىڭ ئېچىلىشى، BOTAŞ، SOCAR ۋە TPAO نىڭ ئۈچىنچى ئەللەردە ئورتاق پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى ھەققىدە ھاسىل قىلغان ئورتاق پىكىرىمىز ھەمدە يېشىل توك يەتكۈزۈش ۋە سودا تۈرى بىلەن تۈركىيە-ئەزەربەيجان، ناخچىۋان ئېلېكتر تورىنى تۇتاشتۇرۇش تۈرى دۆلەتلىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ئەسلىدە نەقەدەر يىراقنى كۆرىدىغانلىقىنى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلىرىمىزدىكى يەنە بىر مۇھىم نۇقتا بولغان 21-ئەسىرنىڭ يىپەك يولى دەپ ئاتىلىدىغان ئوتتۇرا كارىدور بۈگۈن ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولدى، بۇ، دىققەت-ئېتىبارىمىزنى ھازار دېڭىزى ئارقىلىق ئۆتىدىغان شەرق-غەرب لىنىيەسىگە قاراتتى.
يوشۇرۇن كۈچىلا كۇپايە قىلمايدۇ، بۇ يوشۇرۇن كۈچنى سىجىل بىر ئەشيا ئوبوروتى قۇرۇلمىسىغا ئايلاندۇرۇش ئىككى دۆلەتنىڭ قولىدا. خىتاي سېپىلىدىن ياۋروپاغىچە سوزۇلغان سودىنىڭ تەقدىرى تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ تەۋرەنمەس ئىتتىپاقداشلىقى بىلەن شەكىللىنىدۇ.»