تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان CNN Türk قانىلى ئۆمىكىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى
بۇرھانەتتىن دۇران بۇ ۋەقەنىڭ مەتبۇئاتقا قارىتىلغان يېڭى بىر ئىسرائىلىيە ھۇجۇمى ۋە ھەقىقەتنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇش ئىكەنلىكىنى ئېيتىش بىلەن بىرگە، ئەنقەرەنىڭ ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان CNN Türk قانىلى ئۆمىكىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان CNN Türk قانىلى ئۆمىكىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى / User Upload
2026-يىلى3-ئاينىڭ4-كۈنى

ئەنقەرە ئىسرائىلىيەدە نازارەتكە ئېلىنغان CNN Türk مۇخبىرى ۋە كامېراچىسىنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بۇرھانەتتىن دۇران سەيشەنبە كۈنى تۈركىيەنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «NSosyal»دا مۇنداق بايانات ھەمبەھىرلىدى: «بىز ئىسرائىلىيەنىڭ ھەقىقەتنى يوشۇرۇش ئۈچۈن مەتبۇئاتقا قارىتىلغان ھۇجۇملىرىنىڭ يەنە بىرىگە دۇچ كېلىۋاتىمىز. مۇخبىر دوستلىرىمىزنىڭ تېزدىن قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر تەشەببۇسلاردا بولىۋاتىمىز ۋە مەسىلىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىۋاتىمىز.»

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى  باياناتچىسى ئۆمەر چەلىكمۇ مۇخبىر ئەمراھ چاكماك بىلەن كامېراچى ھەلىل قاھراماننىڭ ئىسرائىلىيە قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن نازارەتكە ئېلىنىشىنى «مەتبۇئات ئەركىنلىكىگە قىلىنغان ھۇجۇم» دەپ سۈپەتلىدى. ئۇ مۇخبىرلارنى نازارەتكە ئېلىش قارارىنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇلارنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۆمەر چەلىك: «بۇ مەسىلىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - CPJ: Israel committed two-thirds of the record 129 journalist killings in 2025

«قانۇنسىز ئارىلىشىش»

CNN Türk قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەمراھ چاكماك بىلەن ھەلىل قاھرامان ئىراننىڭ شەھەرگە قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدىن كېيىن، تېل-ئاۋىۋدىن نەق مەيدان تارقىتىش قىلىۋاتقان بىر پەيتتە ئىسرائىلىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن نازارەتكە ئېلىنغان.

مەزكۇر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۆمەك ھۇجۇمدىن كېيىن پاناھلىنىش ئورۇنلىرىدىن چىققان پۇقرالارنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى ۋە ۋەقە مەيدانىنى سىنغا ئېلىۋاتقاندا، خەۋپسىزلىك خادىملىرى ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ نەق مەيدان تارقىتىشنى توختىتىپ قويغان.

نەق مەيدان تارقىتىش كۆرۈنۈشلىرىدىن سىگنال ئۈزۈلۈپ كېتىشتىن سەل ئىلگىرى، خادىملارنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقى كۆرۈنگەن.

CNN Türk يۈز بەرگەن بۇ ئەھۋالنى «قانۇنسىز ئارىلىشىش» دەپ ئاتاپ، مۇخبىرلارنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقىنى ۋە يانفونلىرىنىڭ مۇسادىرە قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قاھرامان قىسقا ۋاقىت يانفون ئىشلىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇ ھەر ئىككى مۇخبىرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، ئەمما يەنىلا نازارەت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلىنمىغانلىقىنى يەتكۈزدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Silencing Jerusalem: Israel’s ban on Palestinian media is an attempt to hide Zionist crimes
ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ شىراز شەھىرىدىكى نېفىت خىمىيە زاۋۇتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ ئايرودۇرۇملىرى ۋە شەھەرلىرىنى بومباردىمان قىلدى
ئىستانبۇلدىكى ئىسرائىلىيە كونسۇلخانىسى يېنىدا ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراننىڭ ئۆچ ئېلىش ھۇجۇمى ئىسرائىلىيەدە خىمىيەلىك ئېقىپ كېتىش خەۋپى تۇغدۇردى
ئىران: «پاكىستاننىڭ ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق سۆھبىتىدىكى رولى «ھالقىلىق باسقۇچقا يېقىنلاشتى»
فىرانسىيە ئامېرىكانى ئىراننىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئاگاھلاندۇردى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى غەززەدىكى تارقاقلاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى توختاتتى
تېھران ئاھالىلىرى ترامپنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەھدىتلىرىدىن كېيىن ئېنىقسىزلىققا تەييارلىق قىلماقتا
ئەرەب ئەللىرى ئاشقۇن ئوڭچىل ئىسرائىلىيە مىنىستىرىنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
تۈركىيە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ۋاسىتىلىك (ترانسىت) سودىنى باشلىدى
يادرو ئېنېرگىيەسى ئاگېنتلىقى: ئىران  يادرو ئىستانسىسى ئەتراپىدىكى ھۇجۇملار توختىتىلىشى كېرەك
ئانتونىيو كوستا: ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران ئاممىۋىي ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرى قانۇنسز
ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ھۇجۇمى ئىراننىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت خىمىيە بىرلەشمە زاۋۇتىغا زەربە بەردى
ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەر ھۇجۇمىدىن كېيىن، پەلەستىندىن خەلقئارانى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى
خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى ئىراننىڭ ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىنى ئېتىپ چۈشۈرۇشىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتامدۇ؟