سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى يولىنى «ئاخىرىدا» قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېيتتى
پىرېزىدېنت ۋولودىمىر زېلېنسكىي موسكۋانىڭ ئۇكرائىنانىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىغا يەنىلا قارشى چىقىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما پۇتىننىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش توغرىسىدىكى بېشارىتىنى قىزغىن قارشى ئالدى ۋە ۋېنگىرىيەنى مەيدانىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىردى.
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى يولىنى «ئاخىرىدا» قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېيتتى
زېلېنسكېي: «كىيېف ياۋروپا ھەمكارلىرىنىڭ تولۇق قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىنى كۈتىدۇ» / AP

پىرېزىدېنت ۋولودىمىر زېلېنسكىي  موسكۋانىڭ ئۇكرائىنانىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىغا يەنىلا قارشى چىقىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما پۇتىننىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش توغرىسىدىكى بېشارىتىنى قىزغىن قارشى ئالدى.

زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ « ئەڭ ئاخىرىدا» كىيېۋنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش ئارزۇسىنى كېچىكىپ بولسىمۇ قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېيتىپ، ۋېنگىرىيەنى ئۇكرائىنا بىلەن سۆھبەتلىشىشكە قارشى مەيدانىنى قايتا ئويلاپ بېقىشقا چاقىردى.

ئۇكرائىنا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زېلېنسكىي ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئانتونىيو كوستا بىلەن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: «ئاخىرىدا، بىز رۇسىيەدىن ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشىنى قوبۇل قىلغانلىقى توغرىسىدىكى سۆزلەرنى ئاڭلاشقا باشلىدۇق. ئۇلارنىڭ رېئاللىقنى بۇنچىۋالا كېچىكىپ قوبۇل قىلغانلىقىغا ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىق.»

ئۇ موسكۋانىڭ 2013-يىلدىن بۇيان بۇ پىكىرگە قارشى تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى خاتىرىلەتتى.

ئۇ: «ئەمما، رۇسىيەنىڭ ياۋروپادىكى باشقا چوڭ دوستلىرى بۇنى ئاڭلىشى كېرەك. پۇتىن قارشى تۇرمىسىمۇ، بەزى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ۋېنگىرىيەنىڭ سۆھبەت گۇرۇپپىلىرىغا بولغان مەيدانى ھەقىقەتەن غەلىتە كۆرۈنىدۇ» دېدى.

سەيشەنبە كۈنى (2-سېنتەبىر)، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بېيجىڭدا سلوۋاكىيە باش مىنىستىرى روبېرت فىكو بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن ،مۇخبىرلارغا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشىغا قارشى تۇرمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

ناتو غا ئەزا بولۇشقا قارشى تۇرۇش

پۇتىن موسكۋانىڭ كىيېۋنىڭ ناتوغا قاتنىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ ئىككى تەشكىلاتنى پەرقلەندۈرىدىغانلىقىنى، ناتونى بىۋاسىتە بىخەتەرلىك تەھدىتى سۈپىتىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى بولسا، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي گەۋدە سۈپىتىدە كۆرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ئۇكرائىنانىڭ 2014-يىلدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشىنى، «غەرب قوللىغان سىياسىي ئۆزگىرىش» ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىلگىرى سۈردى.

ئۇكرائىنا 2022-يىلى 2-ئايدا ئۇرۇش باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، دەرھال رەسمىي ھالدا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلغان، ھەمدە شۇ يىلى كېيىن نامزاتلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ئىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش سۆھبەتلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچىدىكى تالاش-تارتىشلار، جۈملىدىن ۋېنگىرىيەنىڭ قارشى تۇرۇشى سەۋەبىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان بولۇپ، بۇداپېشت كىيېۋنىڭ تەلىپىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قەدەملەرنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.

زېلېنسكىي كىيېۋنىڭ ياۋروپا شېرىكلىرىدىن بىر پۈتۈن ھالدا قوللاشنى كۈتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئۇ: «» بارلىق ئىتتىپاقداشلىرىمىز ۋە بارلىق ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىرىنىڭ ئوخشاش ئاۋاز چىقىرىشى ئىنتايىن مۇھىم. ياۋروپاغا بارىدىغان يول خەلقىمىزنىڭ تاللىشى بولۇپ، ئۇنى ھۆرمەتلەش كېرەك» دېدى.

ئىزدىنىڭ
سۈرىيە «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلدى
باڭلادېش «مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى» گە قاتنىشىشقا قىزىقىۋاتىدۇ
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن فىرانسىيە پەلەستىن دۆلىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: زۆرۈر تېپىلسا، ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىمىز
سۈرىيەنىڭ تەدمۇر شەھىرىدە ئەسكى-تۈسكى يىغقۇچىنىڭ قاپچۇقىدىكى بومبا پارتلاپ، بىر كىشى ئۆلدى
خىتاي ۋە ئىيوردانىيە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ: «ئىران پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇۋاتىدۇ»
شارا: سۈرىيە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى
ھايتىدا شايكىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 43 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كراسنودار رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ئومان دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر نېفىت تانكېرى زەربىگە ئۇچرىدى
رۇسىيە: ئەنگلىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 422 گە يەتتى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى مۇقىمسىزلىققا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى دوست-دۈشمەنگە جاكارلىدۇق
ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەتە تېھرانغا بارىدۇ