پىكىر
3 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە نېمە ئۈچۈن 31-قېتىمىلىق كىلىمات باشلىقلار يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ؟
ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى ئانتونى ئالبانىس (Anthony Albanese) كانبېررانىڭ ساھىبخانلىق ئىلتىماسىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، تۈركىيە كېلەر يىللىق كىلىمات باشلىقلار يىغىنى (COP31 ) غا ساھىبخانلىق قىلىدىغان بولدى.
تۈركىيە نېمە ئۈچۈن 31-قېتىمىلىق كىلىمات باشلىقلار يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ؟
تۈركىيە كېلەر يىللىق COP31 كىلىمات باشلىقلار يىغىنىغا ئاقدېڭىز بويىدىكى ساياھەت شەھىرى ئانتاليادا ساھىبخانلىق قىلىدۇ. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters
2025-يىلى11-ئاينىڭ20-كۈنى

ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى ئانتونى ئالبانىس  كىلىمات ئۆزگىرىشى مىنىستىرى كىرىس بوۋېن (Chris Bowen) نىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى كونفېرانسىنىڭ رەئىسى بولىدىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ بولسا يىغىنغا ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى تەشكىلاتىغا ساھىبخانلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كىلىمات مۇتەخەسسىسى خەلىل ھاسار تۈركىيەنىڭ «T24» قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ 31-قېتىملىق كىلىمات باشلىقلار يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىش قارارىنىڭ، تىنچلىق دىپلوماتىيەسىدىكى ئاكتىپ رولىنى كىلىمات تەشۋىقاتى ساھەسىگىمۇ كېڭەيتىش ئارزۇسىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ «ھەممە بىلەن ئولتۇرۇپ سۆزلىشەلەيدىغان» ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، بۇ سۈپەتنىڭ ب د ت كىلىمات يىغىنلىرىنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«كىلىمات ئۆزگىرىشى تەشكىلاتىنىڭ قارارلىرى بىردەكلىك ئاساسىدا چىقىرىلىدۇ. سىزگە ياۋروپا ئىتتىپاقى، رۇسىيە، پارس قولتۇقى، ئافرىقا، بىرازىلىيە، ئوتتۇرا شەرق ۋە ھەتتا تىنچ ئوكيان (دۆلەتلىرى) قاتارلىق بارلىق تەرەپلەر بىلەن بىمالال سۆزلىشەلەيدىغان بىر ساھىبخان دۆلەت كېرەك. تۈركىيە بارلىق تەرەپلەرنى چۈشىنەلەيدىغان ۋە ئۇلارغا ۋەكىللىك قىلالايدىغان ئورۇندا تۇرماقتا.»

ئۇ تۈركىيەنىڭ قاتناش-تىرانسىپورت جەھەتتىكى ئەۋزەللىكلىرىنى تىلغا ئېلىپ، ئانتاليانىڭ 600 مىڭدىن ئارتۇق كارىۋاتلىق مېھمان كۈتۈش سىغىمى ۋە دەرھال ئىشلىتىشكە بولىدىغان كۆرگەزمە زاللىرى ھەمدە يىغىن ئەسلىھەلىرىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ ئەسلىھەلەرنىڭ تۈركىيەنىڭ «ئەڭ ئاز تەڭشەش» ئارقىلىق پائالىيەتكە تەييارلىق قىلىشىغا ئىمكانىيەت بېرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Türkiye highlights cooperation and inclusivity in bid to host COP31 climate summit

تۈركىيە ھەر ۋاقىت ئاجىز خەلقلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ كەلدى

تۈركىيە مۇھىت، شەھەرچىلىك ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، كىلىمات باش مۇزاكىرەچىسى فاتما ۋارانك، تۈركىيەنىڭ كىلىمات مەسىلىلىرىگە ھېسداشلىق ۋە ئورتاق مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ: «كىلىمات كىرىزىسى پەقەت مۇئەييەن رايونلارغىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدىغان، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق ۋە ئۆزئارا چۈشىنىشنى تەلەپ قىلىدىغان يەرشارى خاراكتېرلىك خىرىس» دېدى.

 ئۇ يەنە تۈركىيەنىڭ يەرشارى كىلىمات كۈنتەرتىپىگە ئىجابىي تۆھپە قوشۇشقا ۋە بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەندىشىلىرىنى ھەل قىلىدىغان سىغدۇرۇشچان پوزىتسىيەنى ساقلاپ قېلىشقا ۋەدە بېرىدىغانلىقىنىمۇ قوشۇپ قويدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ كىلىمات ھەرىكىتىنى مەركەزگە قويۇش ئارقىلىق 31-قېتىملىقكىلىمات باشلىقلار يىغىنىنىڭ پەقەت مەلۇم بىر رايونغىلا ئەمەس، بەلكى كىلىمات كىرىزىسىنىڭ تەسىرىگە ئەڭ ئېغىر ئۇچرىغان تىنچ ئوكيان رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئاجىز رايونلارغا مەركەزلىشىشىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«تىنچ ئوكيان رايونى ئاۋسترالىيە ئەڭ دەسلەپتىلا كۈنتەرتىپتە تۇتۇشنى خالايدىغان نازۇك رايون ئىدى. ئۇلار يەر شارىنىڭ دىققىتىنى ئۇ يەرگە تارتىشنى ئويلايتتى. بىز بۇنى چىن دىلىمىزدىن قوللىدۇق. تۈركىيە ھەر ۋاقىت ئاجىز خەلقلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ كەلدى.»

ئۇ ئاخىرىدا، تۈركىيە ساھىبخانلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالسا، تەرەققىي قىلغان ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىيالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Time to share impact of climate crisis equitably: Emine Erdogan

تۈركىيە بىرىنچى خانىمىنىڭ تەشەببۇسلىرى

تۈركىيە بىرىنچى خانىمى ئەمىنە ئەردوغاننىڭ سىجىللىق ۋە كىلىمات ئېڭى توغرىسىدىكى خىزمەتلىرىمۇ تۈركىيەنىڭ سىغدۇرۇشچان كىلىمات رەھبەرلىكىگە بولغان كەڭ ۋەدىسىنى كۈچەيتىدۇ ۋە 31-قېتىملىق كىلىمات باشلىقلار يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىش ئارزۇسى بىلەن ماس كېلىدۇ.

ئەردوغان خانىم بولۇپمۇ 2017-يىلى ئۆزىنىڭ رەھبەرلىكىدە يولغا قويۇلغان ۋە خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان «نۆل تاشلاندۇق تۈرى»  (Zero Waste Project) ئارقىلىق دۆلەتنىڭ مۇھىت كۈنتەرتىپىنى شەكىللەندۈرۈشتە مەركىزى رولنى ئۈستىگە ئالدى.

بۇ تەشەببۇس دۆلەت ئورگانلىرى، شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە خۇسۇسىي ئىگىلىك ساھەلىرىدە تاشلاندۇقلارنى ئازايتىش، يىغىۋېلىش ۋە ئايلانما ئىقتىساد ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەمدە تۈركىيەنى دۇنيا سەھنىسىدە بايلىق ئۈنۈمدارلىقىنىڭ تەشەببۇسچىسى ئورنىغا قويدى.

بۇ تۈر مەسئۇلىيەتچان ئىستېمال ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا قوشقان تۆھپىسى سەۋەبىدىن، دۇنيا سەھنىلىرىدە كۆپ ماختاشلارغا ۋە ب د ت تەرەققىيات پىلانى (UNDP) نىڭ «يەرشارى نىشانلىرى ھەرىكىتى مۇكاپاتى» (Global Goals Action Award)  غا ئېرىشتى.

ئەمىنە ئەردوغان يەنە خەلقئارالىق ئۆلچەملەرنى تۈزۈش ۋە دۇنيا مىقياسىدا نۆل تاشلاندۇق ئەمەلىيىتىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، يەرشارى مۇتەخەسسىسلىرىنى يىغىپ، ب د ت نۆل تاشلاندۇق يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىلەر ھەيئىتىگە رەئىسلىك قىلدى.

ئۇ كىلىمات ھەرىكىتىنى ئەۋلادلار ئارا ئادالەت مەسىلىسى دەپ قارايدۇ ۋە مۇھىتنى قوغداشنىڭ «كەلگۈسى ئەۋلادلار ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت» نىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Türkiye's Zero Waste Movement marks 8th year of economic, environmental, and global impact
ئىزدىنىڭ
ئىرانغا قارشى ئۇرۇش بىلەن بىرلىكتە نېفىت باھاسى 105 دوللاردىن ئېشىپ كەتتى
بېلگىيەدە بىر يەھۇدىي ئىبادەتخانىسى پارتلاپ زىيانغا ئۇچرىدى، ئادەم ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى
تۈركىيە شىمالىي قىبرىسقا F-16 كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى ۋە مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى
يېڭى كۆرۈنۈشلەر ئامېرىكا بومبىسىنىڭ ئىراندىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپ يېقىنىغا چۈشكەنلىكىنى كۆرسەتتى
ئىسرائىلىيە ئىران بىلەن كەم دېگەندە بىر ئاي داۋاملىشىدىغان بىر ئۇرۇشقا تەييارلانماقتا
ئامېرىكا سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ دۆلەتتىن ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ: ئامېرىكا ئىران دېڭىز ئارمىيەسىنى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سۇپىلىرىنى ۋەيران قىلدى
ئەردوغان ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى بارزانى بىلەن تېلېفوندا مۇھىم  سۆھبەت ئۆتكۈزدى
خاقان فىدان: «تۈركىيە ئىران ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن دىپلوماتىيەنى كۈچەيتتى»
نېتانياھۇ ئىرانغا قارشى ئۇرۇشنى «پۈتۈن كۈچى» بىلەن داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى
ئىران ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى، ئامېرىكا بۇ دەۋالارنى رەت قىلدى
ئوسلودىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدا پارتلاش يۈز بەردى
ترامپ ئىراننىڭ قوشنىلىرىغا «تەسلىم بولغانلىقىنى» ئىلگىرى سۈردى، يېڭى ھۇجۇملار بىلەن تەھدىت سالدى
ئەردوغان: «ئىران تىنچلىق مۇساپىسىدىكى كېچىكىش يەر شارىنىڭ مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ»
ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا قانۇنسىز ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەر ئىككى پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى