خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ ئامېرىكادىكى كۆرۈشۈشتىن كېيىن خوندۇراسنىڭ يېڭى رەھبىرىگە يۇقىرى باھا بەردى
ترامپ «Truth Social» سۇپىسىدا ئۇچۇر يوللىغان: «دوستۇم ۋە خوندۇراس پىرېزىدېنتى ناسرى 'تىتو' ئاسفۇرا بىلەن ئىنتايىن مۇھىم بىر سۆھبەت ئۆتكۈزدۈم» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.
ترامپ ئامېرىكادىكى كۆرۈشۈشتىن كېيىن خوندۇراسنىڭ يېڭى رەھبىرىگە يۇقىرى باھا بەردى
ترامپ ئامېرىكادىكى كۆرۈشۈشتىن كېيىن خوندۇراسنىڭ يېڭى رەھبىرىگە يۇقىرى باھا بەردى / AFP

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ شەنبە كۈنى مار-ئا-لاگو دەم ئېلىش رايونىدىكى بىر قېتىملىق كۆرۈشۈشتىن كېيىن، سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى جەريانىدا قوللىغان خوندۇراسلىق مەنسەپدىشى ناسرى ئاسفۇراغا يۇقىرى باھا بەردى.

كونسېرۋاتىپ سودا ئادىمى ۋە خوندۇراسنىڭ پايتەختى تېگۇسىگالپانىڭ سابىق شەھەر باشلىقى ئاسفۇرا، ترامپنىڭ قوللىشى بىلەن نويابىردىكى سايلامدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئۆتكەن ھەپتە قەسەم بېرىپ ۋەزىپە باشلىغان ئىدى.

ترامپ «دوستى» ئۇتتۇرۇپ قويغان تەقدىردە، ئوتتۇرا ئامېرىكانىڭ ئەڭ نامرات دۆلىتىگە قىلىنىدىغان ياردەملەرنى كېسىۋېتىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سالغان ئىدى.

ترامپ «Truth Social» سۇپىسىدا: «دوستۇم ۋە خوندۇراس پىرېزىدېنتى ناسرى 'تىتو' ئاسفۇرا بىلەن ئىنتايىن مۇھىم بىر سۆھبەت ئۆتكۈزدۈم. مەن كۈچلۈك قوللىشىمنى بەرگەندىن كېيىن ئۇ سايلامدا غەلىبە قىلدى! تىتو بىلەن مېنىڭ 'ئالدى بىلەن ئامېرىكا'  قاتارلىق نۇرغۇن قىممەت قارىشىمىز ئورتاقتۇر. بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە ئىنتايىن يېقىن بىر شېرىكلىك مۇناسىۋىتىمىز بار» دەپ ئۇچۇر يوللىدى.

ترامپ ئىككەيلەننىڭ مەبلەغ سېلىش ۋە سودا مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاسفۇرانىڭ يەكشەنبە كۈنى سۆھبەتلەر ھەققىدە مەتبۇئاتقا بايانات بېرىشى پىلانلانماقتا.

خوندۇراس پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئىككى رەھبەرنىڭ كۈلۈمسىرەپ باش بارماقلىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ چۈشكەن بىر پارچە سۈرىتىنى ھەمبەھىرلىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Trump intervenes in Honduras election, backs Asfura and vows pardon for ex-president Hernandez

دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىش

ئاسفۇرا بۇنىڭدىن ئىلگىرى، 12-يانۋاردا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، كۆرۈشۈشتىن كېيىن ئىككى دۆلەت ئەركىن سودا كېلىشىمى پىلانلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئاسفۇرانىڭ غەلىبىسى چىلى، بولىۋىيە، پېرۇ ۋە ئارگېنتىنادا سولچىللارنىڭ ئورنىغا، بولۇپمۇ جىنايەت ۋە پاراخورلۇققا قارشى تۇرۇش شوئارى بىلەن سايلامغا كىرگەن كونسېرۋاتىپلارنىڭ چىقىشىدىن كېيىن، ترامپقا لاتىن ئامېرىكاسىدا يەنە بىر ئىتتىپاقداش قازاندۇردى.

ترامپ ۋاشىنگتوننىڭ «ئارقا ھويلىسى» دەپ قارىلىدىغان بۇ دۆلەتلەرنى ۋاشىنگتون بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىش ياكى بېيجىڭ بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئارىسىدا تاللاش ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇرلىماقتا.

سولچىل رەھبەر شىئومارا كاسترونىڭ ئورنىغا چىققان ئاسفۇرا، دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى خىتايدىن ئاپتونوم تايۋان ئارىلىغا يۆتكەشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

 

خوندۇراس سايلىمىدىن ئىلگىرى، ترامپ دېكابىر ئېيىدا تۇيۇقسىز بىر قەدەم تاشلاپ، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى بىلەن ئامېرىكادا 45 يىللىق جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان ۋە ئاسفۇرانىڭ پارتىيەسىدىن بولغان سابىق پىرېزىدېنت خۇان ئورلاندو ھېرناندېزنى ئەپۇ قىلدى.

ھېرناندېز ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا 400 توننا چەكلەنگەن ماددا ئەتكەس قىلىشقا ياردەم بەرگەنلىك بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى.

ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا «چەكلەنگەن ماددا توشۇيدىغان كېمىلەر» دەپ قارالغان پاراخوتلارنى يوقىتىۋاتقان ۋە ۋاشىنگتون زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن ئەيىبلەۋاتقان ۋە مادۇرۇغا قارىتا بېسىمنى ئاشۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، ترامپنىڭ ھېرناندېزنى ئەپۇ قىلىش قارارى كۈچلۈك تەنقىدلەرگە ئۇچرىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Trump-backed businessman Nasry Asfura takes oath as president of Honduras
ئىزدىنىڭ
كانادا باش مىنىستىرى كارنېي: تۈركىيە ناتو ئىچىدىكى ئىنتايىن مۇھىم ئىتتىپاقداش
خىتاينىڭ جەنۇبىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا يەتتە كىشى ئۆلدى، 17 كىشى يارىلاندى
مۇتەخەسسىسلەر ئاۋسترالىيە ئوچۇق دېڭىزىدا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كىت قەبرىستانلىقىنى بايقىدى
ئەسلى گۈۋەن: «يېقىن شەرقتىكى تىنچلىق رايون خاراكتېرلىكلا ئەمەس، يەر شارى خاراكتېرلىك بىر مەجبۇرىيەت»
ترامپ ئىرانغا كېلىشىم ھاسىل قىلمىغان تەقدىردە كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەر بىلەن تەھدىت سالدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى غەززەدە ئىنسانىي تىراگېدىيەنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرد
ئىران ھورمۇز بوغۇزىنى بارلىق پاراخوتلارغا تاقىغانلىقىنى جاكارلىدى
ئىران كۇۋەيت ۋە بەھرەيندىكى ئامېرىكانىڭ 18 چوڭ ھەربىي بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى
ترامپ: ئىران دائىرىلىرى ھۇجۇملىرىمىزنى توختىتىش ئۈچۈن ماڭا تېلېفون قىلدى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى بومباردىمان قىلدى
ئىران ئىيوردانىيە ۋە بەھرەيندىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قىلغان ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە مىڭلىغان ئىرانلىق سۇسىز قالدى
مىنىستىر خاقان فىدان بۇلغارىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
ئەردوغان: ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيە ۋە لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى تۈركىيەگىمۇ تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ
فىلىپپىندە 7.8 بال يەر تەۋرىدى