سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
جەنۇبىي كورېيە بىلەن ناتو تور بىخەتەرلىكى ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى
جەنۇبىي كورېيە بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى— ناتو ھىندى-تىنچ ئوكيان ۋە ياۋروپا-ئاتلانتىك ئوكيان رايونلىرىدىكى تور تەھدىتلىرىگە قارشى تۇرۇش ھەمدە تور بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا كېلىشتى.
جەنۇبىي كورېيە بىلەن ناتو تور بىخەتەرلىكى ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى
/ User Upload

«يۇنخاپ» خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، جەنۇبىي كورېيە بىلەن ناتو تور بىخەتەرلىكى ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە يۇقىرى دەرىجىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

پەيشەنبە كۈنى سېئۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن تور بىخەتەرلىكى سۆھبىتىگە جەنۇبىي كورېيەنىڭ خەلقئارا تور مۇناسىۋەتلىرى باش ئەلچىسى لى تائې ۋۇ بىلەن ناتونىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئارىلاشما ۋە تور بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى ژان-چارلىز ئېللېرمان-كىنگومبې رىياسەتچىلىك قىلغان.

تەرەپلەر، تور تەھدىتلىرىگە قارشى تۇرۇشتا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، ھىندى-تىنچ ئوكيان ۋە ياۋروپا-ئاتلانتىك ئوكيان رايونلىرىدىكى تور بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنى مۇھاكىمە قىلىش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

جەنۇبىي كورېيە بىلەن ناتو تور بىخەتەرلىكى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە، 2023-يىلى يۇقىرى دەرىجىلىك تور بىخەتەرلىكى دىيالوگىنى يولغا قويغان ئىدى.

بۇ ئىش جەنۇبىي كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئان گيۇ-بەك بىلەن ناتو ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ باشلىقى جۇسېپپې كاۋو دراگونېنىڭ سەيشەنبە كۈنى سېئۇل مۇداپىئە دىيالوگى جەريانىدا، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش يوللىرىنى مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىن يۈز بەردى.

جەنۇبىي كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، دراگونې جەنۇبىي كورېيە بىلەن ناتو ئوتتۇرىسىدا «دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ھەربىي ئالماشتۇرۇش، ئۇچۇر ھەمبەھرىلەش، تور بوشلۇقى، ئالەم قاتنىشى ۋە سۈنئىي ئەقىل قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەردە چوڭقۇرلىشىدىغان ۋە كېڭىيىدىغان» كونكرېت ھەمكارلىقلار توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغان.

ئىزدىنىڭ
لىۋان پارلامېنتى دۆلەتتە ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەستىقلىدى
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششار ئەسەدنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەقۋى ئىراندا زىيارەتتە بولدى
ئاۋسترالىيە ۋە ۋېتنام كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»
ئەنگىلىيە توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسىغا 175 مىلىيون دوللارلىق قوشۇمچە فوند ياردىمى قىلىدىغان بولدى
گرېتسىيەدە 106 ئوخشىمىغان نۇقتىدا پەلەستىنگە ئازادلىق تەلەپ قىلىپ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى
خىتايدا يۇنۇس تەيفېڭ بورىنى 1 مىلىيوندىن ئارتۇق خىتاينى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىدى