تۈرك دۇنياسى
1 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان ئالىيېۋ بىلەن تېلېفوندە كۆرۈشتى
سۆھبەتتە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەر ۋە رايوننىڭ خەۋپسىزلىكى مۇزاكىرە قىلىندى.
ئەردوغان ئالىيېۋ بىلەن تېلېفوندە كۆرۈشتى
ئەردوغان ئالىيېۋ بىلەن تېلېفوندە كۆرۈشتى / AA

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان جەنۇبىي كاۋكازىيەدە مۇقۇملۇق ۋە تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلارنى تۈركىيەنىڭ قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان جۇمھۇر رەئىسى ئىلھام ئالىيېۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ شەنبە كۈنىدىكى باياناتىغا ئاساسلانغاندا، سۆھبەتتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى، شۇنداقلا رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.

سۆھبەتتە ئەردوغان تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ ھەر ساھەدە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەردوغان يەنە تۈركىيەنىڭ جەنۇبىي كاۋكازىيەدە مۇقىملۇق ۋە تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلارنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

«تېرروردىن خالىي تۈركىيە» نىشانى بىلەن باشلانغان بۇ باسقۇچ ئۈستىدىمۇ توختالغان ئەردوغان، بۇ جەرياننىڭ رايوندىكى تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىنى يوقىتىشقا تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئەردوغان مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىدىغان بۇ جەرياننىڭ رايوننىڭ خەۋپسىزلىكىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئالىيېۋ بولسا تۈركىيەنىڭ «تېرروردىن خالىي تۈركىيە» نىشانى بىلەن باشلىغان بۇ جەرياندا ئېرىشكەن مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈردى. ئالىيېۋ بۇ جەرياندا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەردىن خۇرسەن بولغانلىقىنى ئىپادىلەپ، بۇ جەرياننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىپ، نىشانىغا يېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Türkiye has won: Erdogan says after PKK terrorists disarm

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
ترامپ بېيجىڭدا خىتاينىڭ ئامېرىكا كارخانىلىرىغا ئىشىك ئېچىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلەتمەكچى
تۈركىيە-ئەرمېنىيە مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇش مۇساپىسىدە يېڭى قەدەم تاشلىنىدۇ
ئامېرىكا-ئىران ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىيە تۇيۇق يولغا كىرىپ قالدىمۇ؟
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قازاقىستاندا زىيارەتتە بولىدۇ
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: دۆلەتلەر يېڭى خانتاۋىرۇسى يۇقۇمىغا تەييار تۇرۇشى كېرەك
ترامپ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى يازمىسىدا ۋېنېزۇئېلانى ئامېرىكانىڭ «51-ئىشتاتى» دەپ ئاتىدى
لىۋاننىڭ جەنۇبىغا ئىسرائىلىيەنىڭ قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا ئاز دېگەندە 6 كىشى ئۆلتۈرۈلدى
ئىسپانىيە «ياۋروپا ئارمىيەسى قۇرۇش» نى چاقىرىق قىلدى
ۋېنېسۇئېلا ئامېرىكا پېرىزىدېنتى ترامپنىڭ «51-ئىشتات» دېگەن سۆزىگە نارازىلىق بىلدۈردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
ترامپ خىتاي زىيارىتىدىن كېيىن سالامەتلىك تەكشۈرىشىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ
ئىران ئۇرۇشى ئامېرىكا پۇقرالىرىغا 37 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قوشۇمچە ئېنېرگىيە چىقىمى يۈكلىدى
خانتا ۋىرۇسى ۋەھىمىسى تارقالغان پاراخوت تارقاقلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن گوللاندىيە تەرەپكە بۇرۇلدى
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئىرانغا مەخپىي ھۇجۇملارنى قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
بېن گۋىر ياۋروپا ئىتتىپاقىنى «يەھۇدىيلارغا ئۆچمەنلىك قىلىش» بىلەن ئەيىبلىدى