خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: «رۇسىيە-ئۇكرائىنا تىنچلىق تەشەببۇسى قىيىنچىلىقلارغا قارىماي يەنىلا جانلىق» دېدى
رۇسىيە، ئۇكرائىنادا چەت ئەل ئەسكەرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى رەت قىلغاچقا، كىيېۋنىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتىنىڭ ياۋروپاغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرماقتا.
ترامپ: «رۇسىيە-ئۇكرائىنا تىنچلىق تەشەببۇسى قىيىنچىلىقلارغا قارىماي يەنىلا جانلىق» دېدى
ترامپ: «رۇسىيە-ئۇكرائىنا تىنچلىق تەشەببۇسى قىيىنچىلىقلارغا قارىماي يەنىلا جانلىق» دېدى / AP

CBS News  نىڭ پەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئوتتۇرىسىدا يۈز تۇرانە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلۈش ئېھتىماللىقىغا دائىر كۈچىيىۋاتقان ئېنىقسىزلىققا قارىماي، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىش ۋەدىسىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ترامپ، چارشەنبە كۈنى CBS News بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە: «مەن بۇ ۋەزىيەتنى كۆزىتىۋاتىمەن، كۆرۈۋاتىمەن ۋە پىرېزىدېنت پۇتىن ھەمدە پىرېزىدېنت زېلېنسكىي بىلەن بۇ ھەقتە سۆزلىشىۋاتىمەن» دېگەنلەرنى ئەسكەرتىپ: «بىر ئىشلار يۈز بېرىدۇ، ئەمما ئۇلار تېخى تەييار ئەمەس. لېكىن بىر ئىشلار يۈز بېرىدۇ. بىز بۇ ئىشنى ھەل قىلىمىز» دېدى.

ترامپ، چارشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا، ئاۋغۇستتا ئالياسكادا پۇتىن بىلەن ئۆتكۈزگەن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىدا ئىلگىرىلەش بولمىغاندىن كېيىن، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئاق سارايدىن بىر ئەمەلدار، ترامپنىڭ پەيشەنبە كۈنى زېلېنسكىي بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيەنىڭ يىراق شەرقىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر ئىقتىسادىي مۇنبەردە سۆز قىلغان رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا: «رۇسىيە، ئۇكرائىنادا ھەر قانداق شەكىلدە، ھەر قانداق فورماتتا بىخەتەرلىككە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان چەت ئەلنىڭ ئارىلىشىشىنى قوبۇل قىلمايدۇ» دېدى.

زاخاروۋانىڭ باياناتىغا قارىغاندا، رۇسىيە زېلېنسكىي بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا سۆھبەتلىرىدىن ئىلگىرى مەيدانىنى قاتتىقلاشتۇرغانلىقىنى كۆرسىتىپ، ئۇكرائىنادا چەت ئەل ئەسكەرلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى «ھەر قانداق فورماتتا» ئويلىشىپمۇ باقمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Russia, US coordinate new talks as Ukraine rules out compromise

ئۇكرائىنانىڭ بىخەتەرلىك كاپالەتلىرى

بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر باياناتتا، موسكۋا كىيېۋنىڭ ياۋروپالىق ئىتتىپاقداشلىرىدىن بىخەتەرلىك كاپالىتى تەلەپ قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلىپ، بۇلارنى رايونلۇق مۇقىملىققا بولغان تەھدىت دەپ سۈپەتلىگەن.

زاخاروۋا، ئوتتۇرىغا قويۇلغان كاپالەتلەرنى «تېرورلۇق ئۈچۈن بىر سەكرەش سۇپىسى» ۋە «ياۋروپا قىتئەسى ئۈچۈن بىر خەتەر كاپالىتى» دەپ ئاتىغان.

پۇتىن يەنە چارشەنبە كۈنى، ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى موسكۋاغا كەلگەن تەقدىردە زېلېنسكىي بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى، ئەمما بۇنداق بىر ئۇچرىشىشنىڭ ياخشى تەييارلىنىشى ۋە كونكرېت نەتىجىلەرگە ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، بۇنداق بىر ئۇچرىشىش ئۈچۈن موسكۋانىڭ ئورۇن سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنىشىنى رەت قىلغان.

 

ترامپ CBS News غا بەرگەن باياناتىدا، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ۋەيرانچىلىقتىن رازى ئەمەسلىكىنى، ئەمما تىنچلىق كېلىشىمى ئۈچۈن تىرىشچانلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ترامپ: «مېنىڭچە ھەممە ئىشنى ئىزىغا چۈشۈرىمىز. ئېنىقكى، رۇسىيە مەسىلىسىنىڭ مەن ئاخىرلاشتۇرغان باشقا مەسىلىلەرگە قارىغاندا ئاسانراق بولىدىغانلىقىنى ئويلىغان ئىدىم، ئەمما بۇنىڭ باشقىلارغا قارىغاندا سەل تەسراق بىر ئىش ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمەن» دېگەن.

ترامپ، يانۋاردا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا توقۇنۇشنى تېزلىكتە ئاخىرلاشتۇرالايدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن بولسىمۇ، 2022-يىلى فېۋرالدا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھۇجۇمى بىلەن باشلانغان توقۇنۇشنى توختىتالمىغانلىقىدىن ئۈمىدسىزلەنگەن.

مەنبە:TRT Uyghur
ئىزدىنىڭ
101 ياشلىق ئايال زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىندى
ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا قانۇنسىز يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ ھۇجۇمى %63 ئاشتى
سۈرىيە «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلدى
باڭلادېش «مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى» گە قاتنىشىشقا قىزىقىۋاتىدۇ
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن فىرانسىيە پەلەستىن دۆلىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: زۆرۈر تېپىلسا، ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىمىز
سۈرىيەنىڭ تەدمۇر شەھىرىدە ئەسكى-تۈسكى يىغقۇچىنىڭ قاپچۇقىدىكى بومبا پارتلاپ، بىر كىشى ئۆلدى
خىتاي ۋە ئىيوردانىيە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ: «ئىران پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇۋاتىدۇ»
شارا: سۈرىيە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى
ھايتىدا شايكىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 43 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كراسنودار رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ئومان دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر نېفىت تانكېرى زەربىگە ئۇچرىدى
رۇسىيە: ئەنگلىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 422 گە يەتتى