تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيەدە ئىككى كىشى موساد ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىندى
ئالاقىدا مەسئۇللار، خۇسۇسىي رازۋېدچىك ۋە ئادۋوكاتنىڭ ئىسرائىلىيە ئاخبارات خادىملىرىغا ئۇچۇر ساتقانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيەدە ئىككى كىشى موساد ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىندى
https://www.trtworld.com/article/e5d793270b06 / AP

ئىسرائىلىيەنىڭ ئاخبارات ئورگىنى موساد ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىككى كىشى، مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MİT)، ئىستانبۇل جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسى ۋە ئىستانبۇل ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىرلەشمە ھەرىكىتىدە قولغا ئېلىندى.

دائىرىلەر، گۇماندارلاردىن بىرى سەركان چىچەك بولۇپ ئۇنىڭ بىۋاسىتە موساد ئۈچۈن ئىشلىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئادۋوكات توغرۇلخان دىپنىڭ بولسا تەشكىلات بىلەن ئالاقىسى بار رازۋېدچىكلارغا ئۇچۇر ساتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

تەپتىشلەر تەرىپىدىن سوراق قىلىنغاندىن كېيىن، ھەر ئىككى گۇماندار «سىياسىي ياكى ھەربىي جاسۇسلۇق مەقسىتىدە دۆلەتنىڭ مەخپىي ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ، سوتقا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى ۋە تۇتۇپ تۇرۇشقا ھۆكۈم قىلىندى.

دائىرىلەر مۇھەممەت فاتىھ كەلەش دەپمۇ ئاتالغان چىچەكنىڭ خۇسۇسىي رازۋېدكا ئىدارىسىنى باشقۇرىدىغانلىقىنى ۋە موساد جاسۇسىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئىستانبۇلدا بىر پەلەستىنلىك پائالىيەتچىنى كۆزەتكەنلىكىنى ۋە بۇ ۋەزىپە ئۈچۈن 4000 دوللار قىممىتىدىكى شىفىرلىق پۇل ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

دىپنىڭ بولسا ھۆكۈمەت ئارخىپلىرىدىن شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئۈچۈن رازۋېدچىكلارغا تەمىنلىگەنلىكى ۋە چىچەك بىلەن باشقا جاسۇسلارنى قوللىغانلىقى قەيت قىلىندى. چىچەكنىڭ ئىلگىرى ئىسرائىلىيە ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن 19 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مۇسا كۇش بىلەن بىللە ئىشلىگەنلىكىمۇ ئاشكارىلاندى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Turkish intelligence detains private detective accused of spying for Mossad in Istanbul

ئىزدىنىڭ
ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە قايتىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 81 - نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان غازىلار بايرىمىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى
غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئوقۇش قايتا باشلاندى
تېھران - ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى خەلقئارالىق دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار ۋە مۇرەسسەچىلىك داۋاملاشماقتا
ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
پۇتىن: كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق
ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن «ناھايىتى ئۈنۈملۈك» كۆرۈشۈش ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى