خەلقئارا
3 مىنۇت ئوقۇش
خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سەرخىللىرى دۆلەتنى قاتتىق باشقۇرۇشقا ئالاقىدار مۇھىم يىغىن باشلىدى
فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بايانات بەرگەن ئانالىزچىلار شى جىنپىڭنىڭ تېخىمۇ كۆپ نازارەت ۋە قائىدىلەرنى يولغا قويۇپ كادىرلار ئارىسىدىكى ئۈنۈمدارلىق ۋە سااقەتنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سەرخىللىرى دۆلەتنى قاتتىق باشقۇرۇشقا ئالاقىدار مۇھىم يىغىن باشلىدى
خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سەرخىللىرى دۆلەتنى قاتتىق باشقۇرۇشقا ئالاقىدار مۇھىم يىغىن باشلىدى / Reuters

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدا كومپارتىيە سەرخىللىرىنىڭ مۇھىم بىر يىغىنىنى ئاچتى. دۆلەت مەتبۇئاتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كۆزەتكۈچىلەر دۆلەتنىڭ يۆنىلىشى ۋە كەلگۈسىدىكى رەھبەرلىكى توغرىسىدا مۇزاكىرىلەشكەن.

دۆلەت مەتبۇئاتىىڭ بىلدۈرىشىچە، بەشىنچى قۇرۇلتاي دەپ ئاتالغان بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقان ھاكىمىيەت بېشىدىكى كومپارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەخمىنەن 300 ئەزاسى، ئۆز سېپىدە ئىنتىزامنى چىڭىتىشقا تىرىشىدىكەن.

بۇ خىزمەت چىرىكلىكنى ئازايتىشنى ۋە كادىرلارنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، سادىق ھالەتكە كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان تەدبىرلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

خىتاينىڭ رەسمىي دۆلەتلىك ئاخبارات ئاگېنتلىقى شىنخۇانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شى جىنپىڭ دۈشەنبە كۈنى يىغىن چاقىرغان ۋە مەركىزىي كومىتېت تەرىپىدىن «پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ۋە قاتتىق ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىشكە يۈزلەنگەن ئىستراتېگىيەلىك پىلانلارنى ئوتتۇرىغا قويغان» لايىھە قارارىنى سۇنغان.

قاتتىق خەۋپسىزلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا يېپىق ئىشىكلەر ئارقىسىدا ئېلىپ بېرىلغان يىغىننىڭ تەپسىلاتلىرىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئاخىرلاشقۇچە ئېلان قىلىنمايدىغانلىقى، ئەمما يىغىن ۋاقتىنىڭ ھالقىلىق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

بەشىنچى قۇرۇلتاي، كېلەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ بىر پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلماقتا؛ 73 ياشلىق شى جىنپىڭنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك تارىخىي بىر تۆتىنچى نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقى ۋە رەھبەرلىك كادىرلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە يېتەكچىلىك قىلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئىلگىرىكى قۇرۇلتايلار، شى جىنپىڭ ئۈچۈن نوپۇزىنى مۇستەھكەملەش نۇقتىسىدىن ھالقىلىق پەيتلەر بولغان ئىدى.

خىتاي رەھبىرى مىڭلىغان ئەمەلدارنى تازىلىغان بولۇپ، 14 يىللىق بىر چىرىكلىككە قارشى كۈرەش سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان ئىدى؛ تازىلانغانلار ئارىسىدا مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرىدىن نەچچە ئون كىشىمۇ بار.

شۇنداقلىقىغا قارىماي شى جىنپىڭنىڭ ئۆزىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلمىدى دەپ قارىغان كادىرلاردىن تېخىچە بىئارام بولماقتا.

دۆلەت مەتبۇئاتى شى جىنپىڭنىڭ يانۋار ئېيىدىكى بىر سۆزىنى ئاساس قىلىپ ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىدە ئۇنىڭ مەركەزنىڭ يوليورۇقلىرىغا بويسۇنۇۋاتقاندەك كۆرۈنىدىغان، ئەمما «ئىچىدە قارشىلىق كۆرسىتىدىغان»، «شەخسىيەتچىلىك قوغلىشىدىغان» ۋە «سىياسىي پۇرسەتپەرەس»، «ئىككى يۈزلۈك» ئەمەلدارلارغا قارشى قاتتىق سۆزلەرنى قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئانالىزچىلار فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا شى جىنپىڭنىڭ تېخىمۇ كۆپ نازارەت ۋە قائىدىلەرنى يولغا قويۇپ، كادىرلار ئارىسىدىكى ئۈنۈمدارلىق ۋە مۇتلەق ساداقەتنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئەمما كەڭ كۆلەملىك تازىلاشلىرىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە، بۇ يىللىق قۇرۇلتاينىڭ 1976-يىلى سابىق رەھبەر ماۋ زېدۇڭنىڭ ئۆلۈمىدىن بۇيان ئەڭ تۆۋەن قاتنىشىش نىسبىتىگە ئىگە بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.

مەركىزىي كومىتېتنىڭ سەككىز ئورنى بوش بولۇپ، يەنە 15 ئەزا تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ ۋە يەنە بەزىلىرى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە.

شى جىنپىڭنىڭ چىرىكلىككە قارشى كۈرەش سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى ئارمىيەنىمۇ ھۇجۇم نىشانى قىلدى؛ پارتىيەنىڭ ئەڭ ئالىي قوراللىق قىسىملار ئورگىنى بولغان مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ يەتتە ئەزاسىدىن بەشى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى.

ئاسىيا جەمئىيىتى سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئانالىزىغا قارىغاندا، 2022-يىلى مەركىزىي كومىتېتقا تەيىنلەنگەن 44 ھەربىي ئەزادىن پەقەت ئىككىسىلا تازىلانمىغان ياكى يوقاپ كەتمىگەن ھالەتتە تۇرماقتا.

قۇرۇلتايدا مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىغا يېڭى ئەزالار تەيىنلىنىشى مۇمكىن. پارتىيە ئۇنى كېلەر يىللىق قۇرۇلتايغىچە يېڭىلاشنى كۈتۈپ تۇرۇشىمۇ مۇمكىن، ياكى شى جىنپىڭ پارتىيەنىڭ قوشۇن ئۈستىدىكى كونتروللۇقىنى قايتىدىن تەشكىللىشى مۇمكىن.

بۇ مۇزاكىرىلەر يەنە دۇنيانىڭ ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىسى ئۈچۈن تۇراقسىز بىر مەزگىلگە توغرا كەلمەكتە؛ ئىقتىساد، كۈنسىرى ئاجىزلىشىۋاتقان ئىچكى ئىستېمال ۋە ھالقىلىق ئۆي-مۈلۈك ساھەسىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان كرىزىس بىلەن تاقابىل تۇرۇشتا قىينالماقتا.

ئەمەلدارلارنىڭ پەيشەنبە كۈنى يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن نەتىجىلەرنىڭ خۇلاسىسىنى ئېلان قىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - China cites 'remilitarisation' fears to justify rare-earth curbs on Japan
ئىزدىنىڭ
ئەردوغان: ئادىل ھەل قىلىش چارىسى تېپىش يولىدىكى مۇرەسسەچىلىكىمىزنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز
شىمالىي كورېيەنىڭ چېگراغا 960 مىڭ مىنا كۆمگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
ئەنگلىيەدىن كىرىزىسلەرگە قارشى تەييارلىق كۆرۈش چاقىرىقى
دۇنيا چېلىشىش چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسى ئەتە قازاقىستاندا باشلىنىدۇ
پۇتىن ئۇكرائىنا بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
تىبەتتە 7 بال يەر تەۋرەپ، 16 كىشى ئۆلدى
ئەردوغان: كانادا بىلەن سودا سوممىسىنى 10 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشنى نىشانلاۋاتىمىز
ترامپ: «مۇزاكىرە ئېلىپ بارمايۋاتىمىز، پات ئارىدا ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ»
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى باش كاتىپى ئۆمۈرئالىيېۋنى قوبۇل قىلدى
6-نۆۋەتلىك خەلقئارا تۈرك دۇنياسى ئالاقە ۋە سەنئەت مۇھاكىمە يىغىنى قىرغىزىستاندا باشلاندى
گالاتاساراي فىرانسىيەدىن 3 نومۇر بىلەن قايتتى
تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم سانائىتىگە 3 يىلدا تەخمىنەن ئىككى مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۇلغارىيە باش مىنىستىرى رادېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
كرېمىل: رۇسىيە–ئۇكرائىنا–ئامېرىكا مۇزاكىرىسىنى نويابىردا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەييارمىز