«تۈركىيە ھەر دائىم تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ كەلمەكتە»

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ  باشلىقى بۇرھانەتتىن دۇران تۈركىيەنىڭ دىيالوگنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان مۇرەسسەچىلىك رولىنىڭ خەلقئارا مۇقىملىق ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

By
«تۈركىيە ھەر دائىم تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ كەلمەكتە» / AA

دۇران ئەنقەرەنىڭ پارچىلانغان خەلقئارا تەرتىپتە مۇقىملىق ئورناتقۇچى كۈچ بولۇش رولىنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئېيتتى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بۇرھانەتتىن دۇران، تۈركىيەنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە كىرىزىسلارنى ھەل قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ مەركىزىدە بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە دۆلەتنىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا بولغان ساداقىتىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە تۈركىيە بۇ قىيىن باسقۇچتا ھەم رايونلۇق مۇقىملىق ئورنىتىش ھەم خەلقىمىزنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش يولىدا قەتئىيلىك بىلەن قەدەم تاشلاشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

دۆلەت مارشىمىز <قورقما> دېگەن سۆز بىلەن باشلىنىدۇ؛ شۇڭا تارىخىمىزدىن ئالغان ئىلھام ۋە كۈچ بىلەن دۆلىتىمىزگە قارىتىلغان تەھدىتلەرگە قارشى تۇرۇشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز.»

بۇرھانەتتىن دۇران ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ دۇنيا رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان دىپلوماتىك ئالاقىلىرىگە ئائىت كۆرۈنۈشلەرنى ۋە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) گۇرۇپپا يىغىنىدىكى نۇتىقىدىن پارچىلارنى ھەمبەھىرلەپ مۇنداق دېدى:

«دۆلىتىمىزدە ۋە دۇنيادا ھەر دائىم تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ كېلىۋاتىمىز.»

بۇرھانەتتىن دۇران تۈركىيەنىڭ تەھدىتلەرگە قارشى قەتئىيلىك بىلەن  تاقابىل تۇرۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكرارلىدى.