ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
دانىيە ئايرودۇرۇمى گۇمانلىق ئۇچقۇلار سەۋەبىدىن يەنە تاقالدى
دانىيە مەسئۇللىرى ئايرودۇرۇم ئاسمىنىدا ئۇچقۇلارنىڭ كۆرۈنۈشىنى، رۇسىيەنىڭ مەخپىي ھەربىي ھەرىكىتىگە مۇناسىۋەتلىك دەپ قاراپ بىخەتەرلىكنى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئۇچقۇلارغا قارشى مۇزاكىرەلەرنى كۆپەيتىشنى تەلەپ قىلدى.
دانىيە ئايرودۇرۇمى گۇمانلىق ئۇچقۇلار سەۋەبىدىن يەنە تاقالدى
دانىيە ھۆكۈمىتى بىر قانچە ئايرودۇرۇم ئاسمىنىدا ئۇچقۇ كۆرۈنگەنلىكى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. كوپېنھاگېن 25-سېنتەبىر (2025). / AP
2025-يىلى9-ئاينىڭ26-كۈنى

دانىيە باش ۋەزىرى ئۇچقۇلارنىڭ رۇسىيەگە چېتىشلىق ئېھتىمالى بولغان مەخپىي ھەربىي ھەرىكەتنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقاندىن كېيىن، جۈمە (26-سېنتەبىر) كۈنى بىر ئايرودۇرۇم گۇمانلىق ئۇچقۇنىڭ كۆرۈنگەنلىكى سەۋەبىدىن ئىككىنچى قېتىم يەنە بىر قانچە سائەت تاقالدى.   

چارشەنبە (24-سېنتەبىر) كۈنىدىن باشلاپ بىر قانچە دانىيە ئايرودۇرۇمى ئاسمىنىدا ئۇچقۇلار كۆرۈندى. بۇ ئەھۋال ئايرودۇرۇملارنىڭ بىر قانچە سائەت تاقىلىشىغا سەۋەب بولدى. مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا كوپېنھاگېن ئايرودۇرۇمى ئاسمىنىدا ئۇچقۇ كۆرۈنگەنلىكى سەۋەبىدىن بىر قانچە سائەت تاقالغان ئىدى.

مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر ۋەقە نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلۇ ئايرودۇرۇمىدىمۇ يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ پولشا ۋە رۇمېنىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە ئۇچقۇلارنىڭ خىلاپلىق قىلىشى، رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئېستونىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىنكى ۋاقىتقا توغرا كەلدى. بۇ ۋەزىيەت رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كەتتى.

دانىيە باش ۋەزىرى مېتتې فرېدېرىكسېن پەيشەنبە كۈنى تاراتقۇدا ۋىدېيولۇق ئۇچۇر تارقىتىپ: «يېقىنقى كۈنلەردە دانىيە تۈرلۈك مەخپىي ھۇجۇملارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىدى» دېدى ۋە بۇنداق ئۇچقۇلارنىڭ كۆپىيىش ئېھتىمالى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Denmark PM: Airport drone incident 'serious attack' on key infrastructure

مۇتەخەسسىسلەر ھازىرغىچە جاۋابكارلارنى ئېنىقلىيالمىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى، بىراق باش ۋەزىر فرېدېرىكسېن: «ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان ئاساسلىق بىر دۆلەت بار، ئۇ بولسىمۇ رۇسىيەدۇر» دېدى.

موسكۋا پەيشەنبە كۈنى دانىيەدىكى بۇ ۋەقەلەرگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىگە ئائىت ھەر قانداق پەرەزنى «قەتئىي رەت قىلىدىغانلىقى» نى بىلدۈردى. كوپېنھاگېندىكى رۇسىيە ئەلچىخانىسى تاراتقۇدا ئۇچۇر ھەمبەھرلەپ، بۇنى «سەھنىلەشتۈرۈلگەن ئىغۋاگەرچىلىك» دەپ ئاتىدى.

ئەدلىيە ۋەزىرى پېتېر خۇممېلگارد ئىلگىرى بۇ ھۇجۇمنىڭ مەقسىتى، «قورقۇنچ پەيدا قىلىش، بۆلۈنۈش پەيدا قىلىش ۋە بىزنى قورقىتىش. كوپېنھاگېن ئۇچقۇلارنى ئېنىقلاش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن يېڭى تەرەققىي قىلغان تېخنولوگىيەلەرگە ئىگە بولىدۇ» دېگەن ئىدى.

دانىيە جۈمە كۈنى كۆپىنچىسى ياۋروپانىڭ شەرقىدىكى، ئاساسلىقى رۇسىيە بىلەن بولغان شەرقىي چېگرا بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە موسكۋا بىلەن بولغان جىددىيلىك سەۋەبىدىن ئۇچقۇلارغا قارشى مۇداپىئە «تېمى» شەكىللەندۈرۈش تەكلىپىنى مۇزاكىرە قىلىش تۇنجى سۆھبىتىگە قاتنىشىدۇ.

رۇسىيەنىڭ بۇزغۇنچىلىق ئاگاھلاندۇرۇشى

دانىيە ساقچىلىرى 24-25-سېنتەبىر كۈنلىرى ئەتىگەندە ئالبورگ، ئېسبجېرگ، سوندېربورگ ئايرودۇرۇملىرىدا ۋە سكرىدسترۇپ ھاۋا بازىسىدا ئۇچقۇلارنىڭ كۆرۈنگەنلىكىنى، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي رايوندىن يىراقلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

دانىيەنىڭ شىمالىدىكى ئالبورگ ئايرودۇرۇمى دەسلەپتە بىر قانچە سائەت تاقالغان بولۇپ، پەيشەنبە كۈنى كېچىنى جۈمە كۈنى ئەتىگەنگە باغلىغان سائەت 1 دە  يەنە بىر قېتىم گۇمانلىق ئۇچقۇ كۆرۈنگەنلىكتىن تەخمىنەن بىر سائەت تاقالغان.

شىمالىي يۇتلاند ساقچى باش تەپتىشى جېسپر بوژگارد مادسېن ئالبورگدىكى بىرىنچى ۋەقە توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «ئۇچقۇلارنى ئېتىپ چۈشۈرۈش مۇمكىن بولمىدى، چۈنكى بىر قانچە سائەت بويىچە ناھايىتى كەڭ رايوندا ئۇچتى.»

دانىيە ھەربىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى توماس ئاھرېنكىئېل مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئۇچقۇلارنىڭ پەردە ئارقىسىدىكىلەرنى ئېنىقلىيالمىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.


ئىستىخبارات مۇدىرى  فىن بورچ بولسا: «دانىيەدە رۇسىيەنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىش خەۋپى يۇقىرى» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Poland downs Russian drones violating airspace

دانىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى ترولېس لۇند پۇلسېن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، « ئۇچقۇلارنىڭ ئىشى كەسپىي خادىملارنىڭ ئىشىغا ئوخشاۋاتىدۇ... بىر قانچە جايدا تەڭ بىرلا ۋاقىتتا سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتەك قىلىدۇ. ئەمما، بۇ ۋەقەلەر دانىيەگە بىۋاستە ھەربىي تەھدىت شەكىللەندۈرمەيدۇ. مەن پەيشەنبە (25-سېنتەبىر) ناتو باش كاتىپى رۇتتې بىلەن كۆرۈشتۈم» دېدى.


ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ ناتو شەرتنامەسىنىڭ 4-ماددىسىنى ئىشقا سېلىش-سالماسلىق توغرىسىدا ھازىرچە قارار چىقارمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Drones disrupt Copenhagen, Oslo airports amid NATO tensions over alleged Russian airspace breaches

بۇ ماددا بويىچە، ئەگەر بىر ئەزا دۆلەت ئۆزىنىڭ «زېمىن پۈتۈنلۈكى، سىياسىي مۇستەقىللىقى ياكى بىخەتەرلىكى» خەۋپكە دۇچ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلسا، جىددىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلالايدۇ.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ئۆز دۆلىتىنىڭ «دانىيە ھاۋا تەۋەلىكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تۆھپە قوشۇش» قا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

كوپېنھاگېن كېلەر ھەپتە ياۋروپا ئىتتىپاقى  باشلىقلار يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىدۇ.

ئۆزۈمنى ئانچە بىخەتەر ھېس قىلالمايۋاتىمەن

ساقچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دانىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى ۋە ئارمىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى بىرلىكتە تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىكەن.

ئۇچقۇلارنىڭ ھەرىكىتى دانىيەدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنى، جۈملىدىن 85 ياشلىق بىراگىت لارسېننى بىئارام قىلغان. ئۇ كوپېنھاگېندا فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى-ئا ف پ (AFP) غا مۇنداق دېدى:

«مەن ئۆزۈمنى ئانچە بىخەتەر ھېس قىلالمايۋاتىمەن. مەن 1945-يىلدىن بۇيان تىنچ بولغان بىر دۆلەتتە ياشاۋاتىمەن، ئۇرۇش توغرىسىدا ئويلىنىپ باقمىغان ئىدىم.»

بەزى كىشىلەر بەك ئەندىشە قىلىپ كەتمىگەن. 48 ياشلىق تورستېن فرولىڭ مۇنداق دېدى:

« بەلكىم رۇسىيە ياۋروپا چېگراسىنى سىناۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار چېگراغا يېقىن ئۇچۇپ، ئىغۋاگەرچىلىك پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ، تەھدىت سالمايدۇ.»

دانىيە رۇسىيەنىڭ «كېلەركى يىللارغىچە» تەھدىت سېلىشى مۇمكىنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، تۇنجى قېتىم يىراق مۇساپىلىق زەربە بېرىش ئىقتىدارى يۇقىرى قوراللارنى سېتىۋالىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئايرودۇرۇملىرىنىڭ ئاسمىنىدا ئۇچقۇلار كۆرۈنۈشكە باشلىدى.

ئىزدىنىڭ
ئۇكرائىنا ھۇجۇمىدىن كېيىن يېرىم مىليوندىن ئارتۇق بېلگورودلۇق ئىسسىنىش ۋە توكتىن مەھرۇم قالدى
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە 22 مۇسۇلمان دۆلەت ئىسرائىلىيەنىڭ سومالىلاند زىيارىتىنى ئەيىبلىدى
ئىران دۆلەت تاراتقۇلىرى: تۈنۈگۈن كېچە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ئارقىسىدا ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە بار
سۈرىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھەلەبتە ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلدى
رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا كىيېۋدا تۆت كىشى ئۆلدى، 10 كىشى يارىلاندى
باش ئەلچى سەدات ئۆنال ئامېرىكالىق سېناتور ئېلىسا سلوتكىن بىلەن كۆرۈشتى
سەئۇدى ئەرەبىستان: جەنۇبىي ئۆتۈش كېڭىشى رەھبىرى جىددىيچىلىك سەۋەبىدىن يەمەندىن قاچتى
ئىراندا نارازىلىق نامايىشلىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 38 گە يەتتى
ترامپ ئامېرىكا كۆچمەنلەر ۋە تاموژنا ئىدارىسىنىڭ بىر ئايالنى ئۆلتۈرۈشىنى «قانۇنىي قوغدىنىش» دېدى
ئىران ئارمىيە قوماندانى ترامپ ۋە نېتانياھۇغا تەھدىت سالدى
لوندوندىكى پەلەستىن ۋاكالەتخانىسىنىڭ دەرىجىسى تولۇق ئەلچىخانا سالاھىيىتىگە ئۆستۈرۈلدى
تۈركىيە «ئەرەبىستانلىق لاۋرېنس» غا ئائىت ئوسمانلى دەۋرى ئىستىخبارات ئارخىپلىرىنى ئاشكارىلىدى
ئىران موسساد جاسۇسى دېگەن جىنايەت بىلەن بىر كىشىنى دارغا ئاستى
ترامپ گىرېنلاندىيەنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ھەر خىل تاللاشلار ئۈستىدە ئۇيلاشماقتا
سۈرىيە SDG تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇملىرىدىن كېيىن ھەلەب ئايرودرومىدا ئۇچۇشلارنى ۋاقىتلىق توختاتتى